يەھۇدىيلار ۋە زىيونىزم

 
يەھۇدىيلارنىڭ كېلىپ چىقىشى
 
يەھۇدىيلار مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەسەبى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا تۇتۇشىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسمائىل ۋە ئىسھاق دەپ ئىككى ئوغلى بولغان ۋە ئىككىلى ئوغلى پەيغەمبەرلەدىن بولغان. چوڭ ئوغلى ئىسمائىل كىچىك ۋاقتىدىلا ئانىسى ھاجەر بىلەن مەككىدە ياشىغان ۋە كېيىنچە يەمەندىكى ئەرەب قەبىلىلىرىدىن مەككىگە كېلىپ يەرلىشىپ قالغان جۇرھۇملاردىن ئۆيلەنگەن. كېيىنچە ئىسمائىل ئەلەيھىسسالام مەككىدىكى ئەرەبلەرگە پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلگەن. ئۇ پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەجدادى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ نەسلىدىن كەلگەن. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئىسھاق ئەلەيھىسسالام كەنئان زېمىنىدا (ھازىرقى پەلەستىن، لىۋان، سۈرىيە ۋە ئېئوردانىيە قاتارلىق جايلاردا) ياشىغان بولۇپ، ئۇنىڭ نەسلىدىن يەھۇدىيلار بارلىققا كەلگەن. يەھۇدىيلار بۇرۇن «كەنئانلىقلار» دەپ ئاتالغان بولۇپ، ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى يەئقۇب ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن ئۇلار «بەنى ئىسرائىل» (ئىسرائىل ئەۋلادى) دەپ ئاتىلىدىغان بولغان. چۈنكى يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ لەقىبى «ئىسرائىل» (ئاللاھنىڭ بەندىسى) ئىدى.
 
«يەھۇدىيلار» بىلەن «بەنى ئىسرائىل»نىڭ پەرقى
 
ھازىر دۇنيادا يەھۇدىيلار بىلەن بەنى ئىسرائىل ئىككىسى ئومۇمەن بىر مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. ئەمما قۇرئان كەرىمدە كەلگەن «بەنى ئىسرائىل» دېگەن ئاتالغۇ ئومۇمەن يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ سۇلالىسىدىن كەلگەنلەرگە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، «يەھۇدىي» دېگەن ئاتالغۇ ئومۇمەن پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا ئەرەب يېرىم ئارىلىدا مەۋجۇت بولغان يەھۇدىيلار ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن. ئۇلار يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى يەھۇزانىڭ سۇلالىسىدىن كەلگەنلەردۇر. ھازىرقى پەلەستىندىكى يەھۇدىيلارمۇ يەھۇزانىڭ نەسلىدىن سانىلىدۇ.
 
يەھۇدىيلارنىڭ مىسىرغا كۆچۈشى
 
يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئاكىلىرى تەرىپىدىن قۇدۇققا تاشلانغاندا، يولدىن ئۆتكەن كارۋان ئۇنى قۇدۇقتىن چىقىرىۋالىدۇ ۋە ئاكىلىرىدىن ئەرزان پۇلغا سېتىۋالىدۇ. (يۈسۈف سۈرىسى 20- ئايەت). ئاندىن ئۇنى مىسىرنىڭ قۇل بازىرىغا ئېلىپ بېرىپ، مىسىرنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى ۋەزىرى بۇتىفارغا سېتىۋېتىدۇ. يۈسۈف ئەلەيھىسسالام مىسىردا ناھەق تۈرمىگە تاشلىنىش، ئاندىن ئاقلىنىپ چىقىپ مىسىرنىڭ مالىيە ئىشلىرى ۋەزىرى بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، كەنئان زېمىنىدا ئاچارچىلىق يۈزىسىدىن ياردەم سوراپ كەلگەن قېرىنداشلىرىنى تونۇپ قېلىپ، ئۇلارنى ياشىنىپ قالغان ئاتىسى يەئقۇب ئەلەيھىسسالامنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرۇيدۇ. يەئقۇب ئەلەيھىسسالام پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنى مىسىرغا ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن، يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، مىسىردا تۇرغۇزىدۇ. (يۈسۈف سۈرىسى 99-100- ئايەتلەر). ئۇلار مىسىرغا كەلگەندە 75 كىشى ئىكەنلىكى مەلۇم. كېيىنچە ئۇلارنىڭ سانى تېز كۆپىيىشكە باشلايدۇ.
 
يەھۇدىيلارنىڭ مىسىردىكى كەچۈرمىشلىرى
 
يۈسۈف ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مىسىرنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى پادىشاھىمۇ ۋاپات بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مىسىرنىڭ پادىشاھلىق تۈزۈمىمۇ ئۆزگىرىدۇ ۋە مىسىر پادىشاھلىرى »پىرئەۋن« دەپ ئاتىلىدىغان بولىدۇ. مىسىر پىرئەۋنى رەمسىسس2 نىڭ زامانىغا كەلگەندە، ئۇ بىر چۈش كۆرىدۇ. چۈشكە تەبىر بەرگەنلەر مىسىردىكى بەنى ئىسرائىل جەمەتىدىن چىقىدىغان بىر كىشىنىڭ ئۇنىڭ تەختىنى ئۆرۈپ تاشلايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. پىرئەۋن شۇنىڭ بىلەن بەنى ئىسرائىل جەمەتىدىن تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاقلارنى ئۆلتۈرۈش ھەققىدە پەرمان چۈشۈرىدۇ. شۇ ۋاقىتلاردا تۇغۇلغان مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئانىسى كىچىك مۇسانى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئاللاھتىن كەلگەن ئىلھام بويىچە ئۇنى بىر ساندۇققا سېلىپ دەرياغا قويۇپ بېرىدۇ. (تاھا سۈرىسى 38-39- ئايەتلەر). ساندۇق سۇدا ئېقىپ پىرئەۋننىڭ باغچىسىغا كېلىپ قالىدۇ، پىرئەۋننىڭ ئادەملىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامنى تېپىۋېلىپ ساندۇقتىن چىقىرىدۇ ۋە پىرئەۋننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى بېقىۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ، ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامنى پىرئەۋندىن پىرئەۋننىڭ سارىيىدا قوغدايدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام شۇ سارايدا چوڭ بولىدۇ، كېيىنچە ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىك كېلىدۇ ۋە پىرئەۋننى ئىمانغا دەۋەت قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىسرائىل ئەۋلادىنى قۇل قىلىشتىن ۋاز كېچىپ ئۇلارنى ئۆز ۋەتىنى بولغان كەنئان زېمىنىغا بېرىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى تەلەب قىلىدۇ. چۈنكى ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ بىردىنبىر تەلىبى شۇ ئىدى. ئەمما پىرئەۋن ئىمان ئېيتىشتىن باش تارتىدۇ، ئىسرائىل ئەۋلادىنىمۇ قۇللۇقتىن ئازاد قىلىشنى رەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن قەۋمىنى باشلاپ كەنئان زېمىنلىرىغا قاراپ كېچىلەپ يولغا چىقىدۇ. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان پىرئەۋن قوشۇنلىرى بىلەن ئۇلارنى قوغلاپ ماڭىدۇ.
 
پىرئەۋن قوشۇنلىرى مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمىگە دېڭىز بويىدا يېتىشىۋالىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى قوغلاپ كەلگەن پىرئەۋن قوشۇنلىرىنى كۆرۈپ، «بىز ئەمدى تۈگىشىدىغان بولدۇق» دەيدۇ ۋە مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشكە باشلايدۇ. ئەمما مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلار: «ياق، بىز تۇتۇلۇپ قالمايمىز، چۈنكى رەببىم ماڭا يول كۆرسىتىدۇ» دەيدۇ. (شۇئەرا سۈرىسى 62- ئايەت). شۇ چاغدا ئاللاھ تائالا ئۇنى ھاسىسى بىلەن دېڭىزنى ئۇرۇشقا بۇيرۇيدۇ. نەتىجىدە، دېڭىزدىن قۇرۇقلۇق يولى ئېچىلىپ، ئۇلار سالامەت ئۆتۈپ كېتىدۇ، پىرئەۋن قوشۇنى دېڭىزغا كىرىپ بولغاندا، دېڭىز سۈيى ئەسلىگە كېلىپ ئۇلارنى پۈتۈنلەي غەرق قىلىۋېتىدۇ. (شۇئەرا سۈرىسى 63-66- ئايەتلەر).
مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قەۋمى ئەھۋالنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئەمما پىرئەۋننىڭ ئۆلگەنلىكىگە ئىشىنەلمەيدۇ. مۇسا ئالايھىسسالام قايتا-قايتا تەكىتلىسىمۇ ئۇلار يەنىلا ئىشەنمەيدۇ. چۈنكى ئۇنى بەك چوڭ بىلگەنلىكتىن، «پىرئەۋن ئۆلمەيدۇ» دەپ ئېتىقاد قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا پىرئەۋننىڭ جەسىتىنى دېڭىزنىڭ ساھىلىغا چىقىرىپ قويىدۇ. (يۇنۇس سۈرىسى 92- ئايەت). ئۇلار جەسەتنى كۆرۈپ ئاندىن ئۇنىڭ ئۆلگەنلىكىگە ئىشىنىدۇ.
 
يەھۇدىيلارنىڭ مىسىردىن چىقىشى
 
ئىسرائىل ئەۋلادى مۇسا ئالايھىسسالامنىڭ يول باشلىشى بىلەن ۋەدە قىلىنغان مۇقەددەس زېمىنغا قاراپ ماڭىدۇ. يول بويىدا بۇتقا چوقۇنۇۋاتقان قەۋملەرنى كۆرۈپ، مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن ئۆزلىرىگىمۇ بۇت ياساپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۇلارنى بۇ غەلىتە تەلىبىگە رەدىيە بېرىدۇ ۋە يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. (ئەئراف سۈرىسى 138- ئايەت). يولنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە ئۇلار «پىرئەۋنمۇ ئۆلدى، بىزنىڭ مىسىردا باغلىرىمىز ۋە ئۆيلىرىمىز قالغان ئىدى. شۇ يەرگە قايتىمىز» دەپ تۇرۇۋالىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا «ئى قەۋمىم! سىلەر ئەجدادىڭلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشنى ئارزۇ قىلغان ۋە مەندىن تەلەب قىلغان ئەمەسمىدىڭلار، ئەمدى نېمىشقا ئارقىغا چېكىنمەكچى بولىسىلەر» دەپ كايىيدۇ. (مائىدە سۈرىسى 23-26- ئايەتلەر).
 
يەھۇدىيلارنىڭ سىينا چۆلىگە مەھكۇم قىلىنىشى
 
يەھۇدىيلار مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى چۆلگە مەھكۇم قىلىدۇ. ئۇلار مىسىرغا قايتمقغى بولۇپ، ھەر كۈنى يول يۈرىدۇ، ئەتىسى ئورنىدىن تۇرسا تۈنۈگۈنكى يېرىگە كېلىپ قالىدۇ، يەنە ماڭسا، يەنە شۇنداق بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يېگىلى يوق، ئىچكىلى يوق، ھېچنەرسە يوق، قاقاسلىق سىينا چۆلىدە قالىدۇ. ئاللاھ تائالاغا ئۇلار رەھىم-شەپقەت قىلىپ، بۇلۇتلارنى سايىۋەن قىلىپ، بېرىپ، ئاسماندىن تەرەنجىۋىل ھالۋىسى ۋە بۆدۈنە كاۋىپى قاتارلىقلارنى چۈشۈرۈپ بېرىپ ئوزۇقلاندۇرىدۇ. (بەقەرە سۈرىسى 57- ئايەت). بۇ يەرە يەھۇدىيلار ئاللاھ تائالا چۈشۈرۈپ بەرگەن تاماققا ناشۈكۈرلۈك قىلىپ، مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن سامساق، پىياز، لوۋىيا قاتارلىق كۆكتاتلاردىن چۈشۈرۈپ بېرىشى ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا دۇئا قىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. (بەقەرە سۈرىسى 61- ئايەت).
 
يەھۇدىيلارنىڭ موزايغا چوقۇنۇشى
 
مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بىلەن تۇر تېغىغا كېتىدۇ، ئاكىسى ھارۇن ئەلەيھىسسالامنى قەۋمىگە مەسئۇل قىلىپ قويىدۇ. ئەمما ئۇلار ھارۇن ئەلەيھسسالامنىڭ سۆزىگە كىرمەيدۇ ۋە موزايغا چوقۇنۇشقا باشلايدۇ. (بەقەرە سۈرىسى 52- ئايەت). مۇسا ئالايھىسسالام قايتىپ كېلىپ قەۋمىنىڭ بۇ قىلمىشىدىن قاتتىق نارازى بولىدۇ. ئاندىن قەۋمىنىڭ ئىچىدىن 70 ئادەمنى تاللاپ چىقىپ، ئۇلارنى قەۋمىنىڭ موزايغا چوقۇنغانلىق گۇناھى سەۋەبلىك ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تىلەش ئۈچۈن سىينا تېغىغا ئېلىپ چىقىدۇ. (ئەئراف سۈرىسى 155- ئايەت). مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى يەتكۈزىدۇ، ئەمما ئۇلار بۇ سۆزلەرنىڭ ئاللاھنىڭ سۆزلىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشىمىز ئۈچۈن، بىز ئالدى بىلەن ئاللاھنى كۆرۈشىمىز كېرەك، دەپ تۇرۇۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قاتتىق يەر تەۋرەشكە تۇتۇلىدۇ. (بەقەرە سۈرىسى 55- ئايەت).
 
يەھۇدىيلارنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تۆھمەت قىلىشى
 
تۇرىسىينا ئېلىپ چىقىلغان 70 كىشى يەھۇدىيلارنىڭ ئەڭ ياخشىلىرى ئىچىدىن تاللاپ چىقىلغان تۇرۇقلۇق، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا قىلمىغان ئەدەپسىزلىكى ۋە يامانلىقى قالمايدۇ. بىر كۈنى ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا ھارۇن ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەجىلى كەلگەنلىكىدىن خەۋەر بېرىپ، ئۇنى ئىگىزرەك بىر تاغقا ئېلىپ چىقىشقا ئەمر قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالام ھارۇن ئەلەيھىسسالامنى ۋە ئۇنىڭ شەببەر ۋە شەبىر ئىسىملىك ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان جايغا چىقىدۇ. شۇ جايدا ھارۇن ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولىدۇ، مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىككى ئوغلى ئۇنىڭ نامىزىنى ئوقۇپ دەپنە قىلىدۇ. ئۇلار قەۋمىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇلارنى ئەھۋالدىن ۋاقىپ قىلغىنىدا، ئۇلار مۇسا ئەلەيھىسسالامغا تۆھمەت قىلىپ، «ھارۇن سەندىن ياخشى ئىدى، سەن ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتىڭ» دەيدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالام قاتتىق بىئارام بولۇپ، ھارۇن ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرىنى كۆرسىتىپ قويىدۇ، ئۇلار ئاتىسىنىڭ ئۆز ئەجىلىدە ئۆلگەنلىكىنى، ئۇنى ھېچكىمنىڭ ئۆلتۈرۈۋەتمىگەنلىكىنى ئېيتىدۇ، ئاندىن مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئەيىبلەشتىن توختايدۇ.
 
شۇ ۋاقىتتىكى يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ ئاسىيلىقى سەۋەبلىك ۋەدە قىلىنغان زېمىن — پەلەستىن زېمىنىغا كىرىشتىن مەھرۇم قىلىنىدۇ، مۇسا ئالايھىسسالاممۇ شۇ چۆلدە ئالەمدىن ئۆتىدۇ. تولۇق قىرىق يىل ئۆتكەن ۋە شۇ چاغدىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئاساسەن ھەممىسى ئۆلۈپ تۈگىگەندىن كېيىن، مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەربىيەسىدە يېتىلگەن يۇشەئ ئىبنى نۇن دېگەن كىشىگە پەيغەمبەرلىك كېلىدۇ.
 
يەھۇدىيلارنىڭ پەلەستىنگە كىرىشى
 
يۇشەئ ئەلەيھىسسالام يەھۇدىيلارنى باشلاپ پەلەستىن زېمىنىغا كىرىدۇ ۋە ئۇ جايدا ھاكىمىيەت قۇرىدۇ. ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ پەلەستىندىكى تۇنجى پادىشاھى تالۇت بولىدۇ. يەھۇدىيلار كىتابلىرىدا ئۇنى شاۋۇل دەپ ئاتىشىدۇ. تالۇتنى ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ تائالا ئۆزى بەلگىلەپ بەرگەن بولسىمۇ، يەھۇدىيلار ئۇنى نارازىلىق بىلدۈرۈپ تەسلىكتە قوبۇل قىلىدۇ. (بەقەرە سۈرىسى 246- ئايەت). تالۇتتىن كېيىن داۋۇد ئەلەيھىسسالام، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوغلى سۇلەيمان ئەلەيھىسسالام پادىشاھ بولىدۇ. كېيىنچە بۇ دۆلەت ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ، پەلەستىندە يەھۇزا ئىسىملىك پادىشاھىنىڭ ئىسمىدا يەھۇزا دۆلىتى، نابلۇستا يەھۇدىي دۆلىتى بارلىققا كېلىدۇ.
 
يەھۇدىيلارنىڭ دۆلىتىنىڭ تارمار قىلىنىشى
 
يەھۇدىيلار ئۆزلىرىگە كەلگەن پەيغەمبەر يەھيا ئەلەيھىسسالامنى ۋەھشىيلىك بىلەن ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، ئۇزاققا قالماي بابىل پادىشاھى بۇختەنەسسەر مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 586- يىلى پەلەستىنگە ھۇجۇم قىلىپ، يەھۇدىيلارنىڭ دۆلىتىنى پۈتۈنلەي تارمار قىلىدۇ، كىتابلىرىنى كۆيدۈرىدۇ، ئالىملىرىنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە خەلقىنى ئەسىرگە ئېلىپ بابىلغا (ھازىرقى ئىراققا) ئېلىپ كېتىدۇ. (ئىسرا سۈرىسى 4-8- ئايەتلەر). يەھۇدىيلار شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ دۆلىتىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، سەرسانلىقتا ھايات كەچۈرۈپ كېلىدۇ.
 
يەھۇدىيلارنىڭ پەلەستىندە دۆلەت قۇرۇشى
 
ئىسلام دۇنياسىنىڭ مۇستەھكەم قەلئەسى بولۇپ كەلگەن ئوسمانىيلار خەلىپىلىكى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەسىرلەردىن بېرى سەرسانلىقتا ھايات كەچۈرۈپ كەلگەن يەھۇدىيلار ئەنگىلىيەنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى ۋە ھەر تۈرلۈك ياردەملەرنى قىلىشى بىلەن، 1948- يىلى پەلەستىندە زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىك بىلەن دۆلەت قۇرۇۋالىدۇ، پەلەستىندىكى يەرلىك خەلقنى ئۆلتۈرۈش، قوشنا دۆلەتلەرگە پالاش قاتارلىق ۋەھشىيلىكلىرى بىلەن پەلەستىندىن يىراقلاشتۇرىدۇ. ھازىرغا قەدەر پەلەستىن خەلقى مۇستەملىكىگە بوي ئەگمىگەن ۋە ئۆزىنىڭ ھەققانىي كۈرەشلىرىنى بىر كۈنمۇ توختىتىپ قويمىغان. ئىسرائىلىيە تاجاۋۇزچى كۈچلىرى ناقەق ئۆلتۈرگەن پەلەستىنلىكلەرنى سانى 100 مىڭدىن ئاشقان بۇ قېتىمقى غەززە قەتلىئامىدا شېھىت بولغانلار بىلەن بۇ سان ئۇنىڭدىمۇ يۈكسەلگەن.
 
يەھۇدىيلارنىڭ لەنەتلىنىشى
 
قۇرئان كەرىمدە ئەڭ كۆپ لەنەتلەرگە قەۋم يەھۇدىيلار بولۇپ، ئۇلار يەنە ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان قەۋم دەپ تەبىرلەنگەن. مەلۇمكى، قۇرئان كەرىمدە يەھۇدىيلار بىلەن مۇشرىكلارنىڭ لەنەتكە ئۇچرىغانلىقى بايان قىلىنغان، يەنە ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇرئان كەرىمدە يەھۇدىيلاردىن باشقا ھېچقانداق بىر قەۋم «ئاللاھ تائالانىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان قەۋم» دەپ تەبىرلەنمىگەن. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى دۇنيادا يەھۇدىيلاردەك تۇزكور، ۋاپاسىز، خىيانەتچى، سۇيىقەستچى، ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچى ۋە جىنايەتچى قەۋم بولمىسا كېرەك. قۇرئان كەرىم ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلغان:
 
1. يەھۇدىيلار ئاللاھ تائالانى بېخىل دەپ سۈپەتلىگەن ئەدەپسىز قەۋمدۇر. (مائىدە سۈرىسى 64- ئايەت).
2. يەھۇدىيلار ئۆزلىرى ساماۋى دىنغا ئېتىھاد قىلىپ تۇرۇقلۇق، «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دەپ، ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرگەن قەۋمدۇر. (تەۋبە سۈرىسى 31- ئايەت).
3. يەھۇدىيلار پەيغەمبەرلەرنى ناھەق ئۆلتۈرگەن ۋە دۇنيا تارىخىدا ھېچقانداق بىر قەۋم قىلمىغان جىنايەتنى سادىر قىلغان قەۋمدۇر. (نىسا سۈرىسى 155- ئايەت).
4. يەھۇدىيلار ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى بولغان تەۋراتنى ئۆزگەرتىۋەتكەن، ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلارنىڭ بەزىسىنى يوشۇرغان، بەزىسىنى بورمىلىغان قەۋمدۇر. (نىسا سۈرىسى 46- ئايەت).
5. يەھۇدىيلار مۇشرىكلارغا «سىلەرنىڭ دىنىڭلار مۇھەممەدنىڭ دىنىدىن ياخشى» دەپ بەرگەن يالغانچى قەۋمدۇر. (نىسا سۈرىسى 51- ئايەت).
6. يەھۇدىيلار پەيغەمبىرى ھايات بار تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ ئەمرىگە ئاسىيلىق قىلىپ موزايغا چوقۇنغان قەۋمدۇر. (بەقەرە سۈرىسى 54- ئايەت).
7. يەھۇدىيلار ئۆز پەيغەمبىرىگە «سەن رەببىڭ بىلەن بېرىپ جىھاد قىلغىن، بىز بۇ يەردە تۇرۇپ تۇرايلى» دېگەن ئەدەپسىز ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى قورقۇنچاق قەۋمدۇر. (مائىدە سۈرىسى 24- ئايەت).
8. يەھۇدىيلار ئۆز پەيغەمبىرىگە ئىشەنمەي، «ئاللاھنى بىزنى كۆرسەت» دەپ تۇرۇۋالغان كاپىر قەۋمدۇر. (بەقەرە سۈرىسى 55- ئايەت).
9. يەھۇدىيلار ھەقىقەتنى يوشۇرىدىغان ۋە ئۇنى بىلىپ تۇرۇپ ئىنكار قىلىدىغان قەۋمدۇر. (بەقەرە سۈرىسى 146- ئايەت).
10. يەھۇدىيلار نېمەتكە تۇزكورلۇق قىلىدىغان، شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا كۇفرىلىق قىلىدىغان قەۋمدۇر. (بەقەرە سۈرىسى 61- ئايەت).
11.
زىيونىزم
 
زىيونىزم —19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا بىر قىسىم يەھۇدىيلار تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان سىياسىي تەشكىلات بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەھۇدىيلارنى پەلەستىن زېمىنىغا كۆچۈشكە تەرغىب قىلىش ۋە پەلەستىندە يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. ئەرەبچە «الصهيونية»، ئىنگىلىزچە «Zionism» دېگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ پەلەستىندىكى «الصهيون» دېگەن تاغنىڭ ئىسمىدىن ئېلىنغانلىقى سۆزلىنىدۇ، ئىسرائىلىيەلىك يەھۇدىيلار بۇ سۆزنىڭ ئورشىلىم دېگەنلىك بولىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىدۇ. چۈنكى زىيونىستلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ تېرور تەشكىلاتىنى دىنىي ئىسىم بىلەن ئاتاش ئاقىلىق تېرورلۇق ھەرىكەتلىرىنى يوللۇق قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ.
 
زىيونىزم تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى تىيودور ھېرتزل (1860- 1904) ئىسىملىك يەھۇدىي بولۇپ، ئىسرائىلىيەلىك يەھۇدىيلار ئۇنى «دۆلەت ئاتىسى» دەپ ئاتايدۇ. تىيودور ھېرتزل ئاۋۇستىرىيەلىك يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست بولۇپ، ئۆز ۋاقتىدا دۇنيادىكى يەھۇدىيلارنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن پەلەستىنگە كۆچۈرۈشكە قاتتىق كۈچىگەن ۋە ئۇلارغا يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇپ بېرىش ھەققىدە ۋەدىلەرنى بەرگەن.
زىيونىستلار ۋاسىتە تاللىمايدۇ
 
زىيونىستلار ۋاسىتە تاللىمايدىغان تېررورىست تەشكىلات بولۇپ، دۇنيدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ۋەھشىي تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى قىلىپ كەلگەن ۋە قىلمىشلىرىنى دىنىي تەرەپتىن يوللۇق كۆرسىتىش ئۈچۈن كۆپلىگەن رىۋايەتلەرنى ئويدۇرۇپ چىققان. ئۇلارنىڭ پەلەستىن زېمىنىنى يەھۇدىيلارنىڭ ئەجدادلىرىدىن قالغان مىراسى قىلىپ كۆرسىتىشتە ئىشلەتكەن ھۆججەتلىرىدىن بىرى «تەۋرات»نىڭ «تەكۋىن» بابى 13- تېكىستى بولغان «رەب ئىبراھىم بىلەن كېلىشتى ۋە ئۇنىڭ نەسلىگە كەنئان زېمىنىنى بەرگەنلىكىنى ئېيتتى» دېگەن تېكىست بولۇپ، بۇ تېكىست توغرا ۋە راست دەپ قوبۇل قىلىنغان تەقدىردىمۇ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئاللاھ تائالا ۋەدە قىلغان زېمىندا ئەرەبلەرنىڭمۇ ھەققى بولىدۇ. چۈنكى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئەرەبلەرنىڭمۇ، يەھۇدىيلارنىڭمۇ ئەجدادى ھېسابلىنىدۇ. زىيونىستلار پەلەستىننى پۈتۈنلەي يەھۇدىي دۆلىتى قىلىش بىلەن كۇپايە قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇلار چوڭ يەھۇدىي دۆلىتى قۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ «نىلدىن فۇراتقىچە» دەيدىغان سەپسەتىسى بار.
 
ئىسرائىلىيە ئامېرىكا بىلەن ئەنگىلىيەنى ئارقىسىغا ئېلىپ تۇرۇپ، دۇنيادا مۇشتۇمزورلۇق قىلغان، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قارارلىرىنىڭ بىرىگىمۇ ئەمەل قىلمىغان، پەلەستىن خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ئەڭ ۋەھشىي ئۇسۇللار بىلەن دەپسەندە قىلغان تېررورىست دۆلىتىدۇر.
 
زىيونىستلار ئۆزلىرىنىڭ ۋەھشىيلىكىنى يوشۇرىدۇ
 
زىيونىزم ھەرىكىتىنىڭ ۋەھشىيلىكلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ تېررور تەشكىلات ئىكەنلىكىنى ئوچۇق يورۇتۇپ بەرگەن قىممەتلىك ئەسەرلەر بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئۇلار زىيونىستلارنىڭ ۋاسىتە تاللىمايدىغان ۋەھشىيلىكىنى، قاتىللىقىنى ۋە ئۇچىغا چىققان زالىملىقىنى بايان قىلغان. مىسىرلىق دوكتور مۇھەممەد ئابدۇلۋەھھاب مەسىرىي ئۈچ توملۇق «يەھۇدىي ئېنسىكلوپېدىيەسى» يازغان، فرانسىيەلىك مۇتەپەككۇر ئالىم راجىيە گارودى 1982- يىلى ئالجىرىيەدە ئالجىرىيە خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق يولىدىكى ئۇرۇشىدا ئەسىرگە ئېلىنغان، كېيىنچە مۇسۇلمانلار ياخشى مۇئامىلىسى ۋە ئىسلامىي گۈزەل ئەخلاقىدىن تەسىرلىنىپ مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن «ئىسرائىلىيە ئەپسانە ۋە تېررورلۇق» ناملىق بىر ئەسەر يازغان بولۇپ، ئۇنىڭدا زىيونىزمنىڭ ۋەھشىي يۈزىنى ئېچىپ بەرگەن. گارودى مەزكۇر كىتابى سەۋەبلىك فرانسىيەدە نەزەربەنتكە ئېلىنغان ۋە كىتابلىرى پۈتۈن ياۋروپادا چەكلەنگەن، ئارىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ قاتتىق بېسىملىرىغا ئۇچرىغان، ھەتتا
ۋېنگىرىيەدە بىر ئادەم مەزكۇر كىتابنى ۋېنگىر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغانلىقى سەۋەبلىك، كىتابنى باسقان نەشرىياتنىڭ مۇدىرى بىلەن بىرلىكتە تۈرمىگە تاشلانغان.
 
2012- يىلى گارودى ۋاپات بولغاندا تۈركىيە دىيانەت ئىشلىرى مېنىستىرلىقى فىرانسىيەدىكى تۈركىيە باش ئەلچىسى ئارقىلىق بىر ھەيئەت ئەۋەتىپ، گارودىنىڭ ئائىلىسىگە تەزىيە بىلدۈرگەن ۋە خەتمە قۇرئان قىلىپ روھىغا دۇئا قىلغان. فىرانسىيە ھۆكۈمىتى گارودىنىڭ ئۆلۈمىگىمۇ ھۆرمەت قىلمىغان بولۇپ، ئۇنى جەسىتىنى كۆيدۈرۈپ، كۈلىنى دېڭىزغا سورۇۋەتكەن. تۈركىيە تەرەپ بۇنى سۈرۈشتۈرگەندە «ئۆزىنىڭ شۇنداق ۋەسىيىتى بار ئىدى» دەپ ئىشنى تۈگەتكەن.
 
2023-يىلى 31-ئۆكتەبىر