بىريۇسسېل ھۆررىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى خىتاي تۈرمىسىدىكى راھىلە داۋۇتقا پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بەرگەن

خىتاي تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر فولكلورشۇناس، پروفېسسور راھىلە داۋۇتقا بېلگىيەدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلدى.

14-ئۆكتەبىر كۈنى بېلگىيەدىكى بىريۇسسېل ھۆررىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى (Université Libre de Bruxelles)دا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ مۇراسىمدىكى پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلگەنلەرنىڭ قاتارىدا 2017-يىلىنىڭ ئاخىرى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، 2018-يىلى 12-ئايدا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى مەلۇم بولغان خەلقئاراغا تونۇلغان ئۇيغۇر فولكلورشۇناس، پىروفېسسور راھىلە داۋۇتمۇ بار بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۇيغۇر فولكلورى ساھەسىدىكى ئىلمىي خىزمەتلىرى ئۈچۈن پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىلگەن.

بىريۇسسېل ھۆررىيەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور بېتىدە بۇ ھەقتە يېزىلغان مەلۇماتلاردا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇنىۋېرسىتېتىمىز ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق ئەنئەنىسىگە ئاساسەن، پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدىكى ئىلىم-پەن، سەنئەت ۋە سىياسىي ئىلىم قاتارلىق ساھەلەردە ئۆزلىرىنىڭ ئوي-پىكىرلىرى، خىزمىتى، ئىش-ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئۆز دەۋرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن شەخسلەرنى تەقدىرلەش يۈزىسىدىن ئۇلارغا پەخرىي دوكتورلۇق ئۇنۋانى تەقدىم قىلدۇق.»

بۇ يىل 21-سېنتەبىر كۈنى، ئامېرىكادىكى «دۈيخۇا فوندى» (دىيالوگ فوندى) بىر خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارىدىن ئىگىلىگەن ئىشەنچلىك مەلۇمات ئاساسىدا دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭ 2018-يىلى 12-ئايدا «بۆلگۈنچىلىك» ۋە «دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زەرەر كەلتۈرۈش» جىنايىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە سوتلانغانلىقى ۋە ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن ئىدى. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى بۇ يىل 1-ئۆكتەبىر كۈنى بۇ ھەقتە مەخسۇس تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا راھىلە داۋۇتنىڭ دېلوسىنى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدا تۇنجۇقتۇرۇلغان يەنە بىر سادا» دەپ كۆرسەتكەن.

خەلقئاراغا تونۇلغان ئۇيغۇر فولكلورشۇناس راھىلە داۋۇت بۇ يىل ئۆكتەبىردە ئەنگلىيە قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى (English PEN) تەرىپىدىن 2023-يىللىق «خەلقئارالىق جاسارەتلىك يازغۇچى» بولۇپ باھالانغانىدى.