دوكتۇر ئالىمجان بۇغدانىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان دوستلۇق زىياپتىدە سۆزلىگەن نوتىقى

شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوكتۇر ئالىمجان بۇغدانىڭ 26-دېكابىر شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان دوستلۇق زىياپتىدە سۆزلىگەن نوتىقى
 
بسم الله الرحمن الرحيم
 
مۇھتەرەم تەشكىلات رەھبەرلىرى، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق داۋاسىنىڭ قىممەتلىك پىداكار رەھبەرلىرى، ھۆرمەتلىك سەپداش ۋە تەقدىرداشلىرىم.
 
ھەر بىرلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان دوستلۇق زىياپەت دەۋىتىگە ئىجابەت قىلىپ قەدەم تەشرىپ قىلىغانلىقلىرى ئۈچۈن، شەخسىم، ئۆلىمالار بىرلىكى رەھبەرلىك ھەيئىتى ۋە بارلىق ئەزالار نامىدىن رەھمەت ئېيتىمەن ۋە ھەر بىرلىرىنى ئاللاھنىڭ سالامى بىلەن سالاملايمەن.
 
ئەسسالام ئەلەيكۇم ۋە رەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھ.
 
ھۆرمەتلىك رەھبەرلەر، مۇھتەرەم مىھمانلار. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، نامىنى ۋە ئۆز ئۈستىگە ئالغان ۋەزىپىسىنى قۇرۇلغان كۈندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئەڭ ياخشى ئورۇنداپ كېلىش ئۈچۈن قولىدىن كېلىشچە غەيرەت كۆرسەتمەكتە. بىرلىكىمىز، 7 يىلدىن بېرى مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان خەلقىمىزنىڭ سۇتۇق بۇغراخاندىن تارتىپ ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان مۇقەددەس ئىسلام دىنىغا بولغان مەنسۇبىيتىنى ئەڭ ساغلام ۋە توغرا ھالەتتە ساقلاپ قىلىشى ئۈچۈن، ئۆلىمالىرىمىزنى تەشكىللەپ ھەر خىل ئالاقە ۋە ئۇچۇر ۋاسىتىسى ئارقىلىق خەلقىمىزگە دەۋەت ۋە ئىرشاد پائىلىيتى ئېلىپ بارماقتا. خەلقىمىزنىڭ دىنى ھاياتتا دۇچ كەلگەن ھەرخىل پىكىر ۋە قېيىنچىلىقلارغا ئۆلىمالىرىمىز، ئىسلام دىنىنىڭ روھىغا ۋە خەلقىمىزنىڭ 1000 يىللىق ئىسلام ئەنئەنىسىگە ئۇيغۇن ھالەتتە جاۋاپ، پەتىۋا بېرىپ، خەلقىمىزنىڭ دىنىي جەھەتتىن ھەرخىل خاتا يوللارغا ئېغىپ كېىتىشى ۋە ئۆز – ئارا تەپرىقىچىلىك پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىپ كەلمەكتە.
 
يەنە بىرلىكىمىز خەلقمىزنىڭ ئىجتىمائىي، ئائىلىۋىي، ئىقتىسادىي ھاياتىنى ئۆزىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئۆرپ – ئادىىتى بويىچە ياشىشىغا، يات مەملىكەتلەردە، يات مەدەدنىيەت ۋە كۈلتۈر ئىچىدە ئاسمىلاتسىيە بولۇپ كەتلمەسلىكى ئۈچۈن، توي – تۆكۈن، نەزىر – چىراق ۋە مىللىي كۈنلەرنى مۇمكىن قەدەر ئۆزىمىزگە ئائىت يوسۇندا ئۆتكۈزۈزش، بۇلارغا سەل قارىماسلىق ئۈچۈن ھەر پۇرسەتتە خەلقىمىزنى ھەر خىل يوللار بىلەن تەشۋىق قىلىپ تۇرماقتا.
 
بىرلىكىمىز سىياسى جەھەتتىن شەرقىي تۈركىستاندىكى مەزلۈم مۇسۇلمان خەلقىنى، ئانا ۋەتىنىنى، زۇلۇم ۋە ئاسارەتتىن قوتۇلدۇرۇشنىڭ ئىمانىي ۋە مىللىي مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى، بۇ يولدا ھەر تۈرلۈك ھەرىكەت ۋە كۆرەش ئېلىپ بېرىشنىڭ ئىبادەت ئىكەنلىكىنى، ۋەتەندىن خىتاي ئىشخالچىلىرىنى قوغلاپ چىقىرىش، بۇ يولدا خەلقئارادىكى ئىنسانپەرۋەر كىشىلەرنىڭ ۋىجداىنىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش، خەلقئارانىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە بولغان قوللاش ۋە ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش، ھەرخىل يول ۋە چارىلەرنى قوللۇنۇش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ جىھاد سانىلىدىغانلىقىنى، بۇ يولدا ئۆلسە شېھىت، ھاياتتا قالسا غازى بولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ئۇلۋى ۋەزىپىنى ئۆلىمالىرىمىز ھەر پۇرسەتتە خاتىرلىتىپ كەلمەكتە.
 
بىرلىكىمىز خەلقىمىزنىڭ دىنىي ئېتىقادىي، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرى، ئەدەپ – ئەخلاق پەزىلەتلىرىنىڭ ساپ ۋە ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قېلىش، خەلقىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنى ئاشۇرۇش، كىملىكىنى ۋە قىممەت قاراشلىرىنى قوغداش، ھەرخىل خېرىسلارغا قارشى كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ئۆز ساھىسىدىكى قابىلىيەتلىك ئالىم – ئۆلىمالىرىمىزنى تەشكىللەپ مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ، بۇ ھەقتە ھەر تۈرلۈك مەزمۇندا كىتاپ نەشرى قىلىۋاتىدۇ ۋە قەرەللىك ژۇرناللاردا ماقالە ئېلان قىلىۋاتىدۇ.
 
بىرلىكىمىز، شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىچىدە يۈز بەرگەن ھەرخىل نىزا، ئائىلىۋىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىبەتتىكى دە تالاش، جىدەل ماجرالارنى مۇمكىن قەدەر ئۆز ئىچىمىزدە پەتىۋە ھەيئىتىدىكى ئۆلىمالىرىمىزنىڭ سۈلھى – سالا ۋە ھېكمەت – ئادالەت پىرىنسىپى ئاساسىدا ھەل قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. مىللىتىمىزنىڭ ئىشەنچىسى ۋە تەۋەججۇھى بىلەن ئۆلىمالىرىمىزنىڭ بۇ خىزمىتى خەلقىمىزنىڭ تەقدىرىنى قولغا كەلتۈردى. بىرلىكىمىز مىللىتىمىزنىڭ ئادالەت ئىزدەيدىغان ئورنى، بىر دۆلەتنىڭ مەھكىمىسىگە ئوخشاش ھالەتكە كەلدى.
 
يەنە بىرلىكىمىز، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ، ئۆزىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكى بىلەن قابىلەيەتلىك بىرەر شەرقىي تۈركىستان ئەۋلادى، مۇستەقىللىق داۋايىمىزنىڭ ئىز باسارى ۋە كەلگۈسى قۇرۇلىدىغان دۆلىتىمىزنىڭ قابىلىيەتلىك رەھبەرلىرى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئۈچۈن، ياشلىرىمىزغا دىنىي ئېتىقاد، ئەدەپ – ئەخلاق، مىللىي روھ ۋە ساغلام ئىدىيە تەربىيەسىنى ھەر پۈرسەتتە يەتكۈزۈشگە غەيرەت قىلىۋاتىدۇ، بۇلارنى تەربىيەلەۋاتقان ئۇستازلىرى ۋە ئاتا – ئانىلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئىدىۋىي خىزمەت ئىشلەپ تۇرىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى بىرلەشتۈرىدىغان، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى يىتەكلەپ مۇستەقىللىق يولىنى ئاچىدىغان، دىنىغا، مىللىتىگە ۋە داۋاسىغا سادىق ياش ئىز باسار ئۆلىما تېتىشتۈرۈشگە ئەھمىيەت بەردى ۋە دىنى ساھەدە ئالىي سەۋىيەدە ئوقۇۋاتقانلارغا ئالاھىدە دەرس ۋە ئۇستازلار ئورۇنلاشتۇردى.
 
يەنە بىرلىكىمىز، مۇسۇلمان دۇنياسىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىغا بولغان ئۇخۇۋۋەت رىشتىسىنى كۈچەيتىش، مۇسۇلمانلارغا ئۈممەت بولۇشنىڭ مەسئۇلىيتىنى خاتىرلىتىش، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قېرغىنچىلىقىنى يۆگەش ئۈچۈن، مۇسۇلمان دۇنياسىغا قاراتقان يالغان تەشۋىقاتلىرىنى يوققا چىقىرىش ۋە ئىككى يۈزلۈك سىياسىتىنىڭ ئەپتى بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلاش ئۈچۈن، ھەر تۈرلۈك پائالىيەت ئېلىپ بېرىلدى. بۇ ئىش ئۈچۈن ئۆلىمالاردىن مەخسۇس بىر ھەيئەت تەشكىل قىلىندى ۋە بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىدىكى دىنى ئالىم ۋە ئۆلىمالار بىلەن مۇناسىبەت قۇرۇپ، مەلى يەككە، ياكى يېغىنلىرىدا، ياكى بىرلىكىمىز ئالاھىدە يېغىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقىتى چۈشەندۈرۈلدى. بولۇپمۇ خىتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلام دىنىنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرى بايانات ئارقىلىق ئۇلارغا يەتكۈزۈلدى ۋە مۇسۇلمان ئالىملارنىڭ خىتايغا قارشى بايانات ئېلان قىلىشىغا ئالاھىدە تەرغىپ ۋە دەۋەت قىلىندى.
 
ھەقلىق داۋايىمىزنى روياپقا چىقىرىش، خەلقىمىزنى خىتاينىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۇلۇغۋار غايە ئۈچۈن بىر نەپەس بولۇپ ھەرىكەت قىلىشى، بولۇپمۇ خەلقىمىزنى بۇ داۋاغا يېتەكلەپ ھەرىكەتلەندۈرىۋاتقان تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ، جامائەت ئەرباپلىرىمىزنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىق ئىچىدە بولۇشى داۋايىمىزنىڭ نەتىجىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بىرلىكىمىز تەشكىلاتلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش، داۋا سېپىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ئۆز ئارا دوستلۇق ۋە سەمىمىيتىنى كۈچەيتىش، خەلقىمىز ئىچىدىكى نۇپۇزلۇق كىشىلىرىمىزنىڭ داۋاغا بولغان ھېسداشلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مەخسۇس بىر گۇرۇپ تەسىس قىلدى. بىز بۈگۈن بۇ گۇرۇپنىڭ دەۋىتىگە ئىجابەت قىلىپ بۇ يەردە جەم بولدۇق. بۇ گۇرۇپنىڭ مەسئۇللىقىنى ئۇزۇن يىللار شەرقىي تۈركىستان داۋاسىدا سەمىمى خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان، داۋا سېپىدىكى رەھبەرلەرنىڭ ھۆرمەت ۋە ئىشەنچىسىگە سازاۋەر، داۋايىمىزنىڭ دۇئايىنى سىراجىدىن ھاجىم. مەن سىراجىدىن ھاجىمغا ۋە گۇرۇپپىسىغا بۇ مەجلىسنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمەن.
 
ئەزىز رەھبەرلەر، قەدىرلىك تەقدىرداشلار!
 
خىتاي جاللاتلىرى ئاخىرقى يىللاردا خەلقىمىز ئۈستىدە ئىرقى قېرغىنچىلىق ئېلىپ باردى. ئۇلارنىڭ ئىرقى قېرغىنچلىق قىلىشى ئۈچۈن ئۇيغۇر بولۇش يەتتى. بۇ قىرغىنچىلىقتىن دىندارىمۇ، مىللەتچىسىمۇ، ۋەتەنپەرۋىرىمۇ ھەتتا ئۇزۇن يىللار خىتايغا ساداقەتمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلغانلارمۇ، ھېچ ئىشقا ئارىلاشماي ئوقىتىنى قىلىپ پۇل تاپقان بايلارمۇ، قىسقىسى ھەممە شەرقىي تۈركىستانلىق نېسىۋىىسىنى ئالدى. ھەممىمىز تەقدىرداش، ھەممىزنىڭ قەدىرى بىر. خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى مۇھاجىرەتتىكى تەشكىلاتلىرىمىز ۋە بارلىق خەلقىمىز ئوخشاش داۋا ئۈستىدە بىرلىكتە ھەرىكەت قىلغان ئىدى، داۋايىمىز بىر پەللە يۇقۇرىغا ئۆرلىدى، داۋايىمىز خەلقئارالاشتى. بىزلەرگە ھېسداشلىق قىلىدىغان چەتئەللىكلەرنىڭ سانى كۆپەيدى. بىزلەرگە مۇستەقىللىق يولى كۆرۈنۈشگە باشلىدى. بۇ داۋا يولىدا ھەسسە قوشقان ھەممەيلەندىن ئاللاھ رازى بولسۇن.
 
دۈشمىنىمىز بەك قۇۋ، ئىنتايىن ئىپلاس ۋە پۇرسەتپەرەس. بىزلەرنىڭ بىخۇدلىقىمىز، ئۆز ئىچىمىزدىكى ئاددىي دە تالاشمۇ دۈشمەن ئۈچۈن بايرام. دۈشمەن بىزلەرنى يوق قىلىش، داۋايىمىزنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن سۈنئى گۈندەم پەيدا قىلىش، ئۆز ئارا دۈشمەنلىك ئۇرۇقى چېچىش، رەھبەرلەرنى ۋە داۋا سېپىدىكىلەرنى ئېتىبارسىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل ھىلە – نەيرەڭلىرىنى ئىشلىتىدۇ، بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى ئىشقا سالىدۇ. بىزلەرنىڭ ئىنتايىن ھۇشيار بولىشىمىز بەك مۇھىم. خىتاي ۋەتەن ئىچىدكى ۋەزىيەتنى ئاستا-ئاستا ئۆزگەرتىپ، دۇنيانى ئالداشقا ۋە بىزلەرنى يالغانچىغا چىقىرىشقا ئورۇنىشى مۇمكىن. ھەتتا بەزى ئادەملىرىنى ئىشقا سېلىپ، باردى – كەلدىلەرنى كۆپەيتىپ بىزلەرنىڭ غەيرىتىمىزنى ئاجىزلىتىپ، داۋانى پاسسىپ ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن. مۇشۇنداق زامانلاردا داۋا سىپىدىكىلەرنىڭ ئۆز ئارا زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىشى، بىر-بىرىمىزگە مەدەد بولىشىمىز لازىم. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «ياخشىلىق ۋە تەقۋادارلىق ئۈستىدە ئۆز ئارا ھەمكالىشىڭلا! گۇناھ ۋە ئۆز ئارا دۈشمەنلىككە سەۋەپ بولىدىغان ئىشلاردا ھەرگىزمۇ ھەمكارلاشماڭلا!» دەيدۇ. ھەر بىرىمىز بىر بەدەننىڭ بىرەر ئازاسىغا ئوخشاش. بۇ داۋا سېسىدا ھەر بىرىمىزنىڭ ئالاھىدە رولى بار. ئۆز ئارا ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىشىمىز، بىرىمىزنىڭ بوشلىقىنى يەنە بىرىمىز تولدۇرۇپ مېڭىشىمىز، بارلىق كۈچىمىز ۋە ئىنىرگىيەمىزنى دۈشمەنگە قارىتىشىمىز داۋايىمىزنىڭ نەتىجىگە ئىرىشىشىگە پايدىلىق.
 
پىكىردە پەرقلىق، ئەمما ئىشتا، ھەرىكەتتە ھەمكار.
 
جانابى ئاللاھ ھەر بىرلىرىدىن رازى بولسۇن. داۋا يولىمىزدىكى قەدەملىرىمىزنى ھەق يولىدا سابىت قىلسۇن. دەۋەتكە ئىجابەت قىلىپ قەدەم تەشرىپ قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن تەكرار رەھمەت ئېيتىمەن.
 
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
 
2023-يىلى 28-دېكابىر