ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق دەپ ئەيىبلەنگەن ئىككى كانادا شىركىتى، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ كانادا شىركەتلىرىنىڭ چەت ئەلدىكى سودا پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىش ئورگانى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان.
كانادا شىركەتلىرىنىڭ چەت ئەلدىكى سودا پائالىيەتلىرىدە كانادا قانۇنى، كانادانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە سودا ئەخلاقىي پىرىنسىپلىرىغا ئەمەل قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش ئورگانى بولغان «كانادا كارخانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى » 11-ئىيۇل كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىپ، نايكې شىركىتىنىڭ كانادا تارمىقى بىلەن «كانادا خان جەمەتى ئالتۇنچىلىق شىركىتى» ناملىق كانچىلىق شىركىتى ئۈستىدىن رەسمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، مەزكۇر ئورگان نايكې شىركىتىنىڭ كانادا تارمىقى بىلەن «كانادا خان جەمەتى ئالتۇنچىلىق شىركىتى» ئۈستىدىن بۇ شىركەتلەرنىڭ «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىشلەتكەن ياكى ئۇنىڭدىن پايدا ئالغان» دېگەن شىكايەتكە ئاساسەن بۇ تەكشۈرۈشنى باشلىغان. مەزكۇر ئورگاننىڭ باش نازارەتچىسى شېرى مېيېرخوففېر (Sheri Meyerhoffer) خانىمنىڭ يۇقىرىقى ئىككى شىركەت ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان ۋە 11-ئىيۇل كۈنى ئېلان قىلىنغان دەسلەپكى تەكشۈرۈش دوكلاتى تاماملانغاندىن كېيىن، رەسمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
«كانادا كارخانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى» يۇقىرىقى ئىككى شىركەت ئۈستىدىن باشلىغان تەكشۈرۈشى «كانادا ئۇيغۇر ھەقلىرىنى قوغداش قۇرۇلۇشى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان 28 ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ 2022-يىلى 6-ئايدا سۇنغان ئەرزىگە ئاساسەن قارار قىلغان. بۇ تەشكىلاتلار كانادانىڭ كارخانىلارنى نازارەت قىلىش ئورگانىغا جەمئىي 13 شىركەت ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە نازارەت ئورگانى قالغان 11 شىركەت ئۈستىدىن داۋاملىق باھالاش ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.