تارىخشۇناس پروفېسسور جەيمىس مىلۋارد ئەپەندى بىلەن بىرگە سۆزلەنگەن جۇمھۇرىيەت تارىخى

 
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى 12- نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 11-نويابىر كۈنى ئاخشام فەيىرفاكىس شەھىرىدە ئۆتكۈزگەن خاتىرىلەش ۋە تەبرىكلەش مۇراسىمىدا ئۇيغۇر ئېلى ۋە ئۇيغۇرلار تارىخى بويىچە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تەتقىقات قىلىپ ئامېرىكىدا «ياۋرو-ئاسىيا ئۆتۈشمە يولى: شىنجاڭ تارىخى» ۋە « قوۋۇقنىڭ سىرتىدا»ناملىق كىتابلىرىنى نەشر قىلدۇرغان ۋە كۆپلىگەن ماقالىلەرنى يازغان ھەم نۆۋەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قىرغىنچىلىق مەسىلىلىرىنى دائىم ئەتراپلىق يورۇتۇپ كېلىۋاتقان كونا دوستۇم پروفېسسور جەيمس مىلۋارد بىلەن بىرگە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى تارىخى ھەققىدە سۆزلىدۇق ۋە سوئاللارغا جاۋاب بەردۇق. بۇ ھەم ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ پائالىيەت تارىخىدا ئۇيغۇر ئامېرىكالىق ۋە ئامېرىكالىق ئىككى تارىخچىنىڭ بىرلىكتە ش ت ج تارىخى ھەققىدە مەخسۇس سۆز قىلىشىدۇر. جورجىتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پېشقەدەم پروفېسسورى جەيمس مىلۋارد ئەپەندى بىلەن مەن 1998-يىلى 7-ئايلاردا ئۇنىڭغا ئۇيغۇرچە ئۆگىتىش بىلەن تونۇشۇپ كونا ئالاقىلىرىمىزنى ئۈزمەي ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمىز. ئۇنىڭ ئۆيىدىمۇ كۆپ مېھمان بولغانىدۇق. ئىككىمىز كۆپلىگەن ئىلمىي يىغىنلاردا بىرگە دوكلات بەردۇق ۋە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان پىكىرداش بولدۇق. پروفېسسور جەيمس مىلۋارد ئەپەندى بىلەن بىرگە 2001-2004-يىلى جونس خوپىنس ئۇنىۋېرسىتېتى ئوتتۇرا ئاسىيا-كاۋكاز تەتقىقات ئىنستىتۇتى رەئىسى فرېد ستار ئەپەندىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى « شىنجاڭ قۇرۇلۇشى» غا قاتنىشىپ بىرلىكتە تارىخ تېمىسى بويىچە تەتقىقات قىلدۇق. نەتىجىدە 18 ئامېرىكىلىق تەتقىقاتچىنىڭ بىرلەشمە ئەمگىكى سۈپىتىدە « شىنجاڭ: خىتاينىڭ مۇسۇلمانلار چېگرا زېمىنى» ناملىق كىتاب نەشر قىلىندى. بۇ كىتابنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ 19-20-ئەسىر تارىخى قىسمىنى ئىككىمىز بىرلىكتە يازدۇق، شۇنىڭدىن كېيىن ئىككىمىزنىڭ ئىسمى بۇ كىتاب بىلەن گوگول ئىزدەش تورىدا بىرلىكتە تېپىلىدۇ. بۇ كىتاب ھازىرغىچە غەرب دۇنياسىدىكى نوپۇزلۇق ئەسەر سۈپىتىدە ھۆكۈمەت خادىملىرى، تەتىقاتچىلار، ئالىملارنىڭ بىرىنچى قول پايدىلىنىش قىممىتىنى يوقاتمىدى. ئۇيغۇر ئېلىگە مۇناسىۋەتلىك ھەرقانداق بىرەر دوكتورلۇق، ماگىستىرلىك تېزىسلىرىغا قارىسىڭىز بۇ كىتاب مەنبە كۆرسىتىلىپ كېلىنمەكتە ۋە ئىككىمىزنىڭ ئىسمى بىرلىكتە تىلغا ئېلىنىدۇ. مەزكۇر « قۇرۇلۇش» ۋە كىتاب ئەينى ۋاقىتتا خىتاينى قاتتىق چۆچۈتۈۋەتكەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى مەخسۇس ئالىملار قوشۇنى تەشكىللەپ بۇ كىتابقا قارشى كىتابلارنى يازدۇردى ۋە بۇ تەتقىقات لايىھىسىنى « خىتاينى پارچىلاش پروگراممىسى» دېگەندەك ھەيۋەتلىك سۆزلەرنى ئىشلىتىپ چالۋاقاپ كەڭ كۆلەمدىكى ھۇجۇملارنى ئۇيۇشتۇردى. ھەتتا كىتابنى ئىچكى قىسىمدا خىتايچىغا تەرجىمە قىلىپ، ئۇنىڭ سىياسەتچىلەر ۋە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا بەردى. خەلقئارا ئىلىمىي ئەخلاق ئۆلچىمىدىن يىراق خىتاي ھۆكۈمەت سىياسىي تارىخچىسى پەن جىپىڭ ئۆزىنىڭ مەزكۇر كىتابنىڭ خىتايچىغا ئىچكى قىسىمدا تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلغان نۇسخىسىغا يازغان مەخسۇس تەنقىد « ھۇجۇمى»دا جەيمس مىلۋارد ئەپەندى ۋە مېنىڭ نامىمنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. خىتاي شۇنىڭدىن كېيىن مەزكۇر كىتابنى يازغان ئامېرىكا ئالىملىرىنى مېنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا 2005-2006-يىللاردىن باشلاپ « قارشى ئېلىنمايدىغان» « خىتايغا بېرىشى چەكلەنگەن»لەر دەپ ئېلان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ تەتقىقاتچىلارنىڭ خىتايغا بېرىشىغا قەتئىي يول قويۇلمىدى. خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى ئىلمىي ۋە بىتەرەپ تۇرۇپ تەتقىق قىلغان ھەتتا ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلغان ۋە ئىجابىي باھالارنى بەرگەن ئامېرىكىلىق ئالىملارنىڭ ئۇيغۇرلار ئېلىگە قايتا بېرىشىنى چەكلەش ئارقىلىق ئۆچ ئالدى.
 
مانا بۇ قېتىم خىتاي ئۆچ كۆرگەن بۇ ئىككىمىز شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مۇراسىمىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارىخىنى سۆزلەپ ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىنىڭ گۈل تەقدىم قىلىشىغا مۇيەسسەر بولدۇق. بۇ ھەم پروفېسسور دوستۇم بىلەن بىر گۈزەل خاتىرە بولۇپ قالدى. شۇنىڭدەك ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈنمۇ تەسىرلىك بىر پائالىيەت بولۇپ، خاتىرە قالدى. ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى قۇرۇلغان 1998-يىلى 29-ماي، مەن شاھىت بولغان شۇ كۈنىدىن باشلاپ ھازىرغىچە مەزكۇر بىرلەشمىنىڭ 20 يىلغا يېقىن ھەر يىللىق جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىدە مەن ئىزچىل جۇمھۇرىيەتنى سۆزلەپ كېلىۋاتاتتىم. مانا بۇ قېتىم بۇ سەپكە بىرىنچى بولۇپ ئامېرىكىلىق ئاتاقلىق تارىخشۇناس جەيمس مىلۋارد ئەپەندى قېتىلىپ ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان تارىخى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارىخى ھەققىدىكى مول بىلىملىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنى شاتلاندۇردى!
 
2023-يىلى 19-نويابىر