ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان دوستلۇق زىياپتىدە سۆزلىگەن نوتىقى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە تەشكىلاتلار ئارا مۇناسىۋەت مەسئۇلى ئۇستاز سىراجىددىن ئەزىزىنىڭ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان دوستلۇق زىياپتىدە سۆزلىگەن نوتىقى
 
بسم الله الرحمن الرحيم
 
ھۆرمەتلىك تەشكىلات مەسئۇللىرى، ھۆرمەتلىك ئۇستازلار
 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھ
 
بۈگۈنكى سۆھبەتكە قاتناشقا تەشكىلات مەسئۇللىرىغا رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
 
رەئىسىمىز دوكتۇر ئالىمجان ئۆلمالار بىرلىكىنىڭ ئاساسلىق غايە-مەخسەت، خىزمەتلىرىنى بىرقەدەر تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى، ئاللاھ رازى بولسۇن.
ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا خەلقىمىز تارىخنىڭ ئەڭ قاراڭغۇكۈنلىرىنى ياشاۋاتقان، ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ ۋەھشىي ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دۇچ كىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە چەتئەلدىكى ۋەتەن داۋاسى قىلىۋاتقان تەشكىلاتلار، دەۋاگەرلەر بىرلىك، ھەمكارلىققا تولىمۇ ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىدە ھېچكىم ئىختىلاپ قىلىشمايدۇ.
 
ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە:
 
"ولا تنازعوا فتفشلوا وتزهب ريحكم"
 
ئىختىلاپ قىلىشماڭلار، مەغلۇب بولىسىلەر، كۈچۈڭلار پارغا ئايلىنىپ كىتىدۇ. دېگەن.
 
رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدا: «توپتىن ئايرىلغان قوينى بۆرە يەيدۇ. دېگەن.
 
ئۆلىمالار بىرلىكى نىزامنامىسىدە قىلىدىغان خىزمەتلەر قاتارىدا تەشكىلاتلار ئارا مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش، ئۆلىمالار، مۇتەپەككۈرلار، زىيالىلار ئوتتۇرىدىكى مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش دېگەن ماددا بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تۈركىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەشكىلاتلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشى ئېلىپ بېرىشقا تىرىشىدۇ.
 
چەتئەلدىكى تەشكىلاتلار بىر - بىرىنى تولۇقلىغان ئاساستا مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا ئىنتايىن ئىھتىياجلىق بولاۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مۇناسىۋەتلەرنىڭ يىرىكلىشى، ئىختىلاپلارنىڭ چوڭقۇرلىشىشى مۇھاجىرەتتى خەلقىمىز گىمۇ سەلبى تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى، ئۈستىمىزگە پەرزى ئەين بولغان دەۋادىن سوغۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ھىس قىلىۋاتىمىز.
 
ئۆلىمالار بىرلىكى مۇھاجىرەتتىكى بارلىق تەشكىلاتلارغا قارىتا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىنىي ۋە مىللى مەنپەئەتلىرىنى چىقىش قىلغان ئاساستا ئورتاق مۇساپىدە مۇئامىلە قىلىدۇ، ئارىنى ئىسلاھ قىلىدىغان، ياخشىلايدىغان خىزمەتلەرنى بىجانىدىل ئىجرا قىلىدۇ.
 
شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەشكىلاتلار ئارا مۇناسىۋەت گۇرۇپىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خەلقىمىزنىڭ بىرلىك – باراۋەرلىكىنى ياخشىلاش، كۈچەيتىش يولىدا ھەرقانداق خزمەتكە ۋە پۈتۈن تەشكىلاتلار، شەخسلەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا ھازىر ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرۈمىز.
 
شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەككى، دۈشمىنىمىز چەتئەلدىكى تەشكىلاتلار، دەۋا سېپىدىكىلەرنىڭ بىرلىكى، ھەمكارلىقىنى بۇزۇش، خەلقئارادا يىتىم قالدۇرۇش، شەيتانلاشتۇرۇش، مائارىپسىزلاشتۇرۇش، ئىقتىساتتىن ئايرىش، تەشكىلاتلارنى ئىتىبارسىزلاشتۇرۇش، بىر-بىرىگە قارشى ھەرىكەت قىلدۇرۇشتەك سۈيقەستلەرنى بىرمىنۇتمۇ توختاتماستىن جىددىي رەۋىشتە ئېلىپ بېرىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىرلىك- ھەمكارلىققا نەقەدەر ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىمىز ھېچكىمگە سىر بولمىسا كېرەك.
 
مەزكۇر سىۋەپلەرنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىملار بىرلىكى بۇسۆھبەتنى ئورۇنلاشتۇردى، دەۋەتكە ئىجابەت قىلىپ بۇ سورۇنغا قېتىلغان، ھەرخىل سەۋەپلەر تۈپەيلى كىلەلمەي قالغان بارلىق تەشكىلات مەسئۇللرىغا رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز.
 
2023-12-26