ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر پارلامېنت ئەزاسى ئارفىيە «كەلگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان 100 شەخس» تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالدى

ياپونىيەدە بۇ يىل 4-ئايدا پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان ئۇيغۇر قىزى ئارفىيە خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ژۇرنال بولغان «دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ 2023-يىللىق «كەلگۈسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان 100 شەخس» (TIME100 Next) تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان.

بۇ تىزىملىك ساغلاملىق، كىلىمات، سودا، تەنتەربىيە، سەنئەت ۋە باشقا جەھەتلەردە قەد كۆتۈرۈۋاتقان شەخسلەرنى تەقدىرلەشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا جەمئىيەتتىكى ئەڭ جىددىي مەسىلىلەرنى يېڭى ھەل قىلىش چارىسى بىلەن تەمىنلىگەن ئالىملار، سىياسەتچىلەر، باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى، سەنئەتكارلار، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى، كۇتۇپخانا خىزمەتچىسى قاتارلىق ھەرساھەدىن شەخسلەر كىرگۈزۈلگەنىكەن.

«دەۋر» ژۇرنىلى ئارفىيەنىڭ بۇ تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالغاندا بۇ يىل 4-ئايدا ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان ئارفىيەنىڭ ياپونىيە سىياسەت ساھەسىدىكى «ياشانغان ئەرلەرنىڭ ھاكىمىيىتى» گە رىقابەت ئېلان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن:

«ياپونىيەدە تەخمىنەن 90% پارلامېنت ياكى مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئەرلەر ئىگىلىگەن. پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 56 ياش. . . ئەمما ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك ئەسلىدىن بولغان، 34 ياشلىق ئارفىيە ئېرى. . . . ياپونىيەدىكى كۆپ خىللىقنىڭ چېمپىيونىغا ئايلاندى»

«دەۋر» ژۇرنىلى تونۇشتۇرۇشىدا يەنە، ئارفىيەنىڭ دۆلەتنى باشقۇرۇۋاتقان «ياشانغان ئەرلەر كۇلۇبى» گە تەھدىت بولۇش ئەمەس، بەلكى ئۇلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئاساسىدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسى ئىچىدە سىياسەت قىلىۋاتقانلىقىنى يازغان. ئارفىيەنىڭ يەنە باش مىنىستىر فۇمىئو كىشىدانىڭ نۇرغۇن سىياسەتلىرىنى قوللاۋاتقانلىقىنى، ئۇنىڭ ياپونىيەنىڭ داڭلىق سىياسەتچىلىرىدىن بولغان سانلىق مەلۇمات ئىشلىرى مىنىستىرى تارو كونونىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلىپ: «ئارفىيە ئېرى دۆلەتنىڭ ھەقىقىي كۆپ خىللىقىنى ياخشى نامايان قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنى كۆۋرۈك قىلىپ تىكلىدى». دېگەن.

ئۇيغۇر قىزى ئارفىيە بۇ يىل 4-ئايدا ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغاندا خەلقئارالىق ئاخباراتلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىگە ئېرىشكەن. ئارفىيە ئەينى چاغدا ئاكسيوس (Axios) تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتنى ئەسلىتىپ تۇرۇپ «ئۇيغۇرلار ھازىر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان بىر مىللەت بولسىمۇ، ئۇنىڭ خۇددى باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش قەد كۆتۈرۈپ گۈللىنىشكە لايىق بىر خەلق ئىكەنلىكىنى، بۇنى ئۆز خىزمىتى ئارقىلىق نامايان قىلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەنىدى.