تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالى، تەتقىقاتچى پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ۋاپات بولدى

تۈركىيەدىكى پىداكار ئۇيغۇر زىيالىلىرىدىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ سابىق رەئىسى، خىتاي مەسىللىرى تەتقىقاتچىسى ۋە ئىنقلاپچى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى 8-دېكابىر ۋاپات بولدى. مەركىزى مىللەتلەر ئېنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن تۈركىيەدە ماگېستىر ۋە دوكتورلۇق ئوقۇغان پەرھات ئەپەندى ئۇزۇن يىللىق تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە خىتايلار، خىتاي دۆلىتى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر يۈرۈش كىتابلارنى تۈركچە نەشىر قىلدۇرغان. 

ئۇنىڭ ۋاقتسىز ۋاپاتى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ماتەم كەيپىياتى پەيدا قىلدى، شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلار ئارقا-ئارقىدىن تەزىيەنامە ۋە بايانات ئىلان قىلىپ، تەزىيەلىرىنى بىلدۈردى. 

مەلۇم بولۇشىچە، «خىتاينىڭ غەربىي رايون نەزەرىيىسى: خىتاينىڭ تۈركىستان ۋە تۈركىيە سىياسىتى»، «خىتايدىن ئاشكارلانغان لاگېر ھۆججەتلىرى: قاراقاش تىزىملىكى»، «يېڭى خىتاي - جاھانگىرلىككە قارشى ئىنقىلابتىن بارلىققا كەلگەن يېڭى جاھانگىر كۈچ»، «خىتاي چۈشى»، «خىتاينىڭ بىر بەلباغ ۋە بىر يول قۇرۇلۇشى ۋە تۈرك دۇنياسى» ۋە خىتاينىڭ ئاق تاشلىق كىتابىغا قارشى تەييارلانغان «كۆك تاشلىق كىتاب» ناملىق كىتاب ۋە ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى ۋە مۇھاجىرەتتىكى خىتايغا قارشى كۆرەشتە تونۇلغان تەتقىقاتچى ۋە ئىنقىلابچى دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى 1962-يىلى قەشقەردە تۇغۇلغان. 1984-يىلى مەركىزى مىللەتلەر ئېنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن ۋە 1987-يىلى ئايالى گۈلزادە تەڭرىتاغلى بىلەن تۈركىيەگە ئوقۇشقا چىققان تۇنجى ئۇيغۇرلاردىن بىرىدۇر. ئۇ ئايالى گۈلزادە تەڭرىتاغلى خانىم بىلەن بىرگە مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۈرك تىلى ۋە ئەدەبىياتى كەسپىدە ماگېستىرلىق ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇغان.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 2023-يىلى 8-دېكابىر ئىلان قىلغان تەزىيە باياناتىدا: «دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى ئۇيغۇر ياشلىرىمىز ئۈلگە ئېلىشقا تېگىشلىك ئىرادىلىك، قەيسەر، تەمكىن ۋە ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىق غايىسىدىن ئەسلا ۋاز كەچمىگەن، تاكى تىنىغىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىغىچە مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلغان مىللىي كۆرەش سېپىمىزنىڭ غوللۇق تۈۋرۈكلىرىنىڭ بىرى ئىدى. مەرھۇم دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى 2018 - يىلىدىن 2021-يىلىغىچە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىبى، 2019-يىلىدىن 2023-يىلى 8-دېكابىرغىچە خىتاي تەتقىقاتى ئېنسىتۇتىنىڭ مۇدىرى ۋە 2021-يىلى 19-ئىيۇندىن 2023-يىلى 15-ئىيۇلغىچە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ رەئىسى ھەم شۇنداقلا 2023-يىلى 5-ئايدىن بېرى مەخمۇت قەشقىرى ئۇنىۋېرسىتېتى تەلىم-تەربىيە ۋەخپىنىڭ قۇرغۇچى رەئىسى بولغان. ئۆزى ئىنتايىن ئىرادىلىك، مەسئۇلىيەتچان ۋە ئاق كۆڭۈل كىشى ئىدى.» دېيىلگەن. 

 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى پەرھات قۇربانغا ئاتاپ ئىلان قىلغان تەزىيەنامىسىدە مۇنداق دېگەن:

«ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺳﻪﺑﺪﯨﺸﯩﻢ،ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﻗﻮﻟﻠﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ،ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻛﺎﺩﯨﻤﯩﻴﻪﺳﻰ ﯞەﺧﭙﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺭەئىسى،ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ، ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ﯞە ﺋﺎﻛﺎﺩېمىك، ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯜﺭەﺷﭽﯩﻤﯩﺰ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﭘﻪﺭﮪﺎﺕ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺗﻪڭرﯨﺘﺎﻏﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ 2023 – ﻳﯩﻠﻰ 12 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8 – ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻪﮪﻪﺭﺩە ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﺪﺍ كېسەللىك ﺳﻪﯞەﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ئاللانىڭ دەرگاھىغا كەتكەنلىك ﺧﻪﯞﯨﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺋﺎﺯﺍﭘﻼﻧﺪﯨﻢ ﯞە ﻗﺎﻳﻐﯘﺭﺩﯗﻡ، ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻐﺎ ﯞﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﻣﻪﺭﮪﯘﻣﻐﺎ ﺋﺎﻟﻼﮪﺘﯩﻦ مەغپىرەت،ﻛﯚﻳﯜﻣﭽﺎﻥ ﺧﺎﻧﯩﻤﻰ ﯞﻩ ﺳﻪﺑﺪﯨﺸﻰ ﮔﯜﻟﺰﺍﺩە ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻠﻰ، ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎئىلە – ﺗﺎﯞﺍﺑﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﻪﺑﯩﺮ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ ! ﻛﯜﺭەﺷﭽﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﺴﻰ ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﭘﻪﺭﮪﺎﺕ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ياتقان يېرى جەننەتتە ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ! 
 
ﯞەﺗﻪﻧﭙﻪﺭﯞەﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﺴﻰ ﻣﻪﺭﮪﯘﻡ ﭘﻪﺭﮪﺎﺕ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﯞە ﻛﯜﺭەﺵ ﻳﻮﻟﻰ ﺋﯩﺰﺩەﭖ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪﮔﻪ ھىجرەت ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ 80 – ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ئېتىبارەن ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﯞە ﮪﯚﺭﻟﯜﻙ ﻛﯜﺭﯛﺷﯩﮕﻪ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ، ﯞەﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺑﯘ ﺷﻪﺭەﭘﻠﯩﻚ ﯞە ﻣﯘﻗﻪﺩﺩەﺱ ﺩەﯞﺍ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﯞە ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ، ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ بېسىم ﯞە ﺗﻪﮪﺪﯨﺘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﭘﯩﺴﻪﻧﺖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﯩﻼﺭﭼﻪ ﻛﯚﻛﺮەﻙ كېرىپ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺖ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﮪﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺯﯗﻟﻤﯩﻨﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺧﻪﻟﻘﯩﻐﻪ ﺋﺎﯕﻠﯩﺘﯩﺸﺘﺎ ﺯﻭﺭ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯜﺗﯜﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺟﻪﺳﯘﺭ، ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﻠﯩﻚ ﯞە ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘﺧﯩﻞ ﻛﯜﺭەﺵ ﺭﻭﮪﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﮪﺎﺟﯩﺮەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ، ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ.ﻣﻪﺭﮪﯘﻣﻨﯩﯔ ﮪﺎﺯﯨﺮﻏﺎ ﻗﻪﺩەﺭ يېزىپ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻧﺎﺩﯨﺮ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﯞە ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺩەﯞﺍﺳﯩﻨﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺧﻪﻟﻘﯩﻐﻪ ﺗﻮﻧﯘﺗﯘﺷﺘﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ مۇﮪﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ.
 
ﻣﻪﺭﮪﯘﻡ ﭘﻪﺭﮪﺎﺕ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺗﻰ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﯞە ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺩەﯞﺍﻳﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﻭﺭ ﺑﯩﺮ ﻳﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ئاللاھ ھەممىمىزگە سەۋر ئاتا قىلسۇن!»
 
2023-يىلى 8-دېكابىر