قازاقىستان پرېزىدېنتى ۋە پاكىستان باش مىنىستىرى ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولغان

شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى داۋاملىشىۋاتقان، مىليونلىغان ئۇيغۇر يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالغان ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان بىر شارائىتتا، پاكىستان باش مىنىستىرى خىتاي تەشۋىقاتىغا ماسلىشىپ ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان ۋە جۈمە نامىزى ئوقۇغان. پاكىستان باش مىنىستىرى بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭدا «بىر بەلۋاغ بىر يول مۇنبىرى»گە قاتناشقان قازاقىستان پرېزىدېتنىمۇ ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھىندونېزىيەنىڭ بىر «دىنىي ۋەكىللەر ئۆمىكى»مۇ شەرقىي تۈركىستاندا زىيارەتتە بولغان. 

مەلۇم بولغىنىدەك، پاكىستاندا يېقىنقى يىللاردا نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەر ئالماشقان بولسىمۇ، لېكىن ھەممىسىنىڭ خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى قوللاش مەيدانى ئۆزگەرگىنى يوق، ھەتتا ھەممىسى ئوخشاش تىللار بىلەن خىتاينىڭ سىياسەتلىرىنى قوللاپ كەلمەكتە. خەۋەر قىلىنىشىچە، خىتايغا «بىر بەلۋاغ بىر يول» مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بارغان پاكىستاننىڭ ۋاقىتلىق باش مىنىستىر ئەنۋەرۇلھەق كاكار 20-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولۇپ خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ يەنە، خىتاينىڭ رايوندىكى دىنىي باستۇرۇشلىرىنى يالغانغا چىقىرىش ئۈچۈن جۈمە ئوقۇغان. ئىگىلىنىشىچە، خىتاي تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئۆمەكلىرىنى شەرقىي تۈركسىتانغا زىيارەتكە تەشكىللىمەكتە ئىكەن.

پاكىستان باش مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، 3-نۆۋەتلىك «بىر بەلۋاغ ، بىر يول» مۇنبىرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە بېيجىڭغا بارغان كاكار خىتاي كومپارتىيىسى رەھبىرى شى بىلەن كۆرۈشكەن. كۆرۈشۈشتە، كاكار بىلەن شى بېيجىڭ بىلەن ئىسلامئاباد ئوتتۇرىسىدىكى «تەۋرەنمەس ھەمكارلىق» نى قايتا تەكىتلىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز-ئارا مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن يۇقىرى قاتلاملىق سۆھبەتنى كۈچەيتىش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قوشۇلغان. 

قازاقىستان پرېزىدېنتى ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولغان

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، «بىر يول بىر بەلۋاغ» يىغىنىغا قاتنىشىپ قايتىشىدا ئۈرۈمچىدە توختاپ ئۆتكەن قازاقىستان پرېزىدېنتى توقايېف، 18-ئۆكتەبىر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنياز بىلەن كۆرۈشكەن. خىتاي ۋە قازاقىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۆرۈشۈشتە ئىككى تەرەپ مۇھىم ساھەلەردىكى ئۆز ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ھەم چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى تەكىتلىگەن.

«ئاقئوردا» ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، توقايېفنىڭ «قازاقىستان خىتاينى مېتاللۇرگىيە، نېفىت، خىمىيە سانائىتى، قۇرۇلۇش، يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرى شۇنداقلا قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق ھەر خىل مەھسۇلاتلار بىلەن تەمىنلەشكە ۋە ئۇنى كۆپەيتىشكە تەييار… قازاقىستان يەنە خىتاي بازىرىنى مۇھىتقا پايدىلىق دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان تۇراقلىق مەنبە بولالايدۇ» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

لېكىن كۆرۈشۈشتە ئۇيغۇر رايونىدىكى قازاقلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، خىتاي جازا لاگېرلىرىدىكى قازاق تۇتقۇنلار ياكى ئۇيغۇر رايونىدا قالغان قازاقلارنىڭ قازاقىستاندىكى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن جەم بولۇش مەسىلىلىرىنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلگەن-كەلمىگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تاراتقۇلىرىدا بۇ خىل نازۇك تېمىلار توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىلمىگەن.

يېقىندا قازاقىستان بىلەن خىتاي ئىمزالىغان قازاقىستان-خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆز ئارا ئۇچۇرلىرىنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىدە، «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» پۇقرالىرىنىڭ قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتۈشتە خىتاينىڭ «دۆلەت تەۋەلىكىدىن ۋاز كەچكەنلىكى» ھەققىدىكى ئىسپاتنامە كۆرسىتىشى بەلگىلەنگەن. بۇنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتۈشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىدىغانلىقى، چۈنكى خىتاينىڭ ئۆزىگە تەھدىت ياكى «دۈشمەنلىك خاھىشى بار»، دەپ قارالغان كىشىلەرگە خىتاي «دۆلەت تەۋەلىكىدىن ۋاز كەچكەنلىكى» گە ئائىت ئىسپاتنامە بېرىشى مۈشكۈل ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. 

ھىندونېزىيەلىك «دىنىي ئۆلىمالار ئۆمىكى» شەرقىي تۈركىستانغا زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان

خەۋەر قىلىنىشىچە، ھىندونېزىيەنىڭ ھۆكۈمەت ھامىيلىقىدىكى «ھىندونېزىيە مەسچىتلەر كېڭىشى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ھىندونېزىيە «ASFA فوندى» نىڭ باشلىقى سيافرۇددىن كامبو باشچىلىقىدىكى بىر ھىندونېزىيە دىنىي ئۆلىمالار ئۆمىكى شەرقىي تۈركىستاندا زىيارەتتە بولغان. 

بۇ، خىتاينىڭ دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ مۇسۇلمان دۆلىتى بولغان ھىندونېزىيەگە قارىتا شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار تەشۋىقاتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋاتقانلىقىنىڭ بېشارىتى، دەپ قارالماقتا. خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى»، «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق تاراتقۇلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى جاڭ چۈنلىن 19-ئۆكتەبىر كۈنى سيافرۇددىن كامبو باشچىلىقىدىكى دىنىي ئۆلىمالار ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكەن.

2023-يىلى 21-ئۆكتەبىر