خىتاينىڭ بىر قارا يۇمۇرىنىڭ شەرھىنامىسى

(بۈگۈن «تەيپىي تۋاقتى گېزىتى» ۋە «زىمىستان» تورىدا ئېلان قىلىنغان مۇشۇ تىمىدىكى ماقالىنىڭ ئۇيغۇرچىسى )
 
كۆك بايراق، 2024-يىلى 11-يانۋار
 
خىتاينىڭ تەيۋەن ئىشلىرى مەسئۇلى جاڭ جىجۈن تەيۋەنلىكلەرگە يوللىغان يېڭى يىل تەبرىكىدە، ئۇلارنى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدىكى پرېزدېنت سايلىمىدا ئاقىل بولۇشقا ۋە توغرا يولنى تاللاشقا چاقىرىق قىلدى. مەنچە، ھاياتى بويى دېموكىراتىك بىر سايلامنى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان جاڭ جىجۈننىڭ 50 يىلدىن بېرى ئەركىن سايلام ئېلىپ بېرىۋاتقان تەيۋەنلىكلەرگە سايلامنىڭ توغرا يولى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىشى بىر يۇمۇردۇر. يۇمۇر بولغاندىمۇ بىر قارا يۇمۇردۇر. خىتاينىڭ بۇ خىل قارا يۇمۇرلىرىنى ئاڭلاپ ۋە دەردىنى تارتىپ كېلىۋاتقان بىر خەلقنىڭ ئەزاسى بولۇش) بىر ئۇيغۇر بولۇش ( سۈپىتىم بىلەن مەزكۇر قارا يۇمۇرنىڭ ئەسلى مەنىسىنى دەرھال شەرھىيلىۋېتىشنى تارىخىي بىر ۋەزىپە دەپ قارىدىم.
 
«تەيۋەنلىكلەر قوينىمىزغا قايتىپ كېلىڭلار" مەنىسدىكى بۇ چاقىرىقنىڭ شەرھىنامىسى مۇنداقتۇر:
 
1. «پىكىر ئەركىنلىكى» دىيىلىدىغان قورساق تويغۇزمايدىغان بۇ قۇرۇق گەپتىن ۋاز كېچىڭلار. قوينىمىزغا قايتىپ كەلسەڭلار پاتىيە مەكتەپلىرىمىز ۋە رەھبەرلىرىمىز توغرىنى ۋە ھەقىقەتنى ناھايىتى ئاددى قىلىپ ئۆگىتىپ قويىدۇ، ھەتتا مىڭەڭلەرگە قۇيۇۋېتىدۇ. كاللا ئىشلىتىشتىن ئىبارەت بۇ مۇشكۈل ئىشتىن قۇتۇلىسىلەر، قول ۋە پاچىقىڭلارغا تايىنىپلا ياشايدىغان ئاسان يولغا ئېرىشىسىلەر.
 
2. « نامايىش" دەيدىغان ئۇ قالايمىقان ۋە خەتەرلىك ئىشنىمۇ ئۇنتۇپ كېتىڭلار. بۇنى ئۇنۇتساڭلار ئەتىگەندىن كەچكىچە باش كۆتۈرمەي ئىشلەيدىغان ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرىسىلەر. بالدۇر ۋە تاتلىق ئۇخلايدىغان بولسىلەر...ئۇخلىيالماي قالساڭلار تاڭئاتقىچە قانال يۆتكەيدىغان ئىش يوق، بىرلا CCTV نى كۆرسىسىلەر ۋاقىت ئىسراپ قىلمايسىلەر.
 
3. سايلام ئۈچۈن 4 يىلدا بىر ساندۇق بېشىغا بېرىپ ئاۋارە بولۇۋاتسىلەر، پۇل چىقىم قىلىۋاتىسىلەر، بەزىدە تېخى بىر-بىرىڭلار بىلەن ئۇرۇشىۋېتىسلەر. قوينىمىزغا قايتىپ كەلسەڭلار، بۇ ئاۋارىچلىقتىن قۇتۇلىسىلەر. ئاراڭلاردىن بىر نەچچىنى ۋەكىل قىلىپ تەيىنلەپ بېرىمىز، ئۇلار تەلىپىڭلارنى يەتكۈزىدۇ، ئۇلارنىڭ بىزنىڭ قانداق گەپلەرنى ئاڭلاشنى خالايدىغانلىقىمىزنى ياخشى بىلىدۇ، شۇڭا بىزگە كەلگەن تەلىپىڭلارنىڭ ھىچبىرسى رەت بولمايدۇ.
 
4. بىخەتەرلىك جەھەتتىن ئامېرىكىنىڭ زامنىۋىي قوراللىرىغا ئىشىنىپ كەتمەڭلار، ئۇلاردا بار قورالنىڭ ھەممىسى بىزدە بار بولۇشتىن باشقا بىزدە يەنە تولۇپ-تاشقان نوپۇسىمىز بار. سىلەر قوينىمىزغا قايتىپ كەلگەن كۈننىڭ ئەتىسىدىن باشلاپ بۇ نوپۇسىمىز سىلەرگە قاراپ ئېقىشقا باشلايدۇ ۋە بىرىڭلارغا بىرنەچچىدىن قوشنا بولۇپ ئولتۇرۇپ، بىخەتەرلىكىڭلارنى ئەبەدىي قوغدايدۇ. قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە 20 نەچچە مىليون نوپۇسلۇق ئاجىزانە تەيۋەندىن 100 مىليون نوپسۇلۇق ھەيۋەتلىك تەيۋەنگە ئايلىنىسىلەر.
 
5. ئەلۋەتتە سەۋزە بار يەردە گۈرجەكمۇ بار... ئاراڭلاردا ئىنتىزامسىزلار چىقىپ قالسا، خوڭكوڭدىكى بۇزغۇنچىلارنى ئۇجۇقتۇرغاندەك ئۇجۇقتۇرىمىز... ئاراڭلاردا بۆلگۈنچىلەر چىقىپ قالسا، ئۇيغۇرلارنى داۋالىغاندەك لاگىرلاردا داۋالايمىز. ئاراڭلاردا تىبەتلەردەك خۇراپىيلار چىقىپ قالسا بۇتخانىلىرىنى چاقىمىز، جەنننەت ۋە دوزاقنىڭ نىمىلىكىنى مۇشۇ دۇنيادىلا كۆرسىتىپ قويىمىز...
 
6. تېنچلىقمۇ؟ تېنچلىقنى قوغداشنىڭ چىمپىيونى بىز. بىز روسىيەدەك ئەخمەقلارچە قان تۈكمەيمىز، ئۇيغۇرلارنى جۆندىگەندەك، تۈرمىلەردە بەدەنلىرىنى چىرىۋتىېتىمىز، ئىسرائىلىيەدەك ھاماقەت ئەمەسمىز. گاززادا قىلغاندەك، قىلمىشلىرىمىزنى دۇنياغا يېيىۋەتمەيمىز، ئۆلۈكلەرنى يەڭ ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىپ ئۇسۇل ئويناۋاتقانلارنى ئىكرانغا چىقىرىمىز. بىز قان تۈكمەي ئۆلتۈرىمىز، ئاۋازسىز جان ئالىمىز؛ ئۆلتۈرۈپ بولۇپ سوتىچىمۇ، تەپتىشمۇ ئۆزىمىز بولىمىز. قولىمزىدىكى قان قۇرۇماي تۇرۇپلا خەلقئاارا سەھنىگە تېنچلىقنىڭ ئەلچىسى ۋە كېلىشتۈرگۈچىسى بولۇپ چىقالايمىز.
 
7.... نىمە ئادالەت دەمسىلەر؟ كومپارتىيە ئادالەتنىڭ ئۆزى تۇرسا، كومپارتىيە ئاستىدا ئادالەتسىزلىك بولۇشى مۈمكىنمۇ؟ قۇياشنىڭ ئاستىدا نۇرسىز، دېڭىزنىڭ ئىچىدە سۇسىز قېلىش مۈمكىنمۇ؟؟؟؟.........
 
شۇنداق، بۇ شەرھىنى داۋاملاشتۇرساق نومۇر 70 كە بېرىشى مۈمكىن...ئاللاھ دۇنيانىڭ نەرىدە بولسا بولسۇن، كىشىلەرنى بۇنداق قارا يۇمۇرلارنى ئاڭلاشقىلا نېسىپ قىلسۇن، باشتىن كەچۈرۈشكە نېسىپ قىلمىسۇن. . بۈگۈن تەيۋەنلىكلەرنى ئۆز قوينىغا قايتىپ كېلىشكە چاقىرىق قىلىۋاتقانلارنىڭ ئەجداتلىرى 1949 ‏-يىلى شەرقى تۈركىستانغا قەدەم باسقان چېغىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ سوتسىيالىزم قۇرۇشىغا ياردەم قىلىدىغانلىقى ھەققىدە دەم ئۇرغان. تارىخچى، دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ يېڭى كىتاپلىرىدا دېيىلگىنىدەك، گېنىرال ۋاڭ جېن ، خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىن 3 يىل ئىچىدە چېكىنىپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتقان بۇ ھەقتە ۋەدە بەرگەن. ھازىر چېكىنىش مۇددىتى توشقىنى 72 يىل بولدى، چېكىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى داۋام قىلىۋاتىدۇ.