ئۇلۇغۋار غايىلىك ئىنسان- ساۋاقدىشىم دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلىق

 
مىلادىيە 2023-يىلى 8-دېكابىر ئىستانبۇل ماتەمگە چۆمدى! ئەلۋەتتە، ماتەمگە چۆمگەنلەر تۈركىيەدە مۇھاجىرەت ھاياتىنى باشتىن كەچۈرۈپ، كېچە-كۈندۈز ئانا ۋەتىنىگە تەلپۈنۈۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىدى. ئۇيغۇر مۇھاجىرەت دۇنياسى ئۆزىنىڭ يەنە بىر سەر خىل پەرزەنتى بىلەن خوشلىشىپ، ئۇيغۇر مۇھاجىرەت تارىخىغا يېڭى بىر قۇر قوشۇلدى. تارىخنىڭ مانا بۇ قۇرلىرىغا يېزىلغان ئوغلان دوكتور پەرھات قۇربان ئىدى.
 
مەن، ئۆزىنى ئانا ۋەتىنىگە ئەبەدىي باغلاش ئۈچۈن ئۆز ئىسمىنىڭ ئاخىرىغا « تەڭرىتاغلى» ياكى « تەڭرىتاغلىق» سۆزىنى سويات قىلىپ تاللىغان كونا ساۋاقدىشىم، مەرھۇم دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلىقنى «ئۇلۇغۋار غايىلىك ئىنسان» دەپ ئاتاش بىلەن خاتىرەمنى باشلايمەن. مېنىڭ ئۇنى مۇنداق ئاتىشىمدىكى سەۋەب ئۇنىڭ بۈيۈك بوۋىمىز، تۈرك ۋە ئىسلام ئالىمىنىڭ ئەڭ بۈيۈك تىلشۇناس ئالىمى مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ نامىغا ئاتاپ « مەھمۇد كاشغەرىي ئۇنىۋېرسىتېتى » قۇرۇش غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشقانلىقى ئىدى!
 
كونا ساۋاقدىشىم دەپ ئاتىشىمدىكى سەۋەب ئۇنىڭ بىلەن بىرگە 1981-1985-يىللىرى ئارىسىدا بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى-ئەدەبىياتى كەسپى، ئېنىقراق ئېيتقاندا تۈركىي تىلى كەسپى بويىچە ئوخشاش ئۇستازلاردىن ئوخشاش دەرس ئالغانلىقىمدىن ئىدى.
 
8-دېكابىر كۈنى پىراگا، ئىستانبۇل، ئەنقەرەلەردىكى ئىلمىي ۋە دوستلۇق زىيارەت سەپەرلىرىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ۋاشىنگتونغا قايتىشقا ئاتلىنىش ئالدىدا ئوخشاشلا كونا ساۋاقداشلاردىن بىرى پروفېسسور ئەركىن ئەمەتتىن پەرھات قۇرباننىڭ ئاللانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ چوڭقۇر قايغۇردۇم. ئەسلىدە ئىستانبۇلغا كېلىپلا ئۇنى يوقلاشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ خانىمى ۋە ساۋاقدېشىمىز گۈلزادەگە تېلېفون قىلغانىدىم، لېكىن گۈلزادە خانىم پەرھاتنىڭ ئېغىر ھالدا ياتقانلىقىنى خەۋەر قىلغانىدى. ئامال قانچە؟ ئاللانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇش ھەربىر بەندىنىڭ بېشىغا كېلىدۇ.
 
تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن ئۆزىگە « تەڭرىداغلى» يەنى، « تەڭرىتاغلىق» ئىسمىنى فامىلە نامى قىلىپ تاللىغان پەرھات 1980-يىللاردا بىز بىرگە ئوقۇپ يۈرگەندە پەرھات قۇربان دېگەن ئىسىم بىلەن مەشھۇر ئىدى. ئۇ، 1980-1984-يىللىرى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتى ( ھازىرقى ئۇنىۋېرسىتېتى) دا ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك ئوغلى، خانىمى گۈلزادە بولسا پەخىرلىك گۈلى سۈپىتىدە تونۇلغانىدى. مەزكۇر مەكتەپتىكى ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل، كورىيان، جۇاڭ قاتارلىق ئاساسلىق مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 50 تىن ئارتۇق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەر قېتىملىق سەنئەت پائالىيەتلىرىدە قارا بۇرۇتلۇق، بۈدۈر چاچلىق پەرھات سۇمبۇل چاچلىق گۈلزادە بىلەن دۇتار ياكى راۋابنى كۆتۈرۈپ سەھنىگە كۆتۈرۈلگەندە بىر يېرىم مىڭ كىشىلىك زال گۈلدۈراس ئالقىشلارنى ياڭرىتاتتى. پەرھاتنىڭ ئېيتقان « سەرگەردان» فىلىمىنىڭ ناخشىسى زىلزىلە قوزغايتتى. داپچى مەمتىمىنىڭ دېپىغا جور بولغان پەرھاتنىڭ ناخشىلىرى، گۈلزادەمنىڭ ئۇسۇللىرى ھەممىنى تەۋرىتەتتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەنە شۇ تالانتلىرى بىلەن مەركىزىي مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرنىڭ يۈزىنى كۆتۈرگەنىدى!
 
پەرھات قۇربان بىلەن بىرلىكتە 1983-1984-يىلى ئارىسىدا « ئۈمىد يۇلتۇزلىرى» نامىدا بىر ئەدەبىيات كرۇژۇكى قۇرغانىدۇق. ئۇ، كرۇژۇكنىڭ ئاكتىپ تەشەببۇسكلارلىرىدىن ئىدى. نەچچە قېتىملاپ مىللىي شېئىرىيەت ۋە نۇتۇق سۆزلەش مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزدۇق. بۇ ئىلمىي ۋە ئەدەبىي پائالىيەتلىرىمىزدە مەن تۇنجى قېتىم 1944-1949-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ۋە جۇمھۇرىيىتى ھەققىدە 2 سائەتكە يېقىن نۇتۇق سۆزلىگەنىدىم. مانا بۇ پائالىيەتلەرگە مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە مۇئەللىملەر، بىلىم ئاشۇرۇشقا ۋە كادىرلار سىنىپىغا كەلگەنلەرنىمۇ چاقىرىپ ئۇلارنىمۇ ھاياجانغا سالغانىدۇق. ئەلۋەتتە بۇ، ئاجايىپ يۈكسەك غايىلەرنى كۆڭلىمىزگە پۈككەن رومانتىك دەۋرلەر ئىدى.
 
1984-يىلى پەرھات قۇربان ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن بېيجىڭدا خىزمەت قىلىپ قالدى، بىر قانچە يىلدىن كېيىن، يەنى 1987-يىلى چەتئەلگە ئوقۇشقا چىقىپ كەتتى. مەنمۇ 1985-يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەقسىم قىلىنىپ، 5 يىلدىن كېيىن، 1990-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيەسىگە ئاسپىرانتلىققا قوبۇل قىلىنىپ چەتئەل ھاياتىمنى باشلىدىم. ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن پەرھات قۇربان بىلەن كۆپ يىللار كۆرۈشەلمەي، پەقەت 2015-يىلى تۈركىيەدە قايتا كۆرۈشۈش ۋە سۆزلىشىش ئىمكانىيىتى بولدى. ئەنە شۇنىڭدىن بۇيان ئالاقىلىرىمىز داۋاملاشماقتا ئىدى.
 
پەرھات قۇربان 1980-يىللاردىن تاكى يېقىنغىچە بولغان ئارىلىقتا شەرقىي تۈركىستاندىن تۈركىيەدە ئىلىم تەھسىل قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن تەخمىنەن 10 مىڭ دەپ پەرەز قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرنىڭ ئىچىدىن يېتىشىپ چىققان تەخمىنەن 40 ئەتراپىدىكى دوكتورنىڭ سەرخىللىرىدىن بىرى ئىدى. بۇ 40 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيە زور ساندىكى ئۇيغۇرنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن ئىمكانىيەت ياراتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يېرىم ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدىن ئاران پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت، پروفېسسور دوكتور ئەركىن ئەمەت، دوتسېنت دوكتور ئەركىن ئەكرەم قاتارلىق 2-3 پروفېسسور دوكتور، ئون نەچچە دوتسېنت ۋە ياردەمچى دوتسېنت دوكتورنىڭ چىققانلىقى ئېچىنىشلىق ئەھۋال بولسىمۇ، ئەمما دوكتور پەرھات قۇربان قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن زور نەتىجىلىرى بىلەن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ئورنىنى كۆتۈرۈشتىكى تۆھپىكارلىقى بىلەن گەۋدىلىنىدۇ.
 
1990-1980-يىللاردا تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي سىياسىي دەۋا پائالىيەتلىرىدىكى ئاكتىپلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە كۆڭلىگە يۈكسەك غايىلەرنى پۈككەن پەرھات قۇربان مىللىي ئىقتىسادىي ئىگىلىك ساھىبى بولماي تۇرۇپ ئۆزىنى تىكلەش ۋە غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تونۇپ يېتىپ، ئىگىلىك تىكلەشكە كىرىشىپ دەسلەپتە مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قازانغان بولسىمۇ، لېكىن ئەسلى كەسپىدىن يىراق بولغان مەزكۇر رەھىمسىز سودا-رىقابەتچىلىك كۈرىشىدە يەنىلا زور زىيانغا ئۇچرىغانىدى. لېكىن دوكتور پەرھات قۇربان ئۈمىدسىزلەنمەستىن پۈتۈن كۈچىنى ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى، بولۇپمۇ خىتاي ھاكىمىيىتى ۋە ئۇنىڭ تۈزۈلمىسى، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي قۇرۇلمىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدىكى تەتقىقاتلارغا قاراتتى شۇنىڭدەك تۈركىيە سىياسەت سەھنىسىگە چىقىشقا ئىنتىلدى.
 
ئۇنىڭ دادىللىقى ۋە جەڭگىۋارلىقى شۇكى ئۇ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر دىئاسپوراسى ئىچىدە تۇنجىلاردىن بولۇپ، تۈركىيە پارلامېنتىغا ئەزا بولۇش غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت قىلدى. ئۇ، ئىككى قېتىم تۈركىيەدىكى ھاكىمىيەتتىكى پارتىيەنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە ئۇنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولۇش ئۈچۈن ئۆزىنى نامزات كۆرسىتىپ، سايلام رايونلىرىدا ئۆز نامزاتىنىڭ ئاۋازغا ئېرىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە مەيدانغا چۈشتى. گەرچە، ئۇنىڭ نامزاتلىقى يېتەرلىك ئاۋازغا ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ ئىرادىسى، ئىگىلىمەس روھى ۋە ئىنتىلىشىنى ئىپادە قىلغانىدى. ئەگەر خاتالاشمىسام، ئۇ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن سىرتقى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇنجى قېتىم ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولۇش ئۈچۈن مەيدانغا چىققان ئۇيغۇر ئىدى. بۇ ھەم تارىخىي باشلىنىش ئەھمىيتىگە ئىگە ئىدى!
 
دوكتور پەرھات قۇربان بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە تۈركىيەدىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا سىياسىي ۋە ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى ۋە تېلېۋىزىيە ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەتبۇئاتلاردىكى مۇھاكىمىلەرگە قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلىرىنى تونۇتتى ھەمدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
 
ئۇ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنى كۈچەيتىش ۋە تېخىمۇ سىستېمىلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ، ھەر خىل يېڭى پىكىر ۋە تەشەببۇسلىرى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، باشتا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ باش كاتىپىلىققا، ئارقىدىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى شۇنىڭدەك يەنە « خىتاي تەتقىقات ئىنىستىتۇتى» قۇرۇپ، مەزكۇر ئىنستىتۇت نامىدا بىر قانچە قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئاچتى.
 
دوكتور پەرھات قۇربان تېخىمۇ زور ۋە ئۇلۇغ غايە پىلانلىرىنى تۈزۈپ چىققان بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ « مەھمۇد كاشىغەرىي ئۇنىۋېرسىتېتى» قۇرۇپ چىقىپ، بۇ تۈركىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدۇرۇش ئىدى.
 
2022-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىستانبۇلدا پەرھات قۇربان بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە بىرگە بولغانىدۇق. ئارقىدىن ئۇ ئىستانبۇلدا مەن ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي ۋە تون كىيدۈرۈش مۇراسىمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتلىرىمغا يۇقىرى باھا ۋە ئىلھاملار بەرگەن ھەمد كىتابنى تۈركچە نەشىر قىلىش كېرەكلىكىگە ئائىت ئوي-پىكىرلىرىنى بىلدۈرگەنىدى.
 
شۇ كۈنلەردە ئۇ ۋە گۈلزادە خانىم مېنى مېھمانغا چاقىردى ۋە ئۇزۇن بىرگە ئولتۇرۇپ ياشلىق ۋە ئوقۇغۇچىلىق دەۋرلىرىمىزنى ئەسلىدۇق ھەمدە مىللىتىمىزنىڭ قىسمەتلىرى ھەققىدە پىكىرلەشتۇق.
 
مانا شۇ كۈنى دوكتور پەرھات قۇربان ئۆز قولى بىلەڭ ماڭا ئۆزىنىڭ كېچە-كۈندۈز جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق يېزىپ چىقىپ تۈركچە نەشر قىلدۇرغان «خىتاي چۈشى»، «خىتاينىڭ ‹بىر بەلۋاغ بىر يول› رېئاللىقى ۋە تۈرك دۇنياسى»، «يېڭى خىتاي» قاتارلىق كىتابلىرىنى ئىمزا قويۇپ خاتىرە قىلغانىدى. مانا بۇ كىتابلار ئۇنىڭ ماڭا ۋە خەلقىمىزگە، جۈملىدىن تۈركىيە ئىلىم ساھەسىگە قالدۇرغان قىممەتلىك يالدامىسى ئىدى. بۇ كىتابلارنىڭ تۈرك زىيالىيلىرى ۋە ئوقۇرمەنلىرىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە خىتاينىڭ ماھىيىتىنى بىلىشىدە مۇھىم رول ئوينىشى مۇقەررەر.
 
(ئاپتورنىڭ فېسبۇك سەھىپىسىدىن كۆچۈرۈپ ئېلىندى.)
 
2023-يىلى 11-دېكابىر