كۆپ يىللىق رەھىمسىز باستۇرۇشلاردىن كېيىن، خىتاي كومپارتىيىسى ئۇيغۇر دىيارىنى ساياھەت قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندۇرماقتا

خىتاينىڭ غەربىگە جايلاشقان ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى دەپ ئاتالغان بىر قۇملۇق بوستانلىقى بولغان تارىخى قەشقەر كوچىلىرىدا يېپيېڭى بىر «قەدىمكى شەھەر» ساياھىتى گۈللىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كونا شەھەرنىڭ ئۆزىگە خاس كاھىشتىن ياسالغان ۋە 2000 يىلدىن بۇيان ئىمپېرىيەلەرنىڭ ئۆزگىرىشىگە قارىماستىن ساقلىنىپ قالغان تۇرالغۇلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ھۆكۈمەتنىڭ يەر تەۋرەش ۋە سەھىيە مەسىلىسىدىكى ئەندىشىسى سەۋەبلىك چېقىلدى. 

ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بولسا كونا شەھەرنىڭ بۇزۇلۇشى «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» بىلەن باراۋەر دېيىشتى. 

ھازىر بۇ كوچىلار چاپلاقلار، ئەرزان باھالىق ئۈنچە-مەرۋايىت ۋە ئەنئەنىۋى چالغۇلارنى ساتىدىغان خاتىرە بۇيۇملار دۇكانلىرى بىلەن تولغان بولۇپ، بۇ يەردە ساياھەتچىلەر ئېلېكترونلۇق پەيتونلاردا ئولتۇرۇپ كىشىلەر ئارىسىدا ئايلىنالايدۇ ياكى ئەنئەنىۋى ئۇيغۇرچە كىيىملەرنى كىيىپ مەسچىتنىڭ پەلەمپەيسىدە سۈرەتكە چۈشەلەيدۇ.

خىتاينىڭ ئېيتىشىچە، ھۆكۈمەت مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن ئېتىبار باھالىق ساياھەتنىڭ قىزىقتۇرۇشى بىلەن بۇ يىل ھازىرغىچە شىنجاڭ (شەرقىي تۈركىستان-ت) ئۆلكىسىگە 180 مىليوندىن ئارتۇق ساياھەتچى ئېقىپ كىرگەن.

A policeman with a muzzled dog

ساياھەتچىلەر كۈچلۈك ساقچى نازارىتى ئاستىدا ساياھەت قىلالايدۇ. (ABC خەۋەرلىرى: داۋىد لىپسون)

ساقچى تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى ئېلىۋېتىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئورنىنى چىراي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان كەڭ كۆلەملىك بىخەتەرلىك كامېرالىرى ئالغان. 

بۇلار ئون يىل داۋاملاشقان ۋە ئۆتكەن يىلى ئىلان قىلىنغان بىر ب د ت دوكلاتىدا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئاتالغان قاتتىق باستۇرۇشلارنىڭ ئەڭ يېڭى ئالامەتلىرى ئىدى. 

شىنجاڭنىڭ «يېڭىدىن ماركىلاشتۇرۇلۇشى»

نەچچە يىلدىن بۇيان، ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق مەخپىي ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلار ئارىسىدىكى ئاشقۇنلۇقنى يوقىتىش ھەرىكىتى جەريانىدا، بۇ رايون دۇنيا مېدىيالىرنىڭ كۆپىنچىسىى بىلەن ئايرىۋېتىلدى. 

بۇ باستۇرۇش  بۇلار 2009-يىلى پايتەخت ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋە يۈزلەرچە كىشى ئۆلگەن قالايمىقانچىلىق بىلەن 2013-يىلى بېيجىڭدىكى تيەنئەنمىن مەيدانىدا يۈز بەرگەن ۋە بەش كىشى ئۆلگەن كىشىلەر توپىغا ماشىنا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە ئون يىللىق مۇقىمسىزلىقتىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى، 

A mosque with the Chinese flag in the background

ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ غەربىي شىمالدىكى شىنجاڭدا ياشايدىغان تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان بىر مىللەت. (ABC خەۋەرلىرى: داۋىد لىپسون)

2014-يىلى ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن پىچاق ۋە پارتىلاتقۇچ بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ ئۆلكىگە قىلغان زىيارىتىگە كۆلەڭگە چۈشۈرگەندىن كېيىن، ئۇ ئەمەلدارلارنى تېرورلۇققا قارشى «قاتتىق زەربە بېرىش» كە بۇيرۇغان.

شۇنىڭدىن كېيىن، ئاكادېمىكلار، تەتقىقاتچىلار، ژۇرنالىستلار ۋە قانۇنشۇناسلار ھۆكۈمەتنىڭ قولى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك جازا لاگېرلىرى، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە تۇغۇت چەكلەش سىياسىتى قاتارلىق كەڭ كۆلەملىك دەپسەندىچىلىكلەرنى ئارخىپلاشتۇردى. 

ئامېرىكا بۇ باستۇرۇشنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىدى، لېكىن ئاۋسترالىيە بۇ ئاتالغۇنى ئىشلەتمىدى. 

خىتاي بولسا، دەسلەپتە بۇ لاگېرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلدى، كېيىنچە بولسا بارلىق «كەسپىي تەربىيلەش مەركەزلىرى»نىڭ 2019-يىلى تاقالغانلىقىنى ئېيتتى. 

نۆۋەتتە بۇ ئۆلكە «نورماللىشىش» ھالىتىگە ئۆتمەكتە. شىنجاڭنىڭ بۈيۈك قايتا ماركىلاشتۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا.

ئەستايىدىللىق بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان شىنجاڭ ساياھىتى

ABC بۇ رايوندا خىتاي ھۆكۈمىتى تەشكىللىگەن ۋە ئىنچىكە ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆلكىنىڭ ئەڭ ياخشى يۈزى نامايەن قىلىنغان بىر ئاخبارات ساياھىتىگە تەكلىپ قىلندى. 

ئەمما ئەمەلدارلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇنى ئاشكارىلاشنى خالىمىدى. 

بىزگە بىر ئۇيغۇر يەسلىسى كۆرسىتىلدى، بۇ يەردە ئوقۇغۇچىلار دەرسخانىدا خىتاي دۆلەت تىلىدا شېئىر يادلىدى، ئاندىن مەيداندا خۇشال ھالدا ئەنئەنىۋى مۇزىكىغا ئۇسسۇل ئوينىدى. 

Little kids dancing

خىتاي ھۆكۈمىتى تاراتقۇلارنى بىر باشلانغۇچ مەكتىپىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇردى. (ABC خەۋەرلىرى: داۋىد لىپسون)

يەرلىك شىركەتكە تەۋە بولغان ۋە ھەر بەش ئىشچىنىڭ بىرى مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان گۈللىنىۋاتقان بىر زاۋۇت كۆرستىلدى.

بىر سۈت ئوراپ قاچىلاش ئەسلىھەسىگە باردۇق، ئىشچىلار مەھسۇلاتنى تەكشۈرۈۋاتقان بىز ئەينەك تام ئارقىلىق سۈرەتكە ئالالايتتۇق. 

ئۇنىڭدىن باشقا، بېلىقچىلىق كۆلچىكى ۋە رەڭدار تام رەسىملىرى بىلەن يېزا تۇرمۇشىنىڭ ئىناق كۆرۈنۈشلىرىنى تەسۋىرلەنگەن يېزا-بازارلارنى زىيارەت قىلدۇق، لېكىن ئاھالىلىرى ناھايىتى ئاز ئىدى.

شىمېندىكى يېزا كادىرى نىي جاۋيۈ ABC مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدىكى ئۆزگىرىشلەر ناھايىتى چوڭ».

«قاتناش، يول، تۇرمۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كىشىلەرنىڭ پاراۋانلىقىنى ياخشىلاش... بىز كىشىلەرنىڭ چىرايىدىن خۇشال تەبەسسۇمنى كۆرەلەيمىز».

بىر ھەپتە داۋاملاشقان ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 20 دەك ژۇرنالىستنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ساياھەت قاتتىق كونترول قىلىندى ۋە ئالدىراش ئورۇنلاشتۇرۇلغان زىيارەتتە بىزنىڭ يەرلىك كىشىلەر بىلەن سۆزلىشىشىمىزگە تۈزۈك ۋاقت بېرىلمىدى. 

Uyhgur dancers

ئىنچىكە پىلانلانغان شىنجاڭ زىيارىتىگە نومۇرلارمۇ قوشۇلغان. (ABC خەۋەرلىرى: داۋىد لىپسون)
 
ئۆتمۈشتىكى داۋالغۇشنىڭ بىر يارقىن نۇقتىسى بولغان ئۈرۈمچىدە، يېرىم كېچىدىن كېيىن بىزنىڭ ئايلىنىشىمىزغا ۋە چەكلىمىسىز سۈرەتكە ئېلىشىمىزغا يول قويۇلدى.

ئاۋات كەچلىك بازارلاردا ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ كاۋاپ ۋە كاللا-پاچاقتىن ئەركىن ئازادە ھۇزۇرلىنىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى بار ئىدى. 

بىز پاراڭلاشقانلار شەھەرنىڭ بىخەتەر، تۇرمۇشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەمما بىر مىليوندىن ئارتۇق ئادەم نەچچە ئاي ياكى بىر نەچچە يىل قامالغان دەپ قارالغان ئىلگىرىكى جازا لاگېرلىرىدىن بىرىنى كۆرۈش تەلىپىمىزنى خىتاي ساھىپخانلار تەرىپىدىن رەت قىلىندى. 

ئەر ۋە كامېرا

ساياھەت جەريانىدا، ABC ۋە بىر ئامېرىكا تاراتقۇسى بۇنداق ئورۇنلاردا تۇتۇپ تۇرۇلغان دەپ قارالغان بىر خاتىرە بويۇملىرى ساتقۇچىغا يېقىنلاشتۇق.

ئۇنى ساياھەت يېتەكچىلىرى كۆرسەتمىگەن ئىدى.

بىز ئۇنى زىيارەت قىلىشقا باشلىغاندا، بىز ھېچ كۆرۈپ باقمىغان يەنە بىر ئەر كامېرا بىلەن پەيدا بولۇپ، يېنىمىزدا تۇرۇپ ئۇنىڭ ھەر بىر جاۋابىنى سۈرەتكە ئالدى.

ئۈچ بالىنىڭ دادىسى بولغان ئىمام مەمەت سىدىق ئۆزىنىڭ يەتتە ئاي قاماپ قويۇلىشىغا سەۋەب بولغان «ئىنتايىن رادىكال دىنىي ئىدىئولوگىيە» نى پەرۋاسىزلارچە تەسۋىرلىگەندە ھېچقانداق قورقۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىدى. 

ئۇ: «مەن ئايالىمنىڭ ئىشلىشىگە يول قويمىغان ئىدىم» دېدى.

«ئەگەر ئۇنىڭ كىرىمىنى خەجلىسەك، دوزاخقا كىرىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنەتتىم ۋە ئۇنى ئۆيدە تۇرۇشقا مەجبۇرلىدىم. بۇ قىممەت قاراشلارنى ئەتراپىمدىكى كىشىلەرگىمۇ تەشۋىق قىلدىم».

ئۇ لاگېردىكى ناچار مۇئامىلىلەرنى ئىنكار قىلىپ، ئۆزىنىڭ ياخشى يېگەنلىكىنى، شاھمات ئوينىغانلىقى ۋە كىتاب ئوقۇغانلىقىنى، ھەتتا ھەپتە ئاخىرىدا ئۆيىگە قايتىشقا رۇخسەت قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

«مەن ئۆگىنىش ئارقىلىق، رادىكال دىنىي قاراشلارنىڭ كىشىلەرگە زىيان سالىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. مەندە ئەمدى بۇ خىل قاراش يوق، مەن ھەر قانداق مىللەت ۋە ئېتىقادتىكى كىشىلەر بىلەن چىقىشالايمەن».

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ (UHRP) تەتقىقات ۋە تەشۋىقاتقا مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرى پېتېر ئىرۋىن( Peter Irwin)نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ باھالار ھۆكۈمەت بەلگىلىگەن بايانغا ماس كېلىدىكەن.

ئىرۋىن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «قورقۇنچ ۋە چېگرىنى ھالقىپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك ئۇچرايدىغان جازا تەھدىتى سەۋەبلىك ئۇلار بۇ بايانغا ئەگىشىدۇ… كىشىلەر خاتا گەپ قىلىش ، خاتا ئادەم بىلەن كۆرۈشۈش ياكى چەتئەل بىلەن ئالاقە قىلىشتىن قورقىدۇ».

«ئۇلار كىشىلەرنى ئەڭ ئەقەللىي دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقى سەۋەبلىك تۇتىدۇ.. ئۆيىڭىزدە قۇرئان بولۇش سىزنىڭ 10 يىللىق قاملىشىڭىزغا يېتەرلىك. بۇ نورمال بىر جەمئىيەتمۇ؟».

دىنىي ئەركىنلىك «ئەسلا مەۋجۇت ئەمەس»

بۈگۈن قەشقەردە، بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان مەسچىت گۈمبەزلىرىنىڭ ئۈستىدە خىتاي بايرىقى لەپىلدەپ تۇرىدۇ. 

ئەزان ئاۋازلىرى ئۆچۈرۈلگەن. 

ئۇزۇن ساقال قويغانلار ۋە چۈمبەل ئارتقانلارنى كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس. 

بىز قۇرئاننى قەيەردىن سېتىۋېلىشنى بىلىدىغان ئادەمنى تاپالمىدۇق.

600 يىللىق تارىخقا ئىگە ھېيتگاھ مەسچىتىگە 5000 مۇسۇلمان نامازخان سىغىدىغان بولۇپ، ھازىر ئاساسلىقى بىر ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ قالغان. 

يېتەكچىمىز دەسلەپتە بىزنىڭ ناماز جەريانىدا ئىچىگە كىرىشىمىزنى خالىمىدى، ئەمما ئۇلار ئاخىرى رۇخسەت قىلدى.

بىز زىيارەت قىلغان كۈنى، نەچچە ئون كىشى نامازغا كەلگەن. كۆپىنچىسى ياشانغانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى 50 ياشتىن تۆۋەن ئەمەس.

People praying in a mosque
 
600 يىللىق تارىخقا ئىگە ھېتگاھ مەسچىتى ئاساسەن ساياھەت نۇقتىسى قىلىنغان، بولۇپ، ئاز بىر قىسىم ئەر كىشىلەرنىڭ ئىبادەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنغان. (ABC خەۋەرلىرى: داۋىد لىپسون)
 
داۋىد لىپسون (David Lipson)، ABC خەۋەرلىرى
2023-يىلى 30-سىنتەبىر