«مۇئ‍مىن ۋاستىلەر ئۈستىدە توختىلىدۇ، مۇناپىق نىشان ۋە غايىلەر ئۈستىدە پىتنە تارقىتىدۇ»

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتىدىكى كۈرۈشكە قارايدىغان بولساق، بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭكىدىن پەرقلىق بىر جەرياننى كۆرىمىز. بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر بولسا توپان، بوران، شىددەتلىك ئاۋاز، دېڭىزدا غەرق بولۇش تەك ئىلاھى ياردەمگە نائىل بولغان، ياكى سۇلايمان ئەلەيھىسسالامدەك كاتتا كۈچ قۇۋۋەت بېرىلگەن ۋە ياكى دۇنيادا غەلىبە يۈزىنى كۆرۈش نېسىپ بولماي ئۆتكەن، ھەتتا يەھيا ۋە زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش ئۆلتۈرۈلگەن، ئەيسا ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش ئاسمانغا ئېلىپ چىكىتىلگەن.
 
لېكىن پەيغەمبېرىمىزنىڭ كۈرەش ھاياتى يۇقىرىدىكلەرنىڭ ھېچقايسىسىغا ئوخشىمايدىغان بولۇپ، تاكى قىيامەتكىچە تەتبىقلاش ئىمكانىيىتى بار كۈرەش جەريانىدۇر.
 
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەئۋېتىنى نۆلدىن باشلىغان. دەسلەپ يۇشۇرۇن، ئەتراپىدىكىلەر بىلەنلا، ئاندىن تاغىسىنىڭ نوپوزى ھېمايىسىدە ئېلىپ بارغان، ئاندىن ئۆزىگە ئەگەشكەنلەردىن بىر قىسمىنى ھەبەشىستانغا ئەۋەتىۋەتكەن، ئاندىن تائىف كاتتىلىرىنى دەۋەت قىلغان، ئۇ يەردىن قايتىپ قۇرەيش كاتتىلىرىدىن مۇتئىم ئىبنى ئەدىينىڭ ھېمايىسىگە كىرگەن، ئاندىن ھەر ھەج مەۋسىمىدە كەلگەن قەبىلىلەرنى دەئۋەت قىلغان، ئىسلامنى تونۇشتۇرغان، ئۇلاردىن ياردەمچى كۈچ ئىستىگەن. ئۇنىڭدىن كېيىن بىرىنجى ئەقەبە بەيئىتى، كېيىن ئىككىنچى بەيئەت بولۇپ پەيغەمبەر ئەلەيھسىسسالامنىڭ مۇستەھكەم تايانچى شەكىللەنگەن. ئاندىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ ئۇ يەردە ئىسلام جەمىيىتى ۋە دۆلەت قۇرۇپ، ھەربى كۈچ تەشكىللىگە. ئارقىدىن تەرەپ - تەرەپكە كىچىك قوشۇنلارنى ئەۋەتكەن. ئاندىن بەدرى غازىتىدا دەۋەت دۈشمەنلىرىنىڭ كاتتىلىرى يوقىتىلغان، ئۇھۇدتا مۇسۇلمانلار سەل كەتكۈزۈپ قويغان بولسىمۇ، كېيىنكى ھەمرا ئەسەدتە يەنە غەلىبە قىلغان. ئۇنىڭدىن كېين خەندەك ئۇرۇشى باشقىچە بىر ئېلىپ بېرىلغان. كېيىن قارشى تەرەپ بىلەن ھۈدەيبىيە سۈلھىسى، يەنە خەيبەر كېلىشمى تۈزۈلگەن. ئاخىرىدا ئاللاھ بىشارەت بەرگەن كاتتا فەتىھ كېلىپ، پۈتۈن ئەرەپ يېرىم ئارىلىدا ئىسلام ھۆكۈمران بولغا.
.
بۇلاردىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ نۇسرەت بىلەن ئاخىرلاشقان كۈرىشىنىڭ ئىككى ئالاھىدىلىكىنى كۆرىمىز :
 
1 : بەزىلەر تەسەۋۋۇر قىلىدىغاندەك غەلىبە خىيالى ئولتۇرغاندا، تۇيۇقسىزلا ئاسماندىن چۈشۈپ قالىدىغان ۋە ياكى ئىشنىڭ باشلىنىشىلا قولغا كېلىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئەگرى كۆرسەتكۈچ سىزىق گىبى ئازدىن كۆپكە، تۆۋەندىن يۇقۇرىغا ئۆرلىگەن جۇغلانما ھەركەتنىڭ نەتىجىسىدىن ئىبارەت. بۇ جەرياندا كۈچ تەڭپۇڭلىقى بارا -بارا ئېشىپ، ئاخىرىدا مۇسۇلمانلار تەرەپتە بولغان. يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام باش بولغان مۇسۇلمانلار جەمىيىتى يىلدىن - يىلغا، بولۇپمۇ ھىجرەتتىن كېيىن كۈچىيىپ ماڭغان، ھەر بىر باسقۇچتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىشلىتىدىغان كوزىر، ۋاسىتىلىرى ۋە تاللاش ئىمكانىيەتلىرى كۆپەيگەن. دۈشمەننىڭ بولسا ئەكسىچە ئازايغان. ئاخىرىدا كاتتا فەتىھ مۇشۇ جەرياننىڭ ئەڭ يۇقۇرى چوققىسى ۋە تۈگۈنچسى بولغان.
 
2 : بۇ جەريان ھۇد ئەلەيھىسسالام ۋە ياكى لۇت ۋە سالىھ ئەلەيھىسسالام قەۋملىرىگە ئوخشاش ئاللاھتىن بىۋاستە ھالاك قىلىدىغان قاتتىق ئاۋاز ۋە ياكى توپان ۋە ياكى ئاسماندىن ياغقان تاش جازالىرى بىلەن خۇلاسىلەنگەن ئەمەس. بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ساھابىلىرى ھەركەت قىلغان، ئىش قىلغان. ئاخىرىدا ئاللاھنىڭ جازاسى دۈشمەننى قورشاپ غەلىبە قىلغان ئون مىڭ مۇسۇلمان قوشۇن شەكلىدە تەجەللى بولغان.
 
ئەلۋەتتە ئىلاھى ياردەممۇ ھەردائىم مۇسۇلمانلار تەرەپتە ئىدى، لېكىن زېمىن ئەھلى بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ ھەركەت قىلىشى ۋە ماددى تەييارلىق ئالدىنقى شەرت ئىدى. بۇ شەرت ھازىرلا بولىدىكەن ئىلاھى ياردەممۇ ھازىر ئىدى.
 
«ئۆز ۋاقتىدا (دۇئا قىلىپ) پەرۋەردىگارىڭلاردىن ياردەم تىلىدىڭلار، ئاللاھ :«سىلەرگە ئارقىمۇ ـ ئارقا (چۈشىدىغان) مىڭ پەرىشتە بىلەن ياردەم بېرىمەن» دەپ دۇئايىڭلارنى ئىجابەت قىلدى[9]». (ئەنفال)
 
ئىككى مىڭ پەرىشتىلىك ياردەم .. قاچان؟ .. بەدرىدە قۇرالسىز كارۋان ئەمەس بەلكى قۇراللىق قوشۇنغا قارشى ئاتلانغېنىڭلاردا.
 
نەتىجە : ئاللاھ سىلەرگە قىلغان (دۈشمىنىڭلارغا قارشى نۇسرەت ئاتا قىلىشتىن ئىبارەت) ۋەدىسىدە تۇردى؛
 
«ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇلارنى قىرىۋاتاتتىڭلار[152]». (ئال ئىمران)
 
سىلەر قىلىۋاتاتتىڭلار-- ئاللاھ نۇسرەت ۋەدىسىدە تۇردى
 
« ئۇلارغا ئۇرۇش ئېچىڭلار، ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلار بىلەن جازالايدۇ[14]» (تەۋبە)
 
سىلەر سىلەر ئۇرۇشۇڭلار -- ئاللاھ ئۇلارنى جازالايدۇ
 
«ئاللاھ (ئىلاھلىقى) ھەققىدە ھېچبىر دەلىل چۈشۈرمىگەن نەرسىلەرنى (يەنى بۇتلارنى) ئاللاھقا شېرىك قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، كاپىرلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالىمىز[151]». (ئال ئىمران)
 
(قىلىچ بىلەن كاپىرلارنىڭ) گەدەنلىرىگە چېپىڭلار (يەنى باشلىرىنى كېسىڭلار)، ئۇلارنىڭ بارماقلىرىغا (ھەممە ئەزاسىغا) چېپىڭلار[12]. (ئەنفال)
 
يەنە سىلەر (قىلىچ بىلەن كاپىرلارنىڭ) گەدەنلىرىگە چېپىڭلار – بىز كاپىرلارنىڭ دىللىرىغا قورقۇنچ سالىمىز
 
«ئازاب ئۇلارنىڭ ھويلىسىغا چۈشكەن چاغدا، ئاگاھلاندۇرۇلغۇچىلارنىڭ ئەتىگىنى نېمىدېگەن يامان![177]». (ساففات)
 
مانا بۇ ئاللاھ ئەڭ كاتتا مەرتىۋىلىك پەيغەمبېرىگە تاللىغان ھەم ياردەم بەرگەن يول. بۇنىڭدىكى ھېكمەت ئاشكارە تۇرۇپتۇ .
 
«ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئەلۋەتتە (سىلەرنى ئۇرۇشقا تەكلىپ قىلماستىنلا) ئۇلارنى جازالىغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىناش ئۈچۈن (يەنى ئىمانىڭلارنى سىناش ئۈچۈن جىھادقا ئەمر قىلدى)، ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ (يەنى شېھىتلەرنىڭ) ئەمەللىرىنى ئاللاھ بىكار قىلىۋەتمەيدۇ[4]». (مۇھەممەد)
 
ئەگەر بىز بۇ يەردىكى سىناقنى پەقەت كاپىرلارنىڭ ئەزىيەتلىرىگە بەرداشلىق بېرىش دەپلا قارىساق خاتالىشىمز، سىناق يەنە زۇلۇمنى، خارلىقنى يوقىتىش ئۈچۈن كۈچىمىز يەتكەن ھەرقانداق يوللۇق ۋاستىنى قوللىنىپ، دۈشمەنگە تاقابىل تۇرۇش، زەربە بېرىش، ھالسىرىتىش ۋە ئۇنىڭ مەنەپەتلىرىگە تەھدىت يەتكۈزۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
 
ئاللاھنىڭ نۇسرېتىنىڭ ۋاقتى كەلمىگەنلىكىدىكى ھېكمەت بىلەن مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلمىغانلىقتىن نۇسرەت كەلمەسىلىكىنى ئارىلاشتۇرىۋەتمەسلىكىمىز كېرەك.
 
ئاللاھنىڭ نۇسرىتى بىز تەييار ئەمەسلىكىمىزدىن كەلمەيدۇ؛ ۋاقتى سائىتى بولمىغانلىقدىن كەلمەيدۇ؛ كاپىرلارنى تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ، تېخىمۇ قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىشى ئۈچۈن كەلمەيدۇ؛ قانۇنىيەتلىرى ئەمەلىيلەشمىگەنلىكى ئۈچۈن كەلمەيدۇ . بۇلار ئالدىنقى نۇقتىدىكى ھېكمەتلەر.
 
كېيىنكى نۇقتا بولسا بىز ئىمكان يەتكەنچە ئادا قىلىشقا بۇيرۇلغان تەييارلىقنى قىلمىغانلىقىمىزدىندۇر. نۇسرەت يۇقاردا دېيىلگەندەك ئاز - ئازدىن باشلاپ كۈچىيىپ، كۈچ مۇۋازىنىتىنى ئۆزىمىزگە ئاغدۇرۇپ، يېتەرلىك ۋاستە ۋە سەۋەپلەرنى قوللىنىپ، دۈشمەنگە ھەر تەرەپتىن ھۇجۇم قىلىپ زەئىپلىتىپ، ھالسىرىتىپ ئاخىرى ھېلىقى يۇقۇرى پەللىدىكى نۇقتىغا يەتمىگەنلىكىمىزدىن كېچىكىدۇ.
 
نۇسرەت بېشىمىزنىڭ ئۈستىدىلا قاراپ تۇرىدۇ، لېكىن بىز نائىل بولۇش ئۈچۈن ئاللاھ بىكىتكەن قانۇنىيەتلەر بويىنچە ئىش قىلغاندا ئاندىن نازىل بولىدۇ.
 
يۇقاردىكى نۇقتىلارنى نەزەردىن ساقىت قىلساق، ئىشىمىزدا ئالدىغا ئەمەس ئارقىغا ماڭىمىز. دۈشمەن تېخىمۇ كۈچىيىپ بىزگە ئەجەللىك زەربە بېرىۋېرىدۇ.
 
بۈگۈنكى ھاماس باشچىلىقىدىكى پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرى(مۇجاھىدلار) بۇ جەرياننى توغرا بېسىپ ئۆتكەن دېيىشكە بولىدۇ.
 
80 – يىللاردىكى تاش ئېتىشتىن باشلىنىپ، 2000 نىڭ باشلىرىدا 3 كىلومېتىر مەنزىللىك قەسسام بومبىسى، ئاندىن 9-12 ك لىق قەسسام 2 بومبىسى، ئاندىن16ك لىق قەسسام 3 تاكى ھازىرقى 250ك ئۇزاق مەنزىللىك ئەيياش باشقۇرىلىدىغان بومىبىسى مۇجاھىدلار غەززەدە تۇرۇپ ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارالىق ئايرىدۇرۇمىغا بېرىپ ئۇلارنىڭ خەلقئارالىق ئۇچۇشلىرىنى پالەچ ھالغا چۈشۈىرىدىغان ، پايتەخت تېل ئاۋىۋلىقلارنى يەر ئاستا قوغدىنىش يەرلىرىگە قامال قىلىدىغان بولدى.
 
بۇ جەرياندا ئاللاھ نۇرغۇن شەھىتلەرنى ھۇزۇرىغا ئالدى، زالىم ۋەھشىلىكتە تېخىمۇ ئەزۋەيلىدى. مۇجاھىدلارمۇ ئاسماندىن توككىدە چۈشىدىغان نۇسرەت كۈتۈپ ياتمىدى. بەلكى كېيىنكى جەريان ئۈچۈن نەچچە يۈز كىلومېترغا سوزۇلغان يەرئاستى تۈنەل شەھىرى، ئۆزىگە خاس ئىچكى ئالاقە تېلىفۇن سىستېمى، ئۆزىگە خاس كىچىك تىپتىكى درونلار، دۈشمەن زېمىنىنىڭ قەيىرىگە بولسۇن تەھدىت سالىدىغان بومبىلار، زەربە يېمەس تانكىلىرىنى پاچاقلىغان RBG لەرنى ياساپ چىقتى.
 
دۈشمەن تايىنىپ كەلگەن ھۈركۈتۈش تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلدى(يەنى دۈشمەن ئۈزىنىڭ يۈكسەك تېخنىكا ۋە قۇرال كۈچىنى ئىشلەتمەيمۇ قارشى تەرەپكە قورقۇ سېلىپ، ھەرقانداق قارشىلىق كۆرسىتىشتىن ياندۇرۇش)، مۇجاھىدلارنىڭ ھۇجۇملىرى دۈشمەنگە ئېغىر ئىقتسادى چىقىم پەيدا قىلدى، مۇجاھىدلارنىڭ بىر قانچە يۈز دولارلىق بومبىلىرى ئۈچۈن بىر تانىسى 62 مىڭ دولارلىق توسىغۇچى بومبا قوللىنىلدى. مانا بۇلارنى دۈشمەن 14 يىلدىن بېرى ھەر تەرەپتىن مۇھاسىرىگە ئېلىۋالغان خەلق قىلالىدى.
بۇنىڭغا قوشۇلۇپ يىللاردىن بېرى تەجرېبە ئېگەللىگەن سىياسى قاناتمۇ ئاكتىپ رول ئويناپ، ھەر توقۇنۇش ئاخىرىدا سىياسى ئۇتۇققا ئېرىشتى. ھەر توقۇنۇشتا دۈشمەن تېخىمۇ زەئىف ھالغا چۈشتى.
 
خالىد خەتتاب - مەخسۇم تەرجېمىسى
 
ئەمدى بىزنىڭ شەرقى تۈركىستان ھالىتىگە كەلسەك، ھازىرقى زامانغا مۇناسىپ ھالدا كۈرەش ھەم قۇراللىق ھەم سىياسى مەيداندا تەڭ بولىدۇ، لېكىن بىزنىڭ بۇ ئىككى قانات بەزى بىر -بىرىگە قارشى تەرەپكە قېقىپ، بىر- بىرى بىلەن ماسلىشالماي، ھەتتا ياتلىشىپ، چەتكە قېقىپ دېگەندەك كېلىۋاتىدۇ.(ئەلۋەتتە سىياسى قاناتنىڭ ئىچىدىمۇ شەرقى تۈركىستان ئالى نىشانىغا يات ئېقىم گورۇپپىلارمۇ قىستۇرۇۋالدى). بىز ئاۋۇر جەرياننى توغرا يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئەۋەل مۇشۇ ئىككى قاناتنىڭ تۈزلىنىدىغان يەرلىرىنى تۈزلەپ، سوقۇنۇپ كىرىۋالغانلارنى يوقۇتۇپ، ئاندىن داۋام قىلىش كېرەكمۇ قانداق؟