تاھىر ھامۇتنىڭ كىتاۋى ۋە سۇنمىغان مىللىي روھ

(بۈگۈن "زىمىستان " تورىدا ئېلان قىلىنغان مۇشۇ تىمىدىكى ئوبزورنىڭ ئۇيغۇرچىسى)
كۆك بايراق، 2023-يىلى 1-سىنتەبىر
 
ئۇيغۇر مىللىي روھىي- خىتايلىشىشنى رەت قىلىش، ئۇيغۇر كىملىكىدە چىڭ تۇرۇش، مىللىي ئازاتلىقتىن ئۈمىد ئۈزمەسلىك ۋە نۆۋىتى كەلگەندە بەدەل تۆلەشتىن يانماسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شائىر تاھىر ھامۇتنىڭ « كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشىنى كۈتۈش» ناملىق كىتاۋىدا، گەرچە ئۆزى، ئائىلىسى ۋە دوستلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچلىقتىن مۇداپىيەلىنىش ۋە قېچىش جەريانى ئاساسلىق تىما بولسىمۇ، بۇ تىما يورۇتۇلۇش جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سۇنمىغان مىللىي روھىيمۇ روشەن گەۋدىلىنىدۇ. بۇ روھ، كىتاپخاننىڭ قىرغىنچىلىق ۋەھىمىسىدىن بىئارام بولغان قەلبىگە تەسسەللىي بېرىدۇ. مەنچە كىتاپنىڭ بازىرىنى چىقارغان ئامىللاردىن بىرى بۇ. چۈنكى ھەددىدىن ئارتۇق ئىچ ئاغرىقى تۇيغۇسى ئوقۇرمەنلەرنى كىتاپنى ئوقۇشتىن ۋاز كەچتۈرىدۇ.
 
بۇ سۇنمىغان مىللىي روھ، ئاپتور ۋە دوستلىرىنىڭ تۆۋەندىكى ھېس ، چۈشەنچە ۋە قەدەملىرىدە ئىپادىسىنى تاپىدۇ.
 
مۇھەببەت-نەپرەتتىكى ئېنىقلىق:
 
ئاپتور بالا ۋاقتىدا كوچىغا ئويناپ چىققىنىدا، بېشىغا ئۇزۇن قەغەز قالپاق كەيدۈرۈلگەن ۋە ئىككى ساقچى يالاپ سازايى قىلدۇرىۋاتقان بىر" جىنايەتچى"نى ئۇچرتىدۇ. ئۇ ئەتىسى بۇ جىنايەتچىنىڭ قولى كويزىلانغان ھالەتتە كوچىنىڭ بىر بۇرجىكىدە يالغۇز قالغانلىقى ۋە پىژ-پىژ ئىسسىقتا ئۇسساپ-قاغجىرىغانلىقىنى بايقايدۇ. ئۇ ئۆيىگە يۈگۈرۈپ كىرىپ ئاپىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن بىر ئىستاكان سۇ ئېلىپ چىقىدۇ، ۋەقەنىڭ داۋامى مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ: « ئۇنىڭ قولى ئارقىسىغا باغلانغان ئىدى، مەن ئىستانكاننى ئۇنىڭ ئېغىزىغا ئاپاردىم، ئۇ بىر يۇتۇپلا ھەممىنى ئىچىۋەتتى ۋە ماڭا لاپپىدە بىر قاراپ كۈلۈمسىرىدى. مەن ئارقامغا بۇرۇلۇلۇپ يۈگۈرگىنىمچە ئۆيىمىزگە كىرىپ كەتتىم»
 
ئاپتور يەنى تاھىر ھامۇت، بۇ كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، پەقەت ھۆكۈمەت تەرەپتىن جازالىنىۋاتقانلىقىنىلا بىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە، بىر كىشى ھۆكۈمەت تەرەپتىن جازالانغان بولسا، ئۇ چوقۇم ياخشى ئادەم، ئەگەر مۇكاپاتلىنىۋاتقان بولسا، كۆپ ئېھتىمالدا ناچار ئادەم. تاھىردىكى بۇ ھېسداشلىق، ئۇيغۇرلاردىكى مۇنداق بىر يوشۇرۇن ئاڭنىڭ تۈرتكىسىدۇر: يىقىلغاننى يۆلەش ئىنساندارچىلىق، خىتاي يىقىتقاننى يۆلەش ئۇيغۇردارچىلىق!
 
ھۆرلۈككە تەلپۈنۈش:
 
كىتاپ، تەرەپسىز بىر مەيداندا يېزىلغاندەك، سىياسىي بىر چاقىرىق قىلىنمىغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئاپتور سىياسىي كۆز قارشىنى سەنئەتكارغا خاس ئۇسلۇپتا، تۇيدۇرماي سىڭدۈرىدۇ. كىتاپتا باشتىن ئاخىر مىللىي ئازاتلىققا بولغان تەكپۈنۈش ھېس قىلىنىدۇ. مەسىلەن، ئاپتورنىڭ دوستلار ئارا بىر سۆھبىتىدە، بىرسى « خىتاي دۇنيانى بېسىۋالسا بولىتى" دەيدۇ، يەنە بىرسى " نىمە دەپ جۆيلۈۋاتىسەن" دەپ ئىنكاس قايتۇرىدۇ ۋە مۇنداق جاۋاپ ئالىدۇ: " ئەركىنلىك ھامىنى بىزنىڭ قولىمىزدا بولمىغاندىكىن، بىز تارتقان دەرتنى دۇنيامۇ تارتىپ باقسۇن، دەرتنى بىزلا تارتىپ ئۆتۈپ كەتمەيلى".
 
بۇ پاراڭلاردا دۇنيادىن ياردەم تەلەپ قىلىنمايدۇ، پەقەت، دۇنيانىڭ خىتاي بىلەن چاتىقى بولمايۋاتقانلىقىدىن قاخشايدۇ. بۇ قاخشاش، ئۇزۇنغا سوزۇلغان ۋە داۋاملىق بېسىمغا ئۇچرىغان ھۆرلۈك تەلپۈنىشىنىڭ بىر ئەكسى ساداسىدۇر. ئاپتور بۇ سادانى تەسۋىرلەش ئارقىلىق دۇنيانى خىتايغا قارشى ھۇشيار بولۇشقا ۋە بىر ئىش قىلىشقا ۋاستىلىق ھالدا ئۈندەيدۇ. بۇ ئۈندەشنىڭ ئۆزىگە خاس بىر تەرپى بار، چۈنكى، بۇ قاخشاۋاتقانلار، بىر جەمىيەتنىڭ يىرىك بىر زىيالىلار توپى. بۇلارنىڭ ئىچىدە " ئارقا كوچا " رومانىنىڭ ئاپتورى پەرھات تۇرسۇن، " غەرپ مودېرنىزىم ئەدەبىياتىنىڭ ئېقىنى " دېگەن كىتاپنى يازغان شائىر تاھىر ھامۇت، بەرتراند رۇسسەلنىڭ پەلسەپەۋىي كىتاپلىرىنى تەرجىمان قىلىۋاتقان تەرجىمان ئالماسلار بار. بۇلار ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئەدەبىياتنى ساپلاشتۇرۇش- سىياسەتتىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەمگەك سىڭدۈرگەن، ئاقىۋەتتە سىياسەتنىڭ ئىچىگە ئۆزى خالاپ ئەمەس، سۆرەپ ئەكىرىلگەن ئەدىپ ۋە شائىرلار. شۇڭا بۇلارنىڭ چاقىرىقى، دۇنيا قۇلاق سالغان تەقدىردە، سەمىمىليىلىكى بىلەن سىياستەچى ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭكىگە قارىغاندا تەسىرلىكتۇر.
 
تەۋەككۈلچى قەدەملەر:
 
قان ۋە تارىخىي باغلىنىشلار سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلاردا تۈركىيەگە قىزىقىىش، تۈركىيەدىن ئۈمىد كۈتۈش كەيپىياتى ئومۇمىدۇر. شۇڭا ئۇيغۇر زىيالىلىرى تۈركىيە زىيارىتىنى پلانلىسا، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىدۇ، خىتاينىڭ گۇمانىنى قوزغايدۇ. ئاپتور، 1995 ‏-يىلى خىتاي مەركىزى پارتىيە مەكتىۋىدىكى لېكتورلۇق خىزمىتىنى تاشلاپ تۈركىيەگە سەپەر قىلىدۇ. بۇ سەپەر كىتاپتا پەقەت "ئوقۇش ئۈچۈن" دەپلا يېزىلىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ بىر ھەقىقىەت ئىزدەش، مىللىي تەقدىر ئۈچۈن چىقىش يولى ئىزدەش سەپىرىدۇر. مىللىي رەھبەرلەردىن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ دېگىنىدەك " ۋەتەن ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلىشتۇر." سەپەرنىڭ بۇ غايىسىنى ئاپتورنىڭ ئومۇمى كەچمىشى ۋە دوست چەمبىرىكىدىنمۇ بىلەلەيمىز. بۇ سەپەر ئاكادىمىك سەپەر بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئاتا-ئانىسى بىلەن خوشلاشماي يولغا چىقىدۇ، خىتايمۇ چىگرادا توسۇۋېلىپ ، دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىپلەپ 3 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىدۇ. ئاپتور كىتاۋىدا، ھاياتىدىكى بۇ چوڭ ئىشنى پەقەت تىلغا ئېلىپلا ئۈتۈپ كېتىدۇ، ئەمما، تۆلىگەن بەدىلىدىن قاخشىمايدۇ، چۈنكى ئەركىنلىكنىڭ بىكارلىق بىر ماتا ئەمەسلىكىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈن.
......
قىيالماسلىق تۇيغۇسى:
 
قىيالماسلىق( بىر-بىرىدىن ئايرىلالماسلىق) تۇيغۇسى ئۇيغۇر روھىيىتىنىڭ مۇھىم بىر زاپچىسىدۇر. چۈنكى ئۇيغۇرلار " ئادەم، ئادەم بىلەن ئادەم " دەيدۇ، " يىراقتىكى تۇققاندىكى يېقىندىكى قوشنا ئەلا " دەيدۇ. شۇڭا ئاپتور ۋەتەندىن ئايرىلىدىغان كۈنى ئۆي- بىساتىنى تاشلىۋېتىش ئېغىر كەلمەيدۇ، تىرىكچىلىكىنىڭ مەنبەسى بولغان "ئىزگىل" شىركىتىگە قۇلۇپ سېلىشمۇ قىيىن توختىمايدۇ، ئەمما، دۆڭكۆۋرۈكتىكى كىشىلەردىن ئايرىلىش ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇدۇ: " تاھىر مۇشۇ ئادەملەرنى تاشلاپ كېتەمدۇق" دەيدۇ ئايالى كوچىدىكى قارا كۆز ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىپ. مانا بۇ بىر-بىرىگە قىيالماسلىق، ئۇيغۇرنى ئۇيغۇر قىلغان مەنىۋىي ھۈجەيرىلەر.
 
ئاپتور، ئۆزگىچە ئۇسلۇپتا يېزىلغان بۇ " كېىچدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش" ناملىق كىتاۋى بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئېچىپ تاشلىدى، شۇ دوستلىرىنىڭ، قوشنىلىرىنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا يەتكۈزدى. ئۇ بۇ كىتاۋى بىلەن ئايالىنىڭ يۇقارقى سوئالىغا مەلۇم دەرىجىدە جاۋاپ بەرگەن بولدى: ياق ئۇلار ئۇ قوشنىلىرىنى تاشلىۋەتمىدى، قەلبىدە ھاباش قىلىپ يۈدۈپ يۈرۈپتۇ. بۇمۇ سۇنمىغان مىللىي روھنىڭ يەنە بىر كۆرۈنۈشى.
 
يىلتىزغا سادىقلىق:
 
ئاپتور دادىسىنىڭ " بالام چوڭ سەپەرگە ئاتا-ئانىنىڭ دۇئاسىنى ئالماي چىقمايدىغان" دېگەن تەنبىھىنى ئاڭلىغاندا، شۇنداق بىر سەپەرگە يەنە توغرا كەپ قالسا، ئاتا-ئانىسىنىڭ دۇئاسىنى ئالماي چىقماسلىق ھەققىدە كۆڭلىدە ئۆز-ئۆزىگە قەسەم ئىچىدۇ. ھىجرەت سەپىرىگە تەييارلىق قىلىۋېتىپ بېشى قاتقاندا، ئايالىنىڭ " خۇدايىم بار" ، " خۇدايىم ساقلايدۇ" دېگەن تەسەللىيلىرىدىن ئىلھام ئالىدۇ. ئامېرىكىغا كەلگىنىدە، تېخى يەرلەشمەي تۇرۇپ ئايالىنىڭ ھامىلدارلىقى بىلىنگەندە بالىمىزنىڭ " ئېغىرىنى يەر كۈتۈرىدۇ، رىسقىنى ئاللاھ بېرىدۇ" دەپ تۇرمۇش ئەندىشىلىرىنى باسىدۇ. كىتاپتا كۆپ ئۇچرايدىغان بۇ خىل ئىدىيوم ۋە ئەنئەنىي چۈشەنچىلەر، ئاپتور ۋە دوستلىرىنىڭ خىتاينىڭ كومۇنىست سېستىمىسىدا ئۇزۇن مەزگىل تەربىيەنلەنگەن ۋە ياشىغان بولسىمۇ، يەنىلا مەدەنىيەت جەھەتتىن يىلتىزىدىن قىلچە ئاجرىمىغانلىقى، تولۇق بىر مىللىي ئىپتىخار تۇيغۇسىغا ساھىپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. خىتاينىڭ بۇرۇندىن دىننى ئەپيۇن، يېقىنقى مەزگىللەردە بولسا " زېھنى كېسەللىك" دەپ ئاتاپ ۋە زەربە بېرىپ كېلىۋاتقانلىقى كۈزدە تۇتۇلسا، بۇلاردىكى بۇ مەدەنىيەت ئەنئەنچىلىكى خىتايغا قارشى بىر جەڭنىڭ مەھسۇلىلا ئەمەس، ئەينى چاغدا ئەنە شۇ جەڭنىڭ ئۆزىدۇر.
 
مەنچە كىتاپتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتلا ئەمەس، گەۋدىسىنى كۆرسىتىپ تۇرغان بۇ سۇنمىغان مىللىي روھمۇ كىتاپخانلارنى، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىپ بېقىشقا ئۈندەيدۇ دەپ قارايمەن.