يېڭى دوكلات: «يېرىلغان تومۇرلار: دۇنيانىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قېزىلما بايلىقلارغا تايىنىپ قېلىشى»

ۋاشىنگىتوندىكى «ئىلغار مۇداپىئە تەتقىقات مەركىزى» (C4ADS) 11-ئۆكتەبىر «يېرىلغان تومۇرلار: دۇنيانىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى قېزىلما بايلىقلارغا تايىنىپ قېلىشى» (Fractured Venins: The World’s Reliance On Minerals From the Uyghur Region) سەرلەۋھەلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر يېڭى دوكلاتتا، ئامېرىكادىكى يۈزلىگەن چوڭ شىركەتلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرى تەرىپىدىن قېزىلىۋاتقان ئالتۇندىن پايدىللىنىپ، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونى خىتاينىڭ كۆمۈر، تەبىئىي گاز، ئالتۇن، مىس ۋە تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىشتىكى ئاساسلىق خام ئەشيا بازىسى ئىكەن. دوكلاتتا ئالتۇن بايلىقى ئاساسلىق تەكشۈرۈش نۇقتىسى قىلىنغان بولۇپ، خىتايدىكى 10 چوڭ ئالتۇن شىركىتىنىڭ تۆتى ئۇيغۇر رايونىدا تىجارەت قىلىدىكەن. ئېنىقلانغان مەزكۇر تۆت شىركەت-لىڭباۋ ئالتۇن گورۇھى شىركىتى، جاۋجىن كانچىلىق سانائىتى شىركىتى، زىجىن كانچىلىق گۇرۇھى ۋە خىتاينىڭ ئىككىنچى چوڭ ئالتۇن شىركىتى بولغان شەندۇڭ ئالتۇن گۇرۇھى قاتارلىقلار ئىكەن.

دوكلاتتا يەنە Vanguard، Fidelity، JPMorgan، Chase ۋە Blackstone قاتارلىق پۇل-مۇئامىلە شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئالتۇن كان ئېچىش تىجارىتىگە مەبلەغ سېلىشقا يىتەكلىگەنلىكى كۆرسىتىلگەن. تەتقىقاتچىلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ ئاساسلىق بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئەھۋال ئاستىدا، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچلىق قۇربانلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلىنىشقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقنى ئەسكەرتكەن.

دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا، ئۇيغۇر رايونىدىكى كانلاردىن قىزىۋېلىنغان ئالتۇنلارنىڭ ئامېرىكا ۋە خەلقئارا تەمىنلەش زەنجىرىگە كىرىشى مۇمكىنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەر قايسى سودىگەرلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن كەلگەن ئالتۇننى ياكى باشقا مىنېرال ماددىلارنى سېتىۋالماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرغان.

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، Mattel، Macy، Tesla، Apple ۋە NVIDIA قاتارلىق يۈزلىگەن چوڭ شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن چېتىشلىقى بولغان ئالتۇن تەمىنلىگۈچى شىركەتلەر بىلەن بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك مۇناسىۋىتى بارلىقى ئاشكارىلانغان.

مەلۇم بىلۇشىچە، 2021-يىلى ئىجرا قىلىنىشقا «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» غا ئاساسەن، ئەگەر ئامېرىكا شىركەتلىرى ئىمپورت قىلماقچى بولغان مەھسۇلاتلىرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى ئىسپاتلىيالمىسا، ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىش چەكلەنگەن.