ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن پرىگوجىننىڭ تەقدىرداش تەرەپلىرى

(بۈگۈن «زىمىستان» تورىدا ئېلان قىلىنغان مۇشۇ تىمىدىكى ماقالىنىڭ قىسقارتىلما تەرجىمىسى)
 
 
23 ‏-ئاۋغۇست، پرىگوجىننىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەپ بولغان ئايرىپلان قازاسى، ئۇيغۇرلارغا 1949 ‏-يىلى 27 ‏-ئاۋغۇست كۈنى ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق ئۇيغۇر رەھبەرلەرنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەپ بولغان يەنە بىر ئايرىپلان قازاسىنى ئەسلەتتى.
 
پۇتىننىڭ ۋاگنەر ئەسكەرلىنى روسىيە ئارمىيىسىگە قېتىش قارارى ئۇنىڭ بىلەن پرىگوجىن ئارسىدا توقۇنۇش پەيدا قىلغاندەك، ئەينى چاغدا ئىستالىننىڭ ئازات شەرقى تۈركىستاننى خىتاي خەلق جۇمھۇريىتىگە قېتىۋېىش قارارىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ئەخمەتجان قاسىمى ئارىسىدا زىددىيەت پەيدا قىلغان ئىدى. تارىخچى نەبىجان تۇرسۇننىڭ « ئۇيغۇر ئومۇمى تارىخى» ناملىق كىتاۋىدا بايان قىلىنىشىچە، ئىستالىن ئەخمەتجان قاىسىمى قاتارلىق ئۇيغۇر رەھبەرلەرنى خىتاي خەلق جۇمھۇريىتىگە قېتىلىشقا قايىل قىلىش ۋە بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان يىغىنغا يولغا سېلىش ھەققىدە خىتاي كومپارپىيەسىگە ۋەدە بەرگەن . ئەمما سەپەر ئاسانغا توختىمىغان. سوۋېت تەرەپ بىلەن مۇزاكىرىلەر داۋماىدا، ئۇيغۇر رەھبەرلەر، خىتاي ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ شەرقى تۈركىستانغا ئىلگىرىلەپ كېلىشىگە قارشى تۇرغان، مىللىي مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ مۇنازىرە غۇلجىدىلا ئەمەس، ئالمۇتىدىمۇ داۋام قىلغان.
 
25 ‏-ئاۋغۇست كۈنى، ئۇيغۇر ھەيئەت نامەلۇم بىر كېلىشىم، نامەلۇم بىر بېسىم ۋە ياكى نامەلۇم بىر ئۈمىد بىلەن نىشانى بېيجىڭ بولغان ئايرىپلانغا ئولتۇرغان.
 
2 ‏-سىنتەبىر كۈنى، ئىستالىن ماۋزېدوڭغا تېلىگرامما يوللاپ، ئۇيغۇر ھەيئەتنىڭ 27 ‏-ئاۋغۇست كۈنى ئايرىپلان قازاسىغا ئۇچرىغانلىقى ۋە ئىككىنجى ھەيئەتنىڭ پات يېقىندا بېيجىڭغا يېتىپ بارىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگەن.
 
خۇددى پرىگوجىننىڭ قازاسىدا، ۋاگنەرنىڭ پۈتۈن قوماندالىرى ئايرىپلاندا بولغاندەك، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ قازاسىدىمۇ شەرقى تۈركىستان جۇمھۇريىتىنىڭ ئالدىنقى 4 سىياسىي ھەربىي رەھبىرى جان ئۈزگەن.
 
خۇددى قازادىن كېيىن، پۇتىن پرىگوجىننىڭ ئائىلىسى ۋە دوستلىرىغا تەزىيە يوللاپ « ئېسىل ئادەمتى» دېگىنىدەك، ماۋ زېدوڭمۇ تەزىيە تېلىگراممىسى يوللاپ، ئەخمەتجان قاسىمىنى " ياخشى يولداش ئىدى" دەپ مەدھىيەلىگەن. پروگوجىننىڭ ئۆلۈمى شۇ كۈنى شۇ سائەتتە پۈتۈن دۇنياغا بىلدۈۈرلدى، ئەمما ئۇيغۇر رەھبەرلەرنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى ئائىلىسى ۋە شەرقى تۈركىستان خەلقىغە 3 ئاي كېيىن يەتكۈزۈلگەن.
 
پرىگوجىننىڭ ئۆلۈمى ئۇكرائىنىيە ئۇرۇشىغا، بۇ ئۇرۇش ناتو ئامىلىغا تۇتاشقاندەك، ئەخمەتجان قاسىمىلارنىڭ قازاسىدىمۇ ۋاستىلىق ھالدا ناتو ئامىلى ئورۇن ئالغان. دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ مەزكۇر كىتابىدا ئىزاھلىنىشىچە، 1949 ‏-يىلى 4 ‏-ئايدا ناتونىڭ قۇرۇلۇشى، ئىستالىننى جىددىيلەشتۈرگەن ۋە ناتوغا قارشى چوڭ ۋە كۈچلۈك بىر قوشنا بەرپا قىلىش ئۈچۈن شەرقى تۈركىستان جۇمھۇريىتىنى قوللاشتىن ۋاز كەچكەن، ھەتتا خىتاينى تېزراق ئىشغال قىلىشقا ھەركەتلەندۈرگەن.
 
پرىگوجىن پۇللۇق ئەسكەرلەرنىڭ قوماندانى بولغان بولسا، ئەخمەتجان قاسىمى، ئابۇكېرىم ئابباسۇۋلار ۋەتىنىنىڭ بىر قىسىمىنى دۈشمىنىدىن ئازات قىلغان ، خەلقىغە ئازاتلىقنىڭ تەمىنى بەش يىل تېتىتقان مىللىي رەھبەرلەر ئىدى.
 
پرىگوجىننىڭ قازاسى بۈگۈن دۇنيانىڭ ئەڭ قىززىق تىمىسى، ئەمما، ئەخمەتجان قاسىمىلارنىڭ قازاسى بولسا 21 ‏-ئەسىرنىڭ سىياسىي سىرلىرىدىن بىرى.
 
شۇنداق روسىيە ۋە خىتايدىكى قازالار تۈگىمەيۋاتىدۇ، سىرلىرى يېشىلمەيۋاتىدۇ. چۈنكى سوۋېت ئىتتىپاقى يىقىلغان بولسىمۇ، ئىمپىريالىست زېھنىيەت يقىلغىنى يوق، ئىستالىن ئۆلگەن بولسىمۇ، ۋارىسلىرى تېخى ھايات. ماۋ زېدوڭ چىرىپ بولغان بولسىمۇ، ۋەھشىيلىكتە ئۇنى بېسىپ چۈشىدىغان ۋارىسى شى جىنپىڭ مۇستەھكەم تەختتە.
 
مەنچە مۇشۇ سىرلار يېشىلمىگىچە ۋە جاۋاپكارلىرى جازالانمىغىچە دۇنيادا ئۇرۇش توختىمايدۇ. مەسىلە يىلتىزىدىن ھەل بولماي توختىغان ئۇرۇش، قىرغىنچىلىققا ئايلىنىدۇ. ئازاپ ئوقۇبەت نۆۋىتى، بۇندىن كېيىن، يالغۇز ئىشغال ۋە قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغانلرغىلا ئەمەس، ئۇنىڭ تاماشىبىنلىرىغىمۇ يېتىپ كېلىدۇ.
 
2023-يىلى 6-سىنتەبىر