بالدۇر ئۆيلىنىشنىڭ 10 چوڭ پايدىسى

 
ئۆيلىنىشنىڭ ئەھمىيىتى
 
ئائىلە جەمئىيەتنىڭ ئۇل تېمى ۋە ئىنسان ھاياتىنىڭ داۋام قىلىشىنىڭ سىرىدۇر. شۇڭا دىنىمىز ئائىلىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، بارلىق دەۋەتنى ۋە ئىسلاھاتنى ئەڭ ئاۋۋال ئائىلىدىن باشلىغان. ھازىرقى زاماندىمۇ ئائىلە ئەھمىيەت جەھەتتە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان دۇنياۋى مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتا. چۈنكى قۇرئان كەرىم :﴿ كُنْتُمْ خَيْرَ أُمَّةٍ أُخْرِجَتْ لِلنَّاسِ﴾ «سىلەر ئىنسانلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ئەڭ ياخشى ئۈممەتسىلەر» دېگەن ئايەتتە مەقسەت قىلغان «ياخشى ئۈممەت» بىلەن، قەدىمدە پەيلاسۇپلار ئارمان قىلغان «پەزىلەتلىك جەمئىيەت» ئەنە شۇ ساغلام ئائىلىدىن چىقىدۇ. يەنى ياخشى ئائىلىدىن ياخشى ئۈممەت، پەزىلەتلىك ئائىلىدىن پەزىلەتلىك ئىنسانلار ئوتتۇرىغا چىقىپ، ياخشى ۋە پەزىلەتلىك جەمئىيەتنى تەشكىل قىلىدۇ. كۈچلۈك ۋە پەزىلەتلىك ئائىلىلەر دىن ۋە مىللەت ئۈچۈن ياراملىق پەرزەنتلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقالايدۇ.
 
ئائىلە قۇرۇش بىر مۆجىزە
 
تۇرمۇش قۇرۇپ بىر ئائىلىنى تەسىس قىلىش چوڭ بىر مۆجىزە. چۈنكى بىر-بىرى بىلەن ياشاپ باقمىغان، بىرگە ئۆسمىگەن، ھەتتا بىر-بىرىنى كۆرۈپ باقمىغان ۋە تونۇمايدىغان، بىرى ئەر، يەنە بىرى ئايالدىن ئىبارەت يات ئىككى ئىنسان بىر-بىرىگە ئۆيلىنىپ بىرگە تۇرمۇش قۇرۇش ئارقىلىق دۇنيادا بىر-بىرىگە ئەڭ يېقىن، ئەڭ ئامراق ۋە سەمىمىي ھايات شېرىكلىرىگە ئايلىنىدۇ. ئۇلار شۇنداق شېرىكلەرگە ئايلىنىدۇكى، مۇھەببىتىنى، بەخت- سائادىتىنى، مال-دۇنياسىنى ۋە بارلىق نەرسىسىنى بىر-بىرىگە ئاتاپ، تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ.
 
ئۆيلىنىش مۆجىزىسى ئىككى يات مىللەت كىشىلىرىنىمۇ بىر ياستۇقتا باش قويغۇزۇش ئارقىلىق ئۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ بىر تەنگە ئايلاندۇرىدۇ. ئۆيلىنىشتىن باشقا قايسى سەۋەب ئىنسانلارنى بىر-بىرىگە مۇنداق يېقىن قىلالايدۇ؟!
 
ئۆيلىنىشنىڭ ھۆكمى
 
ئۆيلىنىشنىڭ ھۆكمى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى، ئۆيلىنىشكە ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتلەردىن كۈچى يېتىدىغان، ئۆيلەنمىگەن تەقدىردە، ئۆزىنىڭ گۇناھ، ھارام ئىشلارغا چۈشۈپ قالماسلىقىغا ئىشەنچىسى بار كىشىلەر ئۈچۈن سۈننەتتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە «ئۆيلىنىش ـ مېنىڭ يولۇمدۇر. كىمكى ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن، ئۇ مېنىڭ يولۇمدا ماڭغۇچىلاردىن ئەمەس»( ) دەپ كۆرسەتكەن. ئىككىنچىسى، ئۆيلەنمىسە گۇناھ، ھارام ئىشلارغا چۈشۈپ قېلىش قورقۇنچىسى بار كىشىلەر، — بولۇپمۇ ياشلار، — ئۈچۈن بالدۇر ئۆيلىنىش پەرزدۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: (يَا مَعْشَرَ الشَّبَابِ، مَنِ اسْتَطَاعَ مِنْكُمُ الْبَاءَةَ فَلْيَتَزَوَّجْ، فَإِنَّهُ أَغَضُّ لِلْبَصَرِ، وَأَحْصَنُ لِلْفَرْجِ، وَمَنْ لَمْ يَسْتَطِعْ فَعَلَيْهِ بِالصَّوْمِ؛ فَإِنَّهُ لَهُ وِجَاءٌ ) « ئى ياشلار جامائەسى! سىلەردىن ئۆيلىنىشكە كۈچى يېتىدىغانلار ئۆيلەنسۇن، چۈنكى ئۆيلىنىش ھارامغا قاراشتىن ۋە زىنادىن ساقلايدىغان ئەڭ ياخشى چارىدۇر. ئۇنىڭغا كۈچى يەتمەيدىغانلار روزا تۇتسۇن، چۈنكى روزا نەپسنىڭ ئىستىكىنى پەسەيتىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. كۆپ سانلىق ئۆلىمالار بۇ ھەدىستىكى «ئۆيلەنسۇن» دېگەن بۇيرۇقنى پەرز دەپ قارايدۇ.
 
بالدۇر ئۆيلىنىشنىڭ 10 چوڭ پايدىسى
 
قىز-يىگىتلەرنىڭ بالدۇر ئۆيلىنىشى دىنىمىزدا كۈچلۈك تەشەببۇس قىلىنغان مۇھىم ئىشلارنىڭ بىرىدۇر. چۈنكى، ئاللاھ تائالا بەندىلىرىنىڭ بەخت-سائادەتلىك، ھۇزۇر-ھالاۋەتلىك ھايات كەچۈرىشىنى خالايدۇ. شۇڭا ئۇلارغا بىر قاتار ئەمر-پەرمانلارنى چۈشۈرگەن. ئۆيلىنىپ بىر مورىدىن تۈتۈن چىقىرىش قانچىلىك مۇھىم ۋە پايدىلىق بىر ئىش بولسا، بىر كۈن بولسىمۇ بۇرۇنراق ئۆيلىنىش تېخىمۇ مۇھىم ۋە تېخىمۇ پايدىلىقتۇر. قىسقىسى، قىز-يىگىتلەرنىڭ بۇرۇنراق ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇشى بۇ دۇنيانىڭ جەننىتىگە بۇرۇنراق كىرگەنلىكىدۇر.
 
1. بالدۇر ئۆيلىنىش ئارقىلىق مۇستەقىل تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنى بۇرۇنراق تېتىغىلى، كۆڭۈلنى ئارام تاپقۇزغىلى ۋە مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرگىلى بولىدۇ. ﴿وَمِنْ آَيَاتِهِ أَنْ خَلَقَكُمْ مِنْ تُرَابٍ ثُمَّ إِذَا أَنْتُمْ بَشَرٌ تَنْتَشِرُونَ . وَمِنْ آَيَاتِهِ أَنْ خَلَقَ لَكُمْ مِنْ أَنْفُسِكُمْ أَزْوَاجًا لِتَسْكُنُوا إِلَيْهَا وَجَعَلَ بَيْنَكُمْ مَوَدَّةً وَرَحْمَةً إِنَّ فِي ذَلِكَ لَآَيَاتٍ لِقَوْمٍ يَتَفَكَّرُونَ﴾ « ئاللاھنىڭ سىلەرنى تۇپراقتىن ياراتقانلىقى، ئاندىن سىلەرنىڭ ئىنسان بولۇپ (يەر يۈزىگە) تارقىلىپ يۈرۈشۈڭلار ئۇنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىدىندۇر. كۆڭلۈڭلارنى ئارام تاپقۇزۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئاللاھنىڭ سىلەرگە ئۆز تىپىڭلاردىن جۈپلەرنى ياراتقانلىقى ۋە ئۇلار بىلەن ئاراڭلاردا مۇھەببەت ۋە مېھرىبانلىق ئورناتقانلىقى ئۇنىڭ (قۇدرىتىنىڭ) ئالامەتلىرىدىندۇر. شەك _ شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار». ئاللاھ تائالا ئاۋۋالقى ئايەتتە، ئىنساننى تۇپراقتىن يارىتىپ، ئۇنى يەر يۈزىگە تارقاتقانلىقىنى ئۆزىنىڭ كاتتا قۇدرىتىنىڭ ئالامەتلىرىدىن قىلىپ كۆرسەتكەن بولسا، كېيىنكى ئايەتتە، ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىنى ئارام تاپقۇزۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئۆز تىپىدىن جۈپلەرنى تاللاپ ئۆيلىنىدىغان قىلغانلىقىنى ۋە ئارىسىدا مۇھەببەت ئورناتقانلىقىنى يەنە ئۆزىنىڭ كاتتا قۇدرىتىنىڭ ئالامەتلىرىدىن قىلىپ كۆرسەتكەن. دېمەك، ئۆيلىنىپ ئائىلە تەسىس قىلىش ھەرگىزمۇ كىچىك ئىش ئەمەس. بۇنىڭدىن مەلۇمكى، ئۆيلىنىش ئىشىنى كېچىكتۈرۈش ئۆزىنىڭ خۇشاللىقىنى، ھۇزۇر-ھالاۋىتىنى ۋە مېھىر-مۇھەببەتتىن ئالىدىغان نېسىۋىسىنى كېچىكتۈرگەنلىكتۇر. چۈنكى، بىزنىڭ بۇ دۇنياغا كېلىشىمىز ئۆز ئىلكىمىزدە بولمىغان بولسىمۇ، بۇ دۇنيادىن ئالىدىغان ھۇزۇر- ھالاۋەتلىرىمىزنى كېكتۈرمەي ئېلىش بىزنىڭ ئىختىيارمىزدىكى ئىشتۇر. بۇنى كېچىكتۈرۈش ئۆزىمىزگە زىيان سالغانلىقىمىز ۋە تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنى كېچىكتۈرگەنلىكىمىز بولىدۇ. شۇڭا بىر كۈن بولسىمۇ بۇرۇنراق ئۆيلىنىپ، تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنى تېتىش بىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىمىزدۇر.
 
2. بالدۇر ئۆيلىنىش ئۆيلەنگۈچىنىڭ ئىپپىتىنى قوغدىشىغا، ئەخلاقىنى ساقلىشىغا ياردەمچى بولىدۇ ۋە ئۇنىڭ دىنىنى تولۇقلايدۇ. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئادەم ئۆيلىنىش ئارقىلىق دىنىنىڭ يېرىمىنى تولۇقلىغان بولىدۇ، قالغان يېرىمىنى تەقۋالىق بىلەن تولۇقلايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. شۇڭا، ئادەم ئۆيلىنىش ئارقىلىق ھارامغا قاراش، ھارامنى ئويلاش ۋە ھارامغا يېقىنلىشىش دېگەندەك رەزىللىكلەردىن ئۆزىنى ساقلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن دىنىنى قوغدايدۇ.
 
3. بالدۇر ئۆيلىنىش يوقسۇللۇقتىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىدۇر. ﴿وَأَنْكِحُوا الْأَيَامَى مِنْكُمْ وَالصَّالِحِينَ مِنْ عِبَادِكُمْ وَإِمَائِكُمْ إِنْ يَكُونُوا فُقَرَاءَ يُغْنِهِمُ اللَّهُ مِنْ فَضْلِهِ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ﴾ «ئاراڭلاردىكى بويتاق ئەر ۋە ئاياللارنىڭ، ئۆيلىنىشكە لاياقەتلىك قۇل -چۆرىلىرىڭلارنىڭ بېشىنى ئوڭشاپ قويۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار يوقسۇل بولسا، ئاللاھ ئۇلارنى ئۆز پەزلى بىلەن باي قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ پەزلى كەڭدۇر، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر» . ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە، ئۆيلەنگەنلەرنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى ۋە ئەگەر ئۇلار يوقسۇل بولسا تۇرمۇشىنى باي قىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان. شۇڭا ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇ ئايەتكە ئاساسلىنىپ، «ئۆيلىنىش ئارقىلىق بايلىق تىلەڭلار» دېگەن. مۇشۇ ئايەتكە بولغان ئىمانى بىلەن ئۆيلەنگەن ئادەمنى ئاللاھ تائالا چوقۇم كىشىلەردىن بىھاجەت قىلىدۇ، تۇرمۇشىنى موللۇق ۋە بەرىكەت بىلەن بېيىتىدۇ.
 
4. بالدۇر ئۆيلىنىش ئارقىلىق ئۆزىنى مەسئۇلىيەتلەرنى ئورۇنداشقا كۆندۈرگىلى ۋە بىر ئائىلىنىڭ غېمىنى يېيىش بىلەن ئاللاھ تائالانىڭ كاتتا ساۋابىغا ۋە يۇقىرى مەرتىۋىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. چۈنكى، ئۆيلىنىش ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئەمرنى ئورۇنداش ۋە ئۆزىنىڭ جورىسىغا قارىتا مەسئۇلىيىتىنى ئۆتەش كاتتا ساۋابلىق ئەمەللەردۇر.
 
5. بالدۇر ئۆيلىنىش بۇرۇنراق پەرزەنت كۆرۈشنىڭ يولىدۇ. مەلۇمكى، پەرزەنتلىرىمىز بىزنىڭ نام-نىشاىمىزنى داۋاملاشتۇرىدىغان، ئىرادىمىزگە ۋارىسلىق قىلىدىغان ۋە بىزنىڭ ئىزىمىزنى ئۆچۈرمەيدىغان ئەڭ ياخشى ئاۋانگارتلاردۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرزەنتلەر دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى، ئانا-ئانىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بارلىقىدۇر. ﴿الْمَالُ وَالْبَنُونَ زِينَةُ الْحَيَاةِ الدُّنْيَا﴾ « پۇل _ ماللار ۋە بالىلار دۇنيا تىرىكچىلىكىنىڭ زىننىتىدۇر» . رېئاللىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بالدۇر ئۆيلىنىپ، بۇرۇنراق پەرزەنت كۆرگەنلىكتىن، پەرزەنتلىرى ئۆزلىرىدىن ياش جەھەتتە كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدىغان كىشىلەر ھاياتتا كۆپ ياخشى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا مۇۋەپپەق بولۇپ كەلمەكتە. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزى ياش تۇرۇپ پەرزەنت كۆرگەن كىشىلەر ياشانغاندا پەرزەنتلىرىنىڭ دۆلىتىنى كۆپرەك كۆرىدۇ ۋە ئۇلار ئارقىلىق نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرۇۋالغانلىقتىن، ئۆزى ئالەمدىن كەتكەندىن كېيىنمۇ كۆزى ئارقىدا قالمايدۇ. بولۇپمۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىتىمىزدىن ئۆيلىنىش ئارقىلىق كۆپرەك پەرزەنتلىك بولۇپ، سانىمىزنى كۆپەيتىش ۋە ياراملىق پەرزەنتلەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىپ، ئانا ۋەتىنىمىزدىكى خەلقىمىزنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش ۋەزىپىمىز بار.
 
6. بالدۇر ئۆيلىنىش تەن ساقلىقىغا زور پايدىلىق بولۇپ، تۈرلۈك كېسەللىكلەردىن ساقلىنىشنىڭ يولىدۇر. چۈنكى، ئەر-ئاياللىق تۇرمۇش ئۇلارنىڭ ئىممۇنېتىت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، شۇڭا ئۇلار كۆپلىگەن يۇقۇملىنىشلاردىن ساقلىنىپ قالىدۇ.
 
ئامېرىكىنىڭ ھارۋارد ئۇنىۋېرستېتى ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە، 127 مىڭ ئامېرىكىلىق ئەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان رەسمىي ئىستاستىكا ئارقىلىق ئۆيلۈك-ئوچاقلىق ئەرلەرنىڭ ئۆيلەنمىگەن ياكى ئۆيلىنىپ ئاجرىشىپ كەتكەن ئۆز قۇرامىدىكى ئەرلەرگە نىسبەتەن تەن ساقلىقى جەھەتتىن ئالاھىدە ياخشى ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغانلىقىنى ئېلان قىلغان. يەنە ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، قىز-ئوغۇللارنىڭ بۇرۇنراق ئۆيلىنىشى ئۇلاردىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك، ۋىتامىن كەمچىللىكى، قان يۈرۈشمەسلىك قاتارلىق ئەھۋاللارنى نورماللاشتۇرىدىكەن.
 
7. بالدۇر ئۆيلىنىش دىن ۋە دۇنيالىق ئىشلاردا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ يولىدۇر. چۈنكى، سالىھ (ياراملىق) ئەر ئۈچۈن ياراملىق ئايال ئەڭ ياخشى ياردەمچىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋاپادار ئايالى ھەزرىتى خەدىجە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ كۈچلۈك قوللىشى ۋە ئارقىسىدا مۇستەھكەم تۇرۇشى ئارقىلىق تۇنجى ئىسلام دەۋىتىنى يېيىشقا مۇۋەپپەق بولغان. مەشھۇر فورد ئاپتوموبىلىنىڭ ئىجادكارى ھېنرى فورد ھېچكىم قوللىمىغان شارائىتتا، پەقەت ئايالىنىڭ قوللىشى ۋە ياردىمى بىلەن ئىزچىل تىرىشىپ، فورد ئاپتوموبىلىنىڭ موتورىنى ياساپ چىقىشقا مۇۋەپپەق بولغان. قىسقىسى، ئەقىللىق ۋە سىزگە سادىق بىر جورىڭىز بولسا، ھاياتتا ئارزۇ قىلغان نۇرغۇن ئىشلىرىڭىزنى روياپقا چىقىرالايسىز. مەن ئۆزۈمنى مىسال قىلساممۇ، مېنىڭ ھازىرغىچە قولغا كەلتۈرگەن ئاز-تولا ئۇتۇقلىرىم ئالدى بىلەن رەببىمنىڭ ياردىمى، ئاندىن ئايالىمنىڭ ئەمەلىي قوللىشى ۋە ئائىلىنىڭ جاپالىرىنى ئۆزى كۆتۈرۈپ ماڭا پۇرسەت چىقىرىپ بېرىشى نەتىجىسىدە قولغا كەلدى.
8. بالدۇر ئۆيلىنىش ھاياتنىڭ قىيىنچىلىقلىرى ۋە تۇرمۇشنىڭ بېسىمىغا قارشى تەسەللى تېپىشنىڭ ۋە پىسخېكا جەھەتتىن راھەتلىنىشنىڭ يولىدۇر. چۈنكى، تىرىكچىلىكنىڭ جاپالىرىنى ۋە ئۇنىڭ ھەر تۈرلۈك بېسىملىرىنى پەقەت ئەر-ئاياللار بىر-بىرىگە تەسەللى بېرىش بىلەنلا يەڭگىللىتەلەيدۇ. كۈنبۇيى جاپالىق ئىشلەپ، بەدىنى، مېڭىسى ۋە ھەممە ئەزالىرى قاتتىق چارچىغان كىشى ئۆيىگە قايتىپ جورىسى بىلەن دەردلىشىش، مۇڭدىشىش ۋە گۈزەل سۆزلەرنى قىلىشىش ئارقىلىق يەڭگىللەپ قالىدۇ، مېڭىسى راھەتلىنىدۇ، ھاردۇقى چىقىپ قالىدۇ.
 
9. بالدۇر ئۆيلىنىش پىسخېكا كېسەللىكىلىرىگە سەۋەب بولىدىغان «يالغۇزلۇق»تىن قۇتۇلۇشنىڭ يولىدۇر. زامانىمىزدىكى ئىلمىي تەتقىقاتلار يالغۇزلۇقنىڭ ئالدى بىلەن پىسخېكا كېسەللىكىگە، ئاندىن كۆپلىگەن بەختسىزلىكلەرگە ۋە كېلىشمەسلىكلەرگە يول ئاچىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئۆيلەنمىگەن كىشىلەر مەيلى ئاتا-ئانىسىنىڭ ۋە قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدا بولسۇن، ياكى يالغۇز ياشىغان بولسۇن، بەرىبىر ئۇلار يالغۇزدۇر ۋە ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇشتىكى مۇھەببەتتىن مەھرۇمدۇر. چۈنكى، «ئاراڭلاردا مۇھەببەت ۋە مېھرىبانلىق ئورناتقانلىقى...» دېگەن ئايەتتە كۆرسىتىلگەندەك، ئاللاھ تائالا ئۆيلەنگەنلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئورنىتىدىغان بۇ مۇھەببەتنى ئىنسان ئۆزىنىڭ جورىسىدىن باشقا ھېچكىمدىن، ھەتتا ئاتا-ئانىسىدىنمۇ، قېرىنداشلىرىدىنمۇ ۋە ئەڭ يېقىن كىشىلىرىدىنمۇ تاپالمايدۇ. بۇ مۇھەببەت دۇنيانىڭ قاتتىقچىلىقلىرىنى يېنىكلەشتۈرىدىغان، كۆڭۈلنى راھەتلەندۈرىدىغان ۋە كۈچ-قۇۋۋەت ئاتا قىلىدىغان ئالاھىدە مۇھەببەتتۇر. شۇڭا ئۆيلۈك-ئوچاقلىق ئىنسان ئاشۇ مۇھەببەتنى ۋە ئاشۇ ئىسسىق ئۆيىنى دەپ ھاياتلىق كۈرىشىگىگە كۆكرەك كېرەلەيدۇ، ھەرقانچە قىيىن شارائىتتىمۇ بۇ كۈرەشتىن ۋاز كەچمەيدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئەمەس، ئائىلىسى ئۈچۈن ھاياتتا قېلىشقا تىرىشىۋاتقان بىر ئەزىمەتتۇر.
 
10. بالدۇر ئۆيلىنىش جەمئىيەتنى بۇزۇقچىلىقتىن، ئەخلاقسىزلىقتىن ۋە ھەر تۈرلۈك ھاياسىزلىقلاردىن قوغداشنىڭ يولىدۇر. چۈنكى، جەمئىيەتنى بۇزىدىغان قىلمىشلارنىڭ بېشىدا زىنا-پاھىشە كېلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «قانداقلا بىر قەۋمدە زىنا -پاھىشە ياكى جازانىخورلۇق ئومۇملىشىدىكەن، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاللاھنىڭ ئازابىغا تۇتقان بولىدۇ» دېگەن( ). بۇنىڭ بىر مىسالى شۇكى، پەيغەمبىرىمىزگە ۋەھيى كەلگەن چاغلاردا، ئىران پادىشاھلىقى بىلەن شەرقىي رىم ئېمپىراتورلۇقى دۇنياغا خوجايىن ئىدى. يەر يۈزى ئۇلارنىڭ سىايىسدىن قورقۇپ تۇراتتى. شۇ ۋاقىتتا، بۇئىككى چوڭ ھاكىمىيەتنىڭ مۇكەممەل بىلىم ـ ھۈنەرلىك، مۇنتىزىم تەربىيە كۆرگەن، كۈچلۈك ئەسكەرلىرى مەككە تاغلىرىدىن چىققان، ئەسكەر كۈچى ئاز، دۇنيالىق بىلىم ـ ھۈنەردە تېخى يېتىلىپ بولالمىغان ئەرەب ئىسلام كۈچلىرىگە تەڭ كېلەلمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بونىڭ سەۋەبى شوكى، رىملىقلار بىلەن ئىرانلىقلاردا زىنا ـ پاھىشە ئومۇملىشىش نەتىجىسىدە ئەخلاق بۇزۇلغان، ئەمما ئەرەبلەردە ۋەھيىنىڭ تەربىيەسى بىلەن ئەخلاق تۈزەلگەن ئىدى.
 
دېمەك، ھەر تەرەپتىن قوغدالغان بىر جەمئىيەتتە ئۆسۈپ يېتىلگەن قىز-ئوغۇللار پەزىلەتلىك شەخسلەردىن بولۇپ چىقىدۇ. مەلۇمكى، ھەرقانداق بىر جەمئىيەتنىڭ راۋاج تېپىشى ياكى زاۋال تېپىشى شۇ جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىغا مۇناسىۋەتلىكتۇر.
 
مىسىرلىق ئاتاغلىق شائىر ئەھمەد شەۋقىي مۇنداق دەپ يازغان:
 
إنما الأمم الأخلاق مابقيت فإن همو ذهبت أخلاقهم ذهبوا
ئەخلاق بىلەن ھەر مىللەت راۋاجلىنىپ داۋام ئېتەر
ئايرىلغانلار ئۇنىڭدىن زاۋاللىققا ھامان كېتــــــەر.