ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى مەرھۇم پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى يېقىندا ۋاپات بولغان ئىجتىھادلىق ۋە كۆپ قىرلىق ئۇيغۇر زىيالى پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى ئۈچۈن خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
 
ئاكادېمىيەنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابلىرىدا بۇ ھەقتە ئىلان قىلغان خەۋىرى تۆۋەندىكىچە:
 
مەرھۇم دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلىنى خاتىرىلەش يىغىنى 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 20- كۈنى شەنبە سائەت 16:00 دا ئىستانبۇل سەفاكۆيدىكى ئۇيغۇر ئىلىم ۋە مەدەنىيەت تەتقىقات ۋەخپى يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.
 
تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدىن كۆپ ساندا ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلات مەسئۇللىرى ئىشتىراك قىلدى.
 
ئالدى بىلەن مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن ئۆمەر قارىم قۇرئان ئوقۇدى. ئارقىدىن مەرھۇمنىڭ ساۋاقداش ۋە سەپداشلىرىدىن پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، پروفېسسور ئەركىن ئەمەت، دوكتور مەغپىرەت كامال ۋە قىزى گۈلدىيار تەڭرىتاغلى خانىمنىڭ مەلۇمات بېرىشى بىلەن مەرھۇم دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندىنىڭ ئىش-ئىزلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلدى ۋە مەرھۇمنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇردى.
 
421440012_10161098859659487_3716005312761828807_n
 
421459261_10161098859699487_3935431974338260166_n
 
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى بىلەن گېرمانىيەدىن ئەنۋەرجان ئەپەندى يىغىن ئەھلىگە سالام يوللاپ، مەرھۇم دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلىنىڭ ئائىلىسىگە سەۋىر تىلەش بىلەن بىرگە، مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا ئۆزىنىڭ چۇڭقۇر قايغۇسىنى يەتكۈزدى. ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن مەخمۇت داموللام مەرھۇمنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلدى. ئاخىرىدا جامائەت ئۇيغۇر پولوسىغا ئېغىز تەگدى.
 
مەرھۇم دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى ئەپەندى ئۇيغۇر ياشلىرىمىز ئۈلگە ئېلىشقا تېگىشلىك ئىرادىلىك، قەيسەر، تەمكىن ۋە ئۆزىنىڭ مۇستەقىللىق غايىسىدىن ئەسلا ۋاز كەچمىگەن، تاكى تىنىغىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىغىچە مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلغان مىللىي كۆرەش سېپىمىزنىڭ غوللۇق تۈۋرۈكلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.
 
2024-يىلى 22-يانۋار