بىر ئادەمنىڭ بىناسى

 
قۇربان مامۇت تۇتقۇن قىلىنغانغا ئىككى يىلدىن ئاشتى. ئۇنىڭغا ئوخشاش 400 دىن ئارتۇق سەرخىلنىڭ قاماقلارغا مەھكۇم قىلىنىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردا ۋە دۇنيا جامائىتىدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ئۇيغۇر زىيالىلار 2017-يىلدىكى بۇ ئاممىۋىي تۇتقۇنغا ئۇچراشتىن كېيىن بىر كۈچ سۈپىتىدە دۇنياغا نامەلۇم ئىدى. بۇ ئىككى يىلدا ئۇيغۇرلار دۇنيادا ئۆزىدىن چىققان تۇتقۇن مۇھەرىرلەر، ئاخباراتچىلار، يازغۇچىلار، شائىرلار، تەتقىقاتچىلار، ئۆلىمالار، كارىخانىچىلار بىلەن تونۇلۇشقا باشلىدى. تۇتقۇن زىيالىلار ۋەتەندە خەلقىگە دۇنيانى، جەمئىيەتنى، تەبىئەتنى، ئەڭ موھىمى ئۆزىنى تونۇتقان بولسا چەت ئەللەردە ئۇلارنىڭ تۇتقۇنلۇق قىسمىتىمۇ ئۇيغۇرنى دۇنياغا تونۇتۇشقا يارىدى.
 
قۇربان مامۇت خىتايدا قىزىل تۈزۈم ئورنىتىلغاندىن كېيىن يېتىشىپ چىققان، ئەمما قىزىل ھاكىمىيەت ياراتقان شارائىت بىلەن ئۇيغۇرنى يۈكسەلدۈرگەن زىيالىلارنىڭ بىرى. ئۇ خىتاي يول قويغان پىكىر ئەركىنلىكىدىن ئەڭ مۇكەممەل پايدىلانغان زىيالى، خىتاي تەسىس قىلغان تەشۋىقات قورالىنى ئۇيغۇرنىڭ قولىغا پايدىلىنىش، مەنپەئەتلىنىش ۋە مەرىپەتلىنىش ۋاستىسى قىلىپ تەقدىم قىلاللىغان قەيسەر ئىدى. ئۇنىڭ بەرپا قىلغىنى بىر ژورنالنىڭ نوپۇزى ئەمەس، بىر تەپەككۇر بىناسىنىڭ نوپۇزى، بىر ئىجادىيەت بېغىنىڭ ھوسۇلدارلىقى، ئۇيغۇر يۈكسىلىش ھەرىكىتىنىڭ جۇشقۇن مەنزىرىسى ئىدى.
 
مەن 2005-يىلى چەت ئەلگە چىقىپ مۇھاجىرەتكە 50-يىللار، 60-يىللار ۋە 80-يىللاردا قەدەم قويغانلار بىلەن مۇڭدىشىپ باققان. ئەپسۇسلۇق ئىچىدە بايقىغىنىم، ئۇلاردىكى ئۇقۇشماسلىق خىتايدا كۆرۈلگەن ئۇيغۇرغا مەنپەئەتلىك بولۇۋاتقان ھەر قانداق ھادىسىدىن گۇمانسىراش، ئۇلارنى خىتاي سۈيقەستى، ئالدامچىلىقى دەپ قاراپ خىتاينىڭ پايدىسىغا ئۇيغۇرنىڭ زىيىنىغا بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىش ئىدى. ئۇلار خىتايدا پارلىغان ھەرقانداق ئۇيغۇرنى خىتاينىڭ پارلاتقانلىقىغا ئىشىنىشەتتى. مېنىڭ شۇ چاغدا بىر سورۇندا «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» مۇھەرىرى قۇربان مامۇتنىڭ بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئىشىنى قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرچە نەشرىيات قۇرۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى، خالمۇرات غوپۇرنىڭ ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىسىنى شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتىگە قوشۇپ، بىر ئۇيغۇر تېبابەت ئىنىستىتوتى قۇرۇشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتقىنىم مەسخىرىگە سەۋەپ بولغان ئىدى. مەن شۇ چاغدا كىشىلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ھەممىنى خىتاينىڭ قۇدرىتىگە، سۈيقەستىگە ۋە يېڭىلمەس تەسىرىگە باغلاپ چۈشىنىپ، ئۇيغۇرنىڭ ۋەتەندىكى پاراسىتىنى، كۈچىنى، تەشەببۇسكارلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدىغانلىقىنى چۈشىنەلمىگەن ئىدىم.
 
قۇربان مامۇت ئۇيغۇرلاردا بىر ئەۋلات ئويغاتقۇچى زىيالىلارغا، بىر تۈركۈم يېڭى قەلەمكەشلەرگە سەھنە ھازىرلاپ بەرگەن، ئۇيغۇرلاردا تەپەككۇر يېڭىلىقى يارىلىشىغا پۇرسەت ياراتقان تەشكىلاتچى ئىدى. ئۇ باش مۇھەرىرلىكىنى قىلغان «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» 80-يىللاردا نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ «جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا» دېگەن يۈرۈشلۈك ئەسەرنى ئېلان قىلىپ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خوراپاتلىق، شەخسكە چوقۇنۇش، تارىخىنى نائىنىق پىر-ئۇستازلارنى ئۇلۇغلاشلارغا قارشى كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلغان. ئۇ يەنە مەمتىلى زۇنۇننىڭ «مۇناپىقنىڭ ئۆلۈمى» دېگەن پوۋېستىنى ئۇلاپ ئېلان قىلىپ ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى قارا داغلارغا ئەينەك تۇتقان. ھەتتا بۇ ئەسەرلەرنىڭ تەسىرىدە شۇ چاغدا نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ئۆيىگە ئابدۇغوپۇر شاپتۇل داموللامنىڭ قىزى كېلىپ دادىسىنى ئاقلاپ ئەسەر يېزىشنى تەلەپ قىلغان ئىكەن. ئەگەر يۇقىرىقى ئەسەرلەرنىڭ تەسىرى قەشقەردە كىتاپتىن خالى ياشايدىغان كىشىلەر ئارىسىدىمۇ شاۋقۇن-سۈرەن چىقارمىغان بولسا، ئۇنداق بىر تەلەپ مەيدانغا چىقمىغان بولاتتى.
 
قۇربان مامۇت 90-يىللاردىن كېيىن «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىدا ياشلارغا ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن، ئۇلارنى يېتەكلىگەن ئىدى. ژورنالدا تەسىس قىلغان «تەپەككۇر تەرمەچلىرى» سەھىپىسى يېڭىدىن ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، ئۆزى يازالمىسىمۇ يېزىلغانلاردىن قاندان بەھىرلىنىشنى بىلىدىغان ياشلارغا پۇرسەت ياراتقان ئىدى. ئۇ ياشلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىگە، خىزمىتىگە، تېخىمۇ يۇقۇرى ئۆرلىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرەتتى. مېنىڭ بىلىشىمچە، توققۇزاق ناھىيە، ئوپال يېزىسىدا ئىشلەيدىغان بىر ئوقۇتقۇچى قىزنىڭ ئەۋەتكەن ھىكايىسى قۇربان مامۇتقا ياراپ كېتىپ ئېلان قىلىنغان. قۇربان مامۇت ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ قىزنى مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىگە تەۋسىيە قىلغان ئىكەن. بۇ قىز شۇ ئورۇندا ياخشى ئىشلەپ، ئۆزلىگىدىن ئېنگىلىزچە ئۆگىنىپ، شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتىنىڭ ماگىستىر ئاسپرانتلىقىغا ئوقۇشقا ماڭغان ئىدى.
 
قۇربان مامۇت «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ ھەر سانىدا ئىلمىي ماقالىلەرگە ئورۇن بەرگەن، ئىلمىي تەپەككۇرنىڭ ئەدەبىي ژورناللاردىن، خەلقتىن ئايرىلىپ قېلىشىغا خاتىمە بەرگەن ئىدى. ئۇيغۇرچە ئىلمىي ژورناللار ئاساسەن ئالى مەكتەپلەردىن چىقىدىغان بولغاچقا كىتاپخانىلاردا سېتىلمايتتى. بۇنداق ژورناللاردىكى بىلىملەردىن شۇ كەسپنىڭ ئەھلى بولمىغان كىشىلەر بىخەۋەر قالاتتى. «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» تارىخ، پىسخولوگىيە، جەمئىيەتشۇناسلىق، ئىنسانشۇناسلىق، قانۇن قاتارلىق پەنلەردە يېتىشكەن مۇتەخەسىسلەرنىڭ ماقالە ۋە تەھلىللىرىنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يۇقىرىقى پەنلەرگە دائىر بىلىملەرنىڭ ئومۇملىشىشى، چوڭقۇرلىشىشىغا ھەسسە قوشقان.
 
قۇربان مامۇت ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئاممىباپ ماقالە (پۇبلىستىك ماقالە دېيىلگەن) ژانېرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئەدەبىي ژانىرلاردا يازمايدىغان، ھېكايەسىز يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ماھىللىقىدىكى كىشىلەرگە بىر تاللاشنى تەقدىم قىلدى. بۇ ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئىلمىي ژورناللىرىغا ماسلاشمايدىغان، ئەدەبىي ژورناللار قوبۇل قىلمايدىغان بىر تۈركۈم ئەسەلەرگە چىقىش يولى ياراتتى. نەتىجىدە ئۇيغۇرلاردا «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» گە يېزىش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. ھەتتا ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەردە بىر ئاممىباپ ماقالىنىڭ سۈپىتىنى «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» دە ئېلان قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقى بىلەن ئۆلچەيدىغان يۈزلىنىش شەكىللەندى.
 
قۇربان مامۇتنىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» دە ۋۇجۇتقا چىقارغان مۇۋەپپەقىيىتى ئۇيغۇرچە ژورناللاردا مەزمۇن يېڭىلىنىشقا، يېڭىچە تەپەككۇر بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلەرگە يۈزلىنىشكە تۈرتكە بولدى. «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ئۇيغۇر نەشرىياتچىلىقىدا بىر ئەندىزە ياراتتى. نەتىجىدە «تۇرپان»، «بوستان»، «قومۇل ئەدەبىياتى»، «مىراس» قاتارلىق ئۇيغۇرچە ژورناللار بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەندىزە بويىچە يول تۇتۇپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
 
قۇربان مامۇت ئۇيغۇر تىلىنىڭ باشقا مىللەتلەر ئارىسىدىكى نوپۇزى ۋە تەسىرىنى كېڭەيتىش ۋە كۈچلەندۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇ «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» دە ئۇيغۇر تىلىدا يېزىقچىلىق قىلىدىغان باشقا مىللەت يازغۇچىلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىشقا ئەھمىيەت بەردى. ئۇلارنى ئۇيغۇرچە يېزىشقا رىغبەتلەندۈردى. شۇنىڭ بۇ ئۇيغۇرچە ژورنال ۋەتىنىمزىدە ئۇيغۇرچە بىلىدىغان باشقا مىللەتلەرمۇ سۆيۈپ ئوقۇيدىغان نەشىر ئەپكارىغا ئايلاندى. نەتىجىدە مەخسۇس «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» گە ماقالە يازىدىغان قازاق ۋە قىرغىز يازغۇچىلار بارلىققا كەلدى. بولۇپمۇ ئابدۇراخمان ئەزىز ئوغلى ئۇيغۇرچە ئەسەرلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى.
 
قۇربان مامۇت «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىنى 30 يىلغا يېقىن چىقاردى. دۇنيادىكى نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كىشىلەرگە 30 يىل بىر كەسىپ ئۆگنىشكە، ئائىلە قۇرۇشقا، ياكى بىرەر شىركەت قۇرۇشقا يېتىشى مۇمكىن. ئەمما قۇربان مامۇتقا بۇ ئوتتۇز يىل بىرمىللەتنىڭ ئىجادىيەت ھاياتىنى يېڭىلاشقا، سەنئەت روھىنى ئۇرغۇتۇشقا، پەننى تەپەككۇرىنى يۈكسەلدۈرۈشكە، ئىلمىي قۇۋۋىتىنى قاناتلاندۇرۇشقا يەتتى. قۇربان مامۇتنىڭ بۇ ئىقتىدارى ئۇنى ئارامغا چىققاندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر تەپەككۇر ئەھلىنىڭ تەشكىلاتچىسى سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇردى. قۇربان مامۇتنىڭ بۇ يىقىلماس نوپۇزى خىتاينىڭ كۆزىگە مىقتەك قادىلىپ ئۇنى زۇلۇم ئوقىغا نىشان قىلدى.
 
قۇربان مامۇتنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
 
تۆھپىكار ژۇرنالىست قۇربان مامۇت 1950-يىلى كۇچا ناھىيە بېھىشباغ يېزا بوستان كەنتىدە تۇغۇلغان. 1968-يىلى ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ، 1972-يىلدىن 1976-يىلغىچە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقىغان. 1976-يىلدىن 1984-يىلغىچە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسىسىدا مۇخبىر، مۇھەررىر، 1985-يىلدىن 2011-يىلغىچە «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا مەسئۇل مۇھەررىر، باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ پېنسىيەگە چىققان. 2018-يىلى تۇتقۇن قىلىنغان.
 
(فوتو سۈرەت: 2013-يىلى 14-ماي، كۇچا ناھىيەسىدە ئۆتگۈزۈلگەن ئۇستاز، ژۇرنالىست، شائىر قۇربان مامۇتقا تون كىيدۈرۈش مۇراسىمى)
 
2021-يىلى 4-يانۋار، نورۋېگىيە