شى جىنپىڭنى « دىكتاتور» دىيىش تەنقىد ئەمەس، خوشامەتتۇر

 
(بۈگۈن The American Spectator ناملىق ژ ئورنالدا ئېلان قىلىنغان مۇشۇ تىمىدىكى ماقالىدىن بىر نەچچە ئۈزۈندە تەرجىمىسى)
 
جوي بايدىن شى جىنپىڭنى " دىكتاتور" دىيىشنى تەكرارلاۋاتىدۇ، ئەمما بۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە تەسىر قىلغىنى يوق، چۈنكى، " دىكتاتور" دېگەن بۇ سۈپەت شى جىنپىڭنىڭ تەبىئىتىدىكى ۋەھشىيلىكىنى تولۇق ئىپادىلىمەيلا قالماستىن، يەنە جىنايەتلىرىگە مەلۇم دەرىجىدە قانات ياپىدۇ.
......
دىكتاتور دېگەن بۇ سۆزنىڭ كېلىپ چىقىش ۋە ئىستىمال تارىخىغا قارىساق، ئۇنىڭ ئىجابىي مەنىدە ئىشلىتىلگەن دەۋر ۋە مىساللىرىمۇ بار. مەسىلەن رىم دەۋردىكى گېنىرال جۇلىس سېزار ۋە ئۆتكەن ئەسىردىكى تۈرك رەھبەر مۇساتاپا كامال. بۇلار سۆيۈلگەن ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان دىكتاتورلاردۇر. ...
..............
جوي بايدىننىڭ بايانىدىكى شى جىنپىڭ سەلبى دىكتاور ئەمەس، ئىجابىي دىكتاتوردۇر. بىز بۇ نۇقتىنى ئۇنىڭ شى جىنپىڭ بىلەن دوستلۇقىنى تىلغا ئالغاندىكى ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى ۋە كۆرۈشكەندىكى بەدەن تىلىدىن ئېنىق كۆرەلەيمىز. مەسىلەن، ئۆتكەن يىلى گ ‏-20 يىغىنىدا كۆرۈشكەندە ئالدىغان يۈگۈرۈپ بېرىشلىرى، ئۇنىڭ خارەكتىرىنى تەسۋىرلىگەندە " بەك ئەقىللىق" ، " مىجەزى كەسكىن" ، " گېپى ئوچۇق" دىيىشلىرى، شى جىنپىڭغا قارىتا ئەنە شۇ مۇھەببەت ۋە ھۆرمەتتىن باشقا نەرسە ئەمەس.. ئامېرىكىدەك دېموكىراتىك ۋە قۇدرەتلىك بىر دۆلەتنىڭ رەھبىرى ئۆزى دىكتاتور دەپ قارىغان بىراۋغا شۇنچىۋالا مەدھىيە ئوقۇيالايدۇ؟ چۈنكى جوي بايدىن خىتاينى ئامېرىكىغا دۈشمەن دەپ ئەمەس، رىقابەتچى دەپ قارىغىنىدەك، شى جىنپىڭنىمۇ خىتاي خەلقى ئۈچۈن كېرەكلىك، دۇنيا ۋە ئامېرىكىغا تەھدىتى بولمىغان بىرسى دەپ تونۇيدۇ.
.................
ئۇنتۇلماسلىقى كېرەككى، ، قاتىللار "قاتىل" دېگەن بۇ نامدىن نومۇس قىلغىنى ئۈچۈن ئەمەس، جازالىنىپ قېلىش ئېھتىمالىدىن قورققىنى ئۈچۈن ئۆزىنى تارتىدۇ. شۇڭا شى جىنپىڭ "دىكتاتور" دېگەن نامدىن پەخىرلىنىدۇ، چۈنكى بۇنداق ئاتالغاندا ، كۈچ-قۇدرىتى ئېتىراپ قىلىنغان بولىدۇ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىگە كۆز يۇمۇلغان بولىدۇ. خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسىنىڭ" دىكتاتور" دېگەن نامغا قارىتا چالۋاقاشلىرى، ئۆزلىرىنى مەدەنىيەت جەھەتتە ئەل قاتارى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئويناۋاتقان دىپلوماتىك رولدۇر، خالاس.
 
خوش جوي بايدىن بۇ نۇقتىنى بىلمەمدۇ؟ ئوبدان بىلىدۇ. چۈنكى، تەخمىن قىلالايمىزكى، شى جىنپىڭ بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋتى جەريانىدا بىللە ئۆتكۈزگەن 200 نەچچە سائەت جەريانىدا، ئۇنىڭ بۇ سۆزدىن ھاقارەت ھېس قىلمايدىغانلىقىغا شاھىت بولغان.
 
جوي بايدىن بۇ يەردە، شى جىنپىڭنى " دىكتاور" دىيىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئامېرىكا خەلقىغە خىتايغا قارشى قاتتىق مەيداندا تۇرغان قىلىپ كۆرسەتسە، ئاسترىتتىن، شى جىنپىڭنىڭ كۆڭلىنى ئېلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭغا خوشامەت قىلىۋاتىدۇ.
ئەمەلىيەت شۇ كى، شى جىنپىڭ دىكتاتورلا ئەمەس، مۇستەملىكە زىمىن شەرقى تۈركىستاندا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى سادىر قىلىۋاتقان قانخوردۇر ۋە قاتىلدۇر. 
 
(ئەسكەرتىش: مەزكۇر ژورنال ئامېرىكىكى كونزېرۋاتىپلارنىڭ پىكىر سورىنىدۇر. ئاپتور ئۆزىنىڭ ئامېرىكا ۋەتەنداشلىقىدىن پايدىلىنىپ، ماقالىسىنىڭ بىر قسىمىدا پرېزندتىنى قاتتىقراق تەلەپپۇزدا تەنقىد قىلغان؛ ئەمما كۆپ قىسمىدا شىجىنىپىڭ ئەپسانىلەردىكى نەمرۇتتىن يېقىنقى نۇرسۇلتان نازاربايېۋغا قەدەر بارلىق زالىم، قاتىل ۋە دىكتاتورلار بىلەن سېلىشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ بۇلاردىن ھىچبىرىگە ئوخشىمايىدغان قۇۋلۇق ۋە ۋەھشىيلىك تەرەپلىرى شەرھىلەنگەن)