شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى دوكتور ئەلى سەللابىينىڭ خىتايغا يازغان خېتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى

دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى دوكتور ئەلى سەللابىي خىتاي رېجىمى رەئىسى شى جىنپىڭغا ئوچۇق خەت يېزىپ، خىتاينىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدىكى مەيدانىنى مەدھىيلىگەندىن كېيىن، خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ باياناتىدا دوكتور ئەلى سەللابىينىڭ خىتاينىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىدىكى «پەلەستىننىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش» مەيدانىنى، توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىشتىكى ئاتالمىش «خىتاي ئەقىل-پاراسىتى»نى ماختىغانلىقى، ھالبۇكى، ئەلى سەللابىي ماختاۋاتقان خىتاينىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەتىنى بولغان شەرقىي تۈركىستاننى 1949-يىلى ئىشغال قىلغاندىن بۇيان، تۇتقۇن قىلىش، جازا لاگېرىغا قاماش، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەرنى ئىزچىل سادىر قىلىپ كەلگەنلىكى، 2016-يىلىدىن تارتىپ يەنە ئاتالمىش «ئىسلامنى خىتايچىلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت ئىسلام دۈشمەنلىكى سىياسىتىنى يولغا قويغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا يەنە 2018-يىلى دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي رېجىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان رەزىل سىياسىتىنى ئەيىبلىگەنلىكى ۋە خىتاينى ئاگاھلاندۇرغانلىقى، ئەمما مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى بولغان دوكتور ئەلى سەللابىينىڭ شى جىنپىڭغا يازغان ئوچۇق خېتىدە بۇ نۇقتىلارنى قىلچە تىلغا ئالمىغانلىقى ئەسكەرتىپ ئۆتۈلدى.

تەشكىلاتلار بىرلىكى نارازىلىق باياناتىدا پەلەستىنلىكلەر 1948-يىلىدىن تارتىپ قىرغىن قىلىنىپ كەلگەن بولسا، خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىگە دۇچ كەلگەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭمۇ 1949-يىلىدىن بۇيان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، بۇ سەۋەبلىك خىتاينى «ئەقىل-پاراسەتلىك»، «تىنچلىقنى سۆيىدۇ» دەپ سۈپەتلەشنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىسلام ئۈممىتىگە قىلىنغان بىر مەسخىرە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا خىتاينىڭ پەقەت مۇسۇلمان ئەللەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈنلا پەلەستىن مەسلىسىنى قوللىغان قىياپەتتە كۆرۈنۈۋاتقانلىقى، دوكتور ئەلى سەللابىي ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش قاراشتىكىلەرنىڭ خىتاينى «ئادالەتلىك» دەپ قارىشىنىڭ پۈتۈنلەي ئەقىلسىزلىك ئىكەنلىكى، شەرقىي تۈركىستاندا ئاياللار ۋە بالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمانلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان خىتايدىن ياردەم سوراشنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى نورماللاشتۇرۇشقا يول ئېچىپ بېرىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

تەشكىلاتلار بىرلىكى باياناتىنىڭ ئاخىرىدا دوكتور ئەلى سەللابىينى خىتاي ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى تۈزىتىشكە، بۇ مەسىلىدە بىر مۇسۇلمانغا، بىر ئۆلىماغا ۋە دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ بىر ۋەكىلىگە لايىق ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئىنگلىزچە ۋە ئەرەبچە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر باياناتى يەنە دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى ۋە پەلەستىن ئۆلىمالار ھەيئىتىگىمۇ يەتكۈزۈلگەن.

دوكتور ئەلى سەللابىينىڭ شى جىنپىڭغا يازغان ئوچۇق خېتى 25-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكى ۋە پەلەستىن ئۆلىمالار ھەيئىتىنىڭ رەسمىي تور بېتىگىمۇ قويۇلغان. كۈچلۈك نارازىلىق سادالىرىدىن كېيىن، نۆۋەتتە مەزكۇر ئوچۇق خەت دۇنيا مۇسۇلمان ئالىملار بىرلىكىنىڭ رەسمىي تور بېتىدىن ئېلىۋېتىلگەن.

2023-يىلى 28-ئۆكتەبىر