قەشقەرنى تەۋرەتكەن بىر پارچە خەۋەر ۋە بۇ ھەقتىكى بىر مەخپىي دوكىلات

( "يەرشارى ئاۋازى" ۋە " زىمىستان" تورىدا ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلىنغان مۇشۇ تىمىدىكى ماقالىدىن ئۈزۈندىلەر تەرجىمىسى)
 
كۆك بايراق، 2023-يىلى 26-ئىيۇن
 
يېقىندا يوپۇرغا ناھىيەلىك پارتىكوم قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىكومغا يوللىغان بىر مەخپىي دوكىلات ئاشكارىلاندى. ......
......................
 
دوكىلاتتىن مەلۇم بولىشىچە، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى 2018 ‏-يىلى 8 ‏-مارت كۈنى يوپۇرغىدا 80 ياشلىق بىر بوۋاينى تام بېسىۋېلىپ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەندىن كېيىن، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتىكوم ۋە يوپۇرغا ناھىيەسىدىكى بايلىق كادىرلار ھەركەتكە كېلىپ، بۇ " دۆلەت مەخپىيەتلىكى ئاشكارىلىنىپ كېتىش ۋەقەسى" ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ناھىيە گۇناھىنى مۇنداق شەكىلدە بوينىغا ئالغان: « ۋىلايەتنىڭ 'چەتئەلدىن كەلگەن تېلىپونلارنى قەتئىي ئالماسلىق، ئېلىپ قالسا قەتئىي گەپ قىلماسلىق' دېگەن قائىدىسىگە ئەمەل قىلالماي قالدۇق..... بۆلگۈنچىلەرنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ كېتىپ قالدۇق.... بەلكىم تېرورلۇققا قاتتىق زەربە بېرىشتىكى غەلىبىمىزىن مەغرۇرلۇنۇپ بىخوتلۇشۇپ قالدۇق.... ئەسلىدە بۇ بىر ئىجدىمائىي قازا ئىدى، دۈشمەن كۈچلەر بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ دۆلىتىمىزنىڭ يۈزىگە قارا سۈركىدى، بىز ئۇلارنىڭ ئېغىزىغا لوقما سېلىپ بەردۇق....»......
....................
 
دوكىلاتتا،دىيىلىشىچە، شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە ناھىيە بويىچە سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئېچىلغان ، ئەتىسى 178 كادىرغا 4 گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. تەكشۈرۈشتە ناھىيە بويىچە يېقىنقى 3 ئايلىق كىرگەن-چىققان تېلىپون ئاۋاز خاتىرىسى تەكشرۈلگەن، ناھىيەدىكى چەتئەلدە دوست ۋە تۇققانلىرى بار پۈتۈن ئائىلىلەر نۇقتىلىق تەكشۈرلگەن. تەكشۈرۈشتىن كېيىن ۋەقەدە "مەسئۇلىيىتى" بارلار قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىنغان. بۆلگۈنچىلەرنىڭ قايتا تېلىپون قىلىپ خادىملارنى ئالداپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، 3 يىلدىن ئارتۇق قولللىنىلغان 400 نەچچە ئىدارە ۋە ئۆي تېلىپونىنىڭ نومۇرلىرى ئۆزگەرتىۋېتىلگەن...........
.........................
نىماچە جىددىيلىشىش ، نىمانچە ئەنسىزلىك بۇ؟
 
بۇ يەردە ئىپادىلىنىۋاتقىنى ئوغرىنىڭ گۇمانخورلۇق پىسخىكىسىمۇ؟ رەزىللەرنىڭ خۇدۈكچىلىكىمۇ؟ بىر قاتىلنىڭ گۇناھكارلىق تۇيغۇسىمۇ؟ ياكى جىنايەتچىنىڭ جىنايەت ئىشلەۋاتقان مەزگىلىدە تۇتۇلۇپ قېلىشىنىڭ پاراكەندىچىلىكىمۇ؟
 
سەۋەبى نىمە بولسا بولسۇن، دۇنيا جامائىتى بىلىپ قېلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا بار: مانا بۇ دۇنياغا خوجا بولىمەن دەپ پايپاسلاۋاتقان ۋە «دۇنياغا يېڭى تەرتىپ، يېڭى نىزام ئېلىپ كېلىمەن» دەپ جار سېلىۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ ئەسلى تەبىئىتى ۋە نۆۋەتتىكى روھ ھالىتى. .....شۇنداقلا دۇنياغا ئېلىپ كېلىدىغانلىرى.............
................................