ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن

1933- يىلى ۋە 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنى پەخرىلىنىش بىلەن ئەسلەيمىز.
 
مەزكۇر جۇمھۇرىيەتلەر كەلگۈسىدىكى مۇستەقىل دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسى، مۇستەقىللىق يولىمىزدىكى مەشئىلىمىزدۇر.
 
شۇنىمۇ ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، تارىختا قۇرۇلغان شانلىق جۇمھۇرىيەتلىرىمىزنىڭ قۇرۇلۇش باسقۇچلىرى ئىنتايىن مۇھىم بولغاندەك، مەزكۇر جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ يىقىلىش سەۋەپلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ئاچچىق-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئەجدادىمىز سادىر قىلغان خاتالىقلار، يىقىلىش ئامىللىرىنىمۇ ئەۋلادىمىزغا دەرسلىك قىلىپ ئۈگۈتۈپ، مىڭ بىر جاپادا تىكلىمەكچى بولغان مۇنارنىڭ يىقىلماسلىقى ئۈچۈن ئۇلنى مۇستەھكەم قىلىشنىڭ ئامىللىرىنىمۇ ئۈگىنىشىمىز ئىنتايىن مۇھىمدۇر.
 
شۇنىمۇ ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى، مەزكۇر جۇمھۇرىيەتلەر قۇرۇلغان زامانلاردىكى شارايىتلار ئاددى، دۈشمەنلەرنىڭ كۈچى ھازىرقىدىن مىڭ ھەسسە تۆۋەن ھالەتتە ئىدى. بۈگۈنكى ۋەزىيەت بولسا، ئىنتايىن مۇرەككەپ، دۈشمەن بەك غالجىر، خەلقئارا ۋەزىيەتمۇ بىزنىڭ مەنپەئەتلىرىمىزگە ماس كەلمەيدىغان بىر ۋەزىيەتتە ياشاۋاتىمىز. ئەھۋال بۇنداق ئىكەن، خەلقىمىز جۇمھۇرىيەتلىرىمىزنى تەبرىكلەپ تەنتەنە قىلىش بىلەن بىرگە ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان دۆلىتىمىزنى قانداق قۇرۇپ چىقىش ۋە قانداق ساقلاپ قېلىش ۋە قانداق كۈچلەندۈرۈشنىڭ ئامىللىرى ئۈستىدە بەكرەك باش قاتۇرۇش مۇھىم دەپ قارايمەن.
 
شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ 74يىلدىن بىرى تۆلىگەن بەدەللىرى ئىككى جۇمھۇرىيەت ئەمەس، بەلكى ئىككى يۈز جۇمھۇرىيەت قۇرۇشقا ئەرزىيدۇ؛ ئەلۋەتتە!!!....
 
2023-يىلى 12-نويابىر