مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىمنىڭ ۋاپاتىنىڭ 7 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىستانبۇلدا خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجىم خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىشقا قاتناشماقتا. 

مەرھۇم دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ۋاپاتىنىڭ 7 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 22-دېكابىر كۈنى ئىستانبۇلدا مەرھۇمنى ئەسلەش ۋە ئىش-ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان سۆز قىلىپ، مەرھۇمنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى ۋە مەرھۇمنىڭ تۈركىيەدە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى؛ ئاندىن مەرھۇمنىڭ دەۋا ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئاخىرىقى غايىگە يېتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

يىغىندا سۆز قىلغان جامائەت ئەربابى ئابدۇقادىر ياپچاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم بىلەن تۇنجى قېتىم 1990-يىلى 2-ئايدا قاغىلىقتا تونۇشقانلىقىنى، 1996-يىلى تۈرمىدە ئۇچراشقانلىقىنى، كېيىن ھەر ئىككىسى تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن 1997-يىلى ۋە 2002-يىلى مىسىردا كۆرۈشكەنلىكىنى، 2006-يىلى تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنى بىرلىكتە قۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇقادىر ياپچان ئەپەندى مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ پەزىلەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ ئۆتتى ھەمدە بۈگۈنكىدەك مۇرەككەپ سىياسىي ۋەزىيەتتە، ئاشۇنداق داھىي سۈپەت شەخسلەرنىڭ ئىنتايىن قەدرى ئۆتۈلۈۋاتقانلىقىنى، مەرھۇمنى ئەسلەپ تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

7903d27e-abcf-40f9-9815-ef0f5c96d2d6

يىغىندا سۆز قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا، مەرھۇم لىدېر ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنى يۇرتى قاغىلىقتىن باشلاپ تونۇيدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىم مەخسۇم (مەرھۇم بىلەن ئىسىمداش) ھاجىمدا دىنى ئىلىم تەھسىل قىلغانلىقىنى، بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن تەربىيەلەش مەركىزى ئېچىپ ياشلارنى تەربىيەلىگەنلىكىنى، بۇنىڭ بىلەن خەلقنى ئويغىتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بارماقچى بولغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

دوكتور ئالىمجان بۇغدا سۆزىدە يەنە، ۋەتەن-مىللەت، دىن ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمدەك ئالىملار ئارقىلىق كىملىك ۋە مەۋجۇتلۇق ئېڭىمىزنىڭ ساقلىنىپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم ئائىلە ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم سۆز قىلىپ، ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇمنىڭ ئاياللارنىڭ بىلىم ئىگىلىشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن يېتەكچى ئۇستاز ئىكەنلىكىنى، ئاياللارغا تەربىيە خاراكتېرلىك لېكسىيە بېرىپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ «ئەرلەر بىلىم ئىگىلىسە ئۆزلىرىنى تەربىيەلەيدۇ، ئاياللار بىلىم ئىگىلىسە ئۆزلىرىنى تەربىيەلەپلا قالماي، ئەرلىرى ۋە بالىلىرىنىمۇ تەربىيەلەيدۇ» ، دېگەن سۆزلىرىنى خاتىرىلەپ ئۆتتى.

يىغىن ئاخىرىدا مەرھۇم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھەمدە ۋەتەن خەلقنىڭ ئازادلىقى يولىدا شېھىت بولغان بارلىق قەھرىمانلارنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا ئوقۇلدى.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم 1964-يىلى قاغىلىقتا توغۇلغان بولۇپ، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى قاغىلىقتا ئوقۇپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1984 يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەشھۇر مەرىپەتپەرۋەر ئۆلىمالاردىن بىرى بولغان مەرھۇم ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ قاغىلىقتا ئاچقان مەدرىسكە ئوقۇشقا كىرگەن. كېيىنچە تەلىم-تەربىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ نۇرغۇن ياشلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. 1992-يىلى خىتاي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۆت يىل تۈرمىدە ياتقان. 1996-يىلى چەتئەلگە چىققان ۋە كېينچە ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلىم تەھسىل قىلغان. 2005-يىلىدىن بۇيان ئائىلسى بىلەن ئىستانبۇلدا ياشىغان بولۇپ، ئىزچىل دەۋا يولىدا خىزمەت قىلىپ، 2016-يىلى 22-دېكابىر تويۇقسىز بىئارام بولۇپ ۋاپات بولغان.

ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم ھاجى 2006-يىلى ئىستانبۇلدا بىر قىسىم ساۋاقداش ۋە سەپداشلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ» شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى «نى قۇرۇپ چىقىدۇ ۋە بۇ جەمئىيەتنىڭ مەسئۇللۇقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، خىزمەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئۇ بۇ جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇشىدىن تارتىپ تاكى ۋاپات بولغان 2016-يىلغىچە خەلقى ئۈچۈن تىنىم تاپماي خىزمەت قىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش مەقسىتىدە «ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى» ، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن «سۇتۇق بۇغراخان نەشرىياتى ۋە كىتابخانىسى» ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يەسلىدىن تارتىپ ئۇنىۋېرسىتېتقىچە ئوقۇشى ئۈچۈن «سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت ۋەخپى»، توغرا دىنىي ئەقىدىلەرنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» قاتارلىق بىر يۈرۈش جەمئىيەت ۋە ئورگانلارنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئاكتىپ رول ئوينىغانىدى.

2023-يىلى 25-دېكابىر