«بىر بەلۋاغ بىر يول» مۇنبىرىگە قاتناشماقچى بولغان ب د ت باش كاتىپىغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە چاقىرىق

دۇنيادىكى نوپۇزلۇق تاپاۋەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى (HRW) بايانات ئىلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ۋە خىتايدىكى باشقا ئېغىر ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى ئۈچۈن شى جىنپىڭغا بېسىم قىلىشقا چاقىردى. باياناتتا، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە كەلتۈرۈۋاتقان پاسسىپ تەسىرلىرى تەكىتلىنىش بىلەن بىرگە، راھىلە داۋۇت ۋە ئىلھام توختى قاتارلىق ناھەق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان. 

مەزكۇر تەشكىلات 16-ئۆكتەبىر ئىلان قىلغان باياناتىدا كۆرسىتىشىچە، گۇتېررېسنىڭ 17-ۋە 18-ئۆكتەبىر كۈنلىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋە خىتاينىڭ يەر شارى ئۇل ئەسلىھە تەشەببۇسىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەيدىغان ئۈچىنچى نۆۋەتلىك «بىر بەلۋاغ بىر يول مۇنبىرى»گە قاتنىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. 2017-يىلى باش كاتىپ بولغاندىن بۇيان، گۇتېررېس خىتاينىڭ قاتتىق ۋە ئېغىرلىشىۋاتقان باستۇرۇشنى ئاشكارا تەنقىد قىلىشتا تەرەددۇت قىلىپ كەلدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى تىرانا ھەسەن مۇنداق دېدى: «ب د ت نىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس خىتاي ھۆكۈمىتىنى شىنجاڭدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك تەدبىر قوللانمىدى. بىر بەلۋاغ بىر يول مۇنبىرى گۇتېررېسنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەركىزى پرىنسىپلىرىنى قوللاش ئۈچۈن مۇھىم پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ».

باياناتتا ئېيتىلىشىچە، 2022-يىلى 8-ئايدا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى بىر دوكلات ئىلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ تۇرۇش، قىيناش، مەدەنىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك قىلىش ۋە باشقا ئېغىر كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلىدى. دوكلاتتا، «شىنجاڭ(شەرقىي تۈركسىتان-ت)دىكى دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن» دەپ كۆرسىتىلدى. گۇتېررېسنىڭ باياناتچىسى ئەينى ۋاقىتتا دوكلات «خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىدا يۈز بەرگەن ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى» دېگەن ۋە خىتاينى ئۇنىڭ تەۋسىيەلىرىنى «ئۈستىگە ئېلىش» قا چاقىرغان.

«بىر بەلۋاغ بىر يول كىشىلىك ھوقۇق پرىنسىپلىرىغا خىلاپلىق قىلغان»

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىر قىسىم «بىر بەلۋاغ بىر يول» تۈرلىرى يېتەرلىك مۇھىت ۋە ئىجتىمائىي تەسىر باھالاشنى ئېلىپ بارمىدى ۋە ئاشكارىلىمىدى، ياكى تۈر پىلانى ۋە قۇرۇلۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان يەرلىك خەلق بىلەن يېتەرلىك كېڭەشمىدى، بۇ كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق قوزغىدى. ئۇلار يەنە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغان چىرىكلىك، ناتوغرا قەرز كېلىشىمى ۋە رىقابەت كۈچى يوق توختاملارنى قولايلاشتۇرۇش بىلەن تەنقىدكە ئۇچرىدى.

جىبۇتى، پاكىستان، مالدىۋى قاتارلىق بەلۋاغ ۋە يول تەشەببۇسى لىنىيەسىدىكى دۆلەتلەر قەرز قىيىنچىلىقىغا دۇچ كەلمەكتە. چەكلىك ھۆكۈمەت بايلىقى مۇھىم مۇلازىمەتتىن قەرز تۆلەشكە يۆتكىلىشى مۇمكىن.

بۇ خىل قىلمىشلار خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ساغلام ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل مۇھىتقا مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي مەجبۇرىيىتىگە زىت كېلىدۇ، ھالبۇكى بۇلارنى باش كاتىپ ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويغان ئىدى.

«خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇلغان ئۇيغۇلار قويۇپ بېرىلىشى كېرەك»

گۇتېررېس يەنە خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىدىن پايدىلىنىپ، خالىغانچە قولغا ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. ئۇلار كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر ئىنسانشۇناس دوكتور راھىلە داۋۇتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئويدۇرما ۋە ئېنىق بولمىغان «دۆلەت بىخەتەرلىكى» جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. ئۇيغۇر ئىقتىسادشۇناسى ۋە ساخاروف مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىلخام توختى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئوتتۇرىسىدىكى دىئالوگنى ئىلگىرى سۈرگەنلىكى ئۈچۈن «بۆلگۈنچىلىك» سەۋەبىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

2023-يىلى 16-ئۆكتەبىر