ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنى ئېتىقادىي ۋە ماددىي نۇقتىنى تەڭ چىقىش قىلىپ ئىزاھلاش ۋە بۇ ھەقتىكى تۇتۇملار

«ئاقسا كەلكۈنى» ھۇجۇمى، ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئۇرۇشنىڭ نەتىجە - ئاقىۋېتى ۋە 48 كۈندىن كېيىنمۇ ئىشغالىيەتچىلەرگە قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنىڭ تەۋرەنمەسلىكىنى ئانالىز قىلىشتا ئېتىقاد ئامىلى مۇھىم ئۇرۇندا تۇرۇپ كەلمەكتە.
 
بۇ تەسەۋۋۇرنى ياقىلىغانلارنىڭ سۆزىگە قارىغاندا ، ئېتىقادنىڭ رولى غەززە قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنىڭ (تۆۋەندە مۇجاھىدلار دەپ ئېلىنىدۇ) غەززە رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا باستۇرۇپ كىرگەن ئىسرائىلىيە ئىىشغالچى ئارمىيىسى ئالدىدا كەم ئۇچرايدىغان جەسۇر قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە ئۈستۈن جەڭ قىلىش روھى، شۇنداقلا مىسلسىز قەھرىمانلىق داستانلىرىنى يارىتالىشىدا كۆرۈنەرلىك مۇھىم رول ئوينايدىكەن .
 
مۇجاھىدلارنىڭ ھەربىي قانىتىغا تەۋە تاراتقۇلىرى تارقاتقان سىن كۆرۈنۈشلىرى ئۇلارنىڭ ئىشغالىيەتچى كۈچلەرگە باتۇرلارچە قارشى تۇرۇش ۋە دۈشمەن بىلەن يۈزمۇ يۈز ئۇرۇشۇشقا جۈرئەت قىلالىشىدا ئىمان - ئېتىقادنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە رول ئوينىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىۋاتىدۇ.
 
غەززەدىكى مۇجاھىدلار كۆرسەتكەن بۇ روھتا ئەقىدە تۈرتكىلىرى كۈچلۈك نامايەن بولغان بولسىمۇ ، ئۇنىڭدا يەنە ماددى ئامىللارمۇنىڭ رولىمۇ بار بولۇپ، ئەقىدە ئامىللىرى بىلەن ماس قەدەمدە رول ئوينىدى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ ئىككى ئامىلنىڭ رولى مۇجاھىدلارنىڭ ھەربىي ئىقتىدارىنى نەچچە ھەسسە كۈچلۈك دۈشمەنگە ئەجەللىك زەربە بېرەلىگۈدەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىدا ۋە كۆزەتكۈچىلەر ھەم مۇتەخەسسىسلەرنى ھەيران قالدۇرغان يەر ئاستى تونېل تورىنى بەرپا قىلىشتىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلىرىدە كۆرۈلدى.
 
ماراكەشلىك ئاكادېمىك، ئىسلامىي ئىدىيە تەتقىقاتچىسى دوكتور ھەفىز ھاررۇس بۇ مەسىلىگە «شەرئىي پىرىنسىپلارغا قايتۇرۇش» ۋە «ئەمەلىيەتكە تەتبىقلاش»تىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىدىن قاراش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرغا قويۇپ « مەيلى شەرئىي پىرىنسىپلار بولسۇن، مەيلى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى بولسۇن، پەقەت بىرلا ئامىلغىلا تايىنىۋېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى كۆرستىدۇ» دەيدۇ.
 
ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ : «قۇرئان كەرىم ئىمكانىيەت يار بەرگەنچە ماددى تەييارلىقنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوچۇق بايان قىلدى «دۈشمەنلىرىڭلار (بىلەن ئۇرۇش قىلىش) ئۈچۈن، قولۇڭلاردىن كېلىشىچە قورال كۈچى، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار، بۇنىڭ بىلەن، ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا سىلەر بىلمەيدىغان، ئاللاھ بىلىدىغان دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر» [ئەنفال: 60]. بۇ ئايەتتىكى تەييارلىق ئىنساننىڭ ھازىرلاشقا كۈچى يېتىدىغان بارلىق كېرەكلىك قوراللارنى كۆرسىتىدۇ. مۇپەسسىر ئىبنى ئاشۇر بۇ ئايەتنىڭ تەپسىرىدە ئېيتقاندەك، بۇ كېرەكلىك قوراللار ئىلمىي، ئىقتىسادىي، تېخنىكا، ھەربىي ۋە باشقا تەييارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆرەشتە غەلىبە ۋە ياكى تەڭپۇڭلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشتە ھەر بىر دەۋرنىڭ ئۆزىنىڭ قوراللىرى بار.
 
ئۇ يەنە: «لېكىن قۇرئان بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماستىن ، بەلكى ياخشىلىق تەرەپتارلىرى بىلەن رەزىللىك تەرەپتارلىرى ۋە زالىم كۈچلەرگە قارشى كۆرەشتە ئىمان ۋە ئېتىقاد ئامىلىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقنى ئالاھېدە ئەسكەرتىدۇ : « شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز پەيغەمبىرىمىزگە، مۆمىنلەرگە ھاياتىي دۇنيادا ۋە (پەرىشتە، پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەردىن بەندىلەرنىڭ ئەمەللىرىگە گۇۋاھ بولىدىغان) گۇۋاھچىلار ھازىر بولىدىغان كۈندە ئەلۋەتتە ياردەم بېرىمىز» غافىر [غافىر: 51]. ئېتىقادنىڭ كۈچى ۋە ھەقىقەتنى قوللاش ئىرادىسى بىرگە بولۇپ، غەلىبە ياخشىلىق تەرەپتە بولىدۇ. «ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئاز جامائە كۆپ جامائە ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ. ئاللاھ بەرداشلىق بەرگۈچىلەر بىلەن بىللىدۇر» [بەقەرە: 249].
 
ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ماددىي سەۋەبلەر بىلەن ئەقىدە كۈچىنى بىرلەشتۈرۈش پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پائالىيەتلىرى (سۈننەتلىرى)دىمۇ نامايەن بولغان. گەرچە رەسۇلۇللاھ ۋەھىينىڭ يول كۆرستىشىگە ۋە ئىلاھىي ۋەدىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، مەيلى ھىجرەتتە، مەيلى غازاتلاردا ۋە ياكى دۆلەت ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش ۋە دۈشمەنگە قارشى تۇرۇشتا بولسۇن، ئىمكانىيەت ئىچىدە ھەرخىل ماددى ۋاسىتىلەردىن پايدىلانغان. بۇ ساھەدە مىسال ۋە دەلىللەر بەك كۆپ».
 
يۇقىرىقىلارنى ئەمەلىي تەتبىقلاشقا كەلسەك، بۇ مەسىلە ھارروسنىڭ سۆزىگە قارىغاندا «مەنپەئەت ۋە زىيان ئارىسىدا مۇۋازىنەت، كۆرەشنىڭ مۇۋاپىق ۋاقتى ۋە ئورنىنى مۆلچەرلەش ۋە بىكىتىش، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇۋاپىق ۋاستىلەرنى بىكىتىش قاتارلىق بىر قانچە ئەمەلىي ۋە ئىجتىھادى قائىدىگە بويسۇنىدۇ. بۇنى ئىككى يېتەكچى پرىنسىپ رامكىلاپ تۇرىدۇ: بىرى، ئىسلامنىڭ ئەڭ ئالى ئومۇمىي پىرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلىش؛ يەنە بىرى، مەيداندىكىلەرنىڭ سىرتتىكىلەرگە قارىغاندا ئەمەلىي تەتبىقلاشتا ئەڭ لايىق ئىكەنلىكىنى تونۇش. چۈنكى باشقا ئىشلار بىلەن ئالدىراش، ئەمەلىي مەيداندا ئەمەسلەر مەيداندىكى- رېئال ئەھۋالدىن، ۋەزىيەت ۋە ئۇچۇرلاردىن ئاۋۇلاردەك خەۋەردار بولالمايدۇ. شۇڭلاشقا، ئالدىنقى پىرىنسىپقا بويسۇنغان ھالەتتە {مەيدان سىرتىدىكىلەر مەيداندىكىلەرگە يول كۆرسەتمەيدۇ} دېسەك خاتالاشمايمىز.»
 
ئۆز نۆۋىتىدە قاتار ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرئان ۋە سۈننەت فاكۇلتېتىنىڭ باشلىقى دوكتور ئابدۇلجاببار سەئىد مۇنداق دەيدۇ: «بۇ مەسىلىنى توغرا ئىزاھلاشتا ماددىي ۋە ئېتىقادىي ئىككى ئامىلنى بىرلەشتۈرۈش كېرەك. مېنىڭ قارىشىمدا، مانا بۇ قۇرئان ۋە پەيغەمبەرنىڭ سۈننىتىگە مۇۋاپىق كەلگىنىدۇر. ماددىي ئامىللارغىلا تايىنىش يېتەرلىك ئەمەس؛ شۇنداقلا ئۇنىڭغا سەل قاراپ ئىمان ۋە ئېتىىقادقىلا تايىنىشمۇ يېتەرلىك ئەمەس. چۈنكى بىرىگىلا تايىنىپ ئىزاھلاش خاتالاشتۇرىدۇ.»
 
ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ «(ئى مۇھەممەد! بىر سىقىم توپىنى مۇشرىكلارغا) ئاتقىنىڭدا سەن ئاتمىدىڭ، بەلكى ئەمەلدە ئۇنى (مۇشرىكلارنىڭ كۆزلىرىگە) ئاللاھ ئاتتى.»[ئەنفال:17] ئايىتىنى دەلىل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ « ھەرىكەت ئوق ئاتقۇچىنىڭ بولۇپ، ماددىي ئامىلغا ئىشارەت، لېكىن ئېتىشنىڭ ئۆزىلا غەلىبە ئەكەلمەيدۇ، بەلكى ئاللاھنىڭ ئىنايىتى، يېتەكلىشى، تەۋفىقى ۋە مۇئمىن بەندىلىرىگە نۇسرىتىمۇ بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىمان - ئېتىقاد ئامىلىدۇر. ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىش ۋە نۇسرەت تىلەش بىلەن بىرگە، ماددىي تەيىارلىقنى ئىمكانىيەت يەتكىنىچە پۇختا قىلىش كېرەك، چۈنكى ھەر ئىككى ئىش بىللە تەلەپ قىلىنغاندۇر».
 
دوكتۇر سەئىد «ئەرەب 21» نىڭ ئىلاھىي ۋەدىلەرگە ۋە خۇش بىشارەتلەرگە تايىنىپ كۆتىرەڭگۈ روھ يارىتىش ۋە ئۈمىد تارقىتىش ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋابەن مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئەلۋەتتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يولى. ئۇ خەندەك غازىتىدا ھەر تەرەپتىن مۇھاسىرىدە قالغاندا قىلغان بىر ئىش. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر تەرەپتىن خەندەك كولاپ تاش چوقۇسا، يەنە بىر تەرەپتىن ساھابىلىرىغا رۇمنى فەتىھ قىلىپ بويسۇندۇرۇش ھەققىدە خۇش بىشارەتلەرنى بەرگەن. مانا بۇ توغرا ئۇسۇل، لېكىن بۇنى مۇبالىغە قىلماي، ئىنسانلارنى ئېرىشكىلى بولمايدىغان خام خىيال ۋە خىيالى ئارزۇلارغا باغلىماي ئېلىپ بېرىش كېرەك».
 
بۇ ھەقتە يەنە شۇنىڭغا دېېققەت قىلىش كېرەككى، فىقھىشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، جىھاد مۇداپىئە جىھادى ۋە فەتھ جىھادى دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنگەن بولۇپ، كېيىنكىسى ھازىرقى ئاتالغۇدا ئىشغالىيەت ۋە مۇستەملىكىگە قارشى كۈرەشنى كۆرسىتىدۇ. قەيەردە بىر تاجاۋۇزچى دۈشمەن يۇرت(ۋەتەن، دۆلەت)نى ئىشغال قىلىۋالىدىكەن، ئۇ يۇرتنىڭ بارلىق خەلقى دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئاتلىنىشى ۋە بار بولغان پۈتۈن كۈچ ھەم قارشىلىق ۋاسىتىلىرى بىلەن جىھاد قىلىشى كېرەك.
 
شەرئ بىلىملەر تەتقىقاتچىسى ئەمىن ھەدىد : «فىقھ كىتابلىرىغا قاراپ چىققان كىشى فىقھىشۇناسلارنىڭ جىھادنىڭ شەرتلىرى ئۈستىدە توختالغاندا، جىھادنىڭ توغرا خاتالىق شەرتلىرى ئەمەس بەلكى ۋاجىپلىق شەرتلىرى ئۈستىدە توختالغانلىقىنى كۆرىدۇ.
 
مەسىلەن، دۈشمەننىڭ كۆپ ياكى ئاز بولۇشى مەيداندا سابىت تۇرۇپ چېكىنمەسلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، دۈشمەن ھەرقانچە كۈچلۈك بولسىمۇ مەيداندىن چېكىنمەسلىك ئەۋزەل دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا دەسلەپكى مۇسۇلمانلار غەلىبە قىلغان غازاتلارنىڭ كۆپىنچىسىدە دۈشمەن مەيلى سان ياكى قورال – ياراق جەھەتتىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن ئىدى ».
 
ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: « (كۈچتە) تەڭ بولۇشش ئەزەلدىن جىھاد قىلىشنىڭ توغرا خاتالىقىنىڭ شەرتى بولمىغان. شۇڭلاشقا ، مۇمكىن بولغان ھەر ئامال بىلەن مال ۋە جاننى تىكىپ تۇرۇپ دۈشمەنگە قارشى چىقىش ھەم ۋاجىپ ھەم ھەق ئىش بولۇپ، (ۋاجىپلىق چۈشكەنلەرنىڭ ئۈستىدىكى) مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغانلىقتۇر. ئاللاھنىڭ {قىلالىغىنىڭلارچە} دەپ چۈشۈرگەن بۇيرۇقىدىكى قۇرال تەييارلىقى قىلىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بولۇپ، نەتىجىسى ئايەتتىكى {دۈشمىنىڭلارنى قورقۇتۇسىلەر} گە يېتىشتىن ئىبارەت.»
 
ئۇ يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «مانا بۈگۈن بىز بۇ روھنى كۈرەش قىلىۋاتقان غەززە ۋە سەۋرچان غەربىي قىرغاقتا كۆرۈۋاتقىنىمىز. يېڭى چىققاندا بىھۇدە دەپ قارالغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ھازىر (جوھۇتلار) شەھەرلىرىنى ئادەمسىزلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنى قالايمىقانلاشتۇردى، پاناھلىنىش ئۇرۇنلىرى توشۇپ كەتتى. يالغۇز بۆرىلەر(يەككە قارشىلىق كۆرسىتىدىغان كىشىلەر) دۈشمەننىڭ ھاياتىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان قاباھەتلىك چۈشكە ئايلاندى. ئىشغالچىلارغا قارشى «قورقۇ تەڭپۇڭلىقى» بۇرۇنقى خىيالدىن رېئاللىققا ئايلاندى. ئاللاھنىڭ يۇقىرىقى ئايەتتىكى دۈشمەننى قورقۇتۇش دېگىنى دەل مۇشۇدۇر ».
 
ئۇ يەنە: «خەلق قارشىلىق كۆرسىتىش ۋە پارتىزانلىق ئۇرۇشلىرى بۇرۇنقى فىقھىشۇناسلارنىڭ ( ئىبنى تەيمىيەمۇ شۇنىڭ ئىچىدە) ئىماندىن قالىسلا ئەڭ ۋاجىپ ئىش دۈشمەنگە قارشى تۇرۇش دەپ كۆرسەتكەن ئۇرۇش بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالاھىدە بىر شەرت يوق، بەلكى ئىمكان بولغانچە ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك».
 
ئۇ «ئاقسا كەلكۈنى» ھەققىدە چىققان « بۇ ئىشنى باشلاتقانلار كۈچ مۇۋازىنىتىدە ئىشغالىيەتچى دۈشمەننىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئېگە ئىكەنلىكىنى نەزەرگە ئالمىغان، ماددى تەييارلىقتا كەمتۈكلۈك بار ۋە نەتىجىسى ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، غەززە خەلقىگە ئېغىر تالاپەت ۋە ئېچىنىشلىق ئاقۋەت ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەندەك ئېتىرازلار ئۈستىدە توختۇلۇپ: « ئىمام ئىز بىن ئابدۇسالام قەيت قىلغاندەك : مەنپەئەت ۋە زەرەر نىسبىي ئۇقۇملاردىن بولۇپ، زامان، ماكان ۋە شارائىتقا قارىتا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، ھەم بىر - بىرى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. نوقۇل مەنپەئەت ۋە پايدا ۋە ياكى نوقۇل زەرەر بىلەن نەتىجىلىنىش ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدۇ. كۆپىنچە مەنپەئەت بىلەن زىيان بىللە كېلىدۇ» دەيدۇ.
 
ئۇ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «شۇڭلاشقا، كۈرەشتە ھەر قانداق جەڭدە ساقلىنىپ بولمايدىغان ئۆلۈش، يارىلىنىش ۋە ۋەيرانچىلىق نۇقتىسىدىن قارالمايدۇ. مەنپەئەتتە نوقۇل بۇ تەرەپلەرنىلا چىقىش قىلىپ، ئۇنىڭ نەتىجىسىدە دۈشمەنگە باش ئېگىش، تەسلىم بولۇش تەرەپلىرى نەزەردىن ساقىت قىلىنغىنىدا ئىشغالىيەتچىگە پايدا بولۇپ، ئۇنى تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشۇرىۋېتىدۇ».
 
تەرجېمە : مەخسۇم
2023-يىلى 2-دېكابىر