ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي زۇلۇمىغا قارشى مەۋجۇتلۇق كۈرىشى ھەققىدە مۇلاھىزە

رەمزىيە قاسىم (تۈركىيە نىدە ئۆمەر خالىس ئۆزدەمىر ئۇنىۋېرسىتېتى)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدىن ئابلىكىم مۆمىن

تەھرىر: مېھرىئاي ئوسمان

قىسقىچە مەزمۇنى

ئۇزۇن تارىخقا ۋە مول مەدەنىيەتكە ئىگە بولغان ئۇيغۇرلار، تارىختىن بۇيان دۇنيا مەدەنىيىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشقان. ئەمما ئۇلار 1949-يىلى مۇستەقىللىقىنى يوقىتىپ قويغاندىن كېيىن، خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە ۋە قىرغىنچىلىقىغا ئۇچرىماقتا. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ساھەسىگە ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغىمۇ زور تەسىر كۆرسەتمەكتە. شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئىشغال ئاستىدا قالغاندىن كېيىن ئەسىرلەر بويى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان مەدەنىيىتى، تارىخى، تىلىنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا مەجبۇر بولماقتا. يېڭى يېتىلىۋاتقان ئەۋلادلارمۇ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشقا مەجبۇر بولغان. يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتى قوللىنىپ كېلىۋاتقان «بۆل، پارچىلا ۋە باشقۇر» مەنتىقىسى، تا بۈگۈنكى كۈنىمىزگىچە داۋام قىلماقتا.

بۇ ماقالىدە، ئاساسلىقى  شەرقىي تۈركىستان خەلقى، بۇ رايوننىڭ جۇغراپىيەلىك ئەھمىيىتى ۋە تارىختا قۇرۇلغان دۆلەتلەر ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلدى. ئارقىدىن، ئاز ئۇچرايدىغان نۇرغۇن تەبىئىي بايلىققا ئىگە بولغان بۇ جۇغراپىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرگە بولغان خىتاينىڭ زۇلۇمى ھەققىدە مۇلاھىزە ئېلىپ بېرىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ تۇپراقلاردا ئۆسۈپ يېتىلگەن ئالىملارنىڭ ئەدەبىيات تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىلىرى ۋە زامانىۋى دەۋردىكى خىتاي قىرغىنچىلىقىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىنى توسۇشتىكى سەلبىي تەسىرلىرى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر قىلىندى.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: شەرقىي تۈركىستان، جۇغراپىيەلىك ئورۇن، خىتاي، قۇرۇلغان دۆلەتلەر، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى.

كىرىش

«تۈركىستان»-تۈركلەر ياشىغان، قەد كۆتۈرگەن ۋە بۈيۈك بىر مەدەنىيەت بەرپا قىلغان كەڭ جۇغراپىيەلىك بىر يەر. ئىلگىرى تۈركىستان ۋە تۈركلەرنىڭ ئانا ۋەتىنى دەپ ئاتالغان بۇ بىپايان جۇغراپىيە، كۈنىمىزدە ئوتتۇرا ئاسىيا دەپ ئاتالماقتا. بۇ يەر خازار دېڭىزىدىن  تارتىپ تاكى سەددىچىن سېپىلىغىچە سوزۇلغان كەڭ كۆلەملىك بىر جۇغراپىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  ھالبۇكى  ئىلىم دۇنياسىدا تۈركىستاننىڭ ئورنى تېخىچە تولۇق يورۇتۇپ بېرىلمىگەن بولۇپ، بۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە مەدەنىيەتلەرنى كۆرمەستىن، ئۆز كۆز قاراشلىرى بويىچە، ئېغىزنىڭ ئۇچىدىلا «كۆچمەن خەلقلەر» دېگەندەك ئىبارىلەر ئىشلىتىپ كېلىنمەكتە. غەربىي تۈركىستان دەپ ئاتالغان يەر قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەرقىي تۈركىستان دېيىلگەندە بولسا خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى زېمىنلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رۇسىيە ۋە خىتاي تەرىپىدىن قوللىنىپ كېلىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ نەتىجىسىدە تۈرك كىملىكى چەكلەنگەن ئىدى. سۈنئىي شەكىلدە يارىتىلغان ئۇيغۇر، قازاق، ئۆزبېك، قىرغىز، قاتارلىق كىملىكلەر بىلەن ياكى يەرلىك، قەبىلە كىملىكلىرىنى يارىتىش ئارقىلىق تارىختىن بۇيان قوللىنىپ كېلىۋاتقان تۈرك كىملىكىنىڭ ئورنىغا مىللىي كىملىك يارىتىلغان ۋە مەجبۇرىي قوللاندۇرۇلغان. بۇ مەقسەتتە تۈركىستاننى ھەم جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن ھەمدە مىللىي ۋە مەدەنىي جەھەتتىن كىچىك پارچىلارغا ئايرىش ئارقىلىق نېيتراللاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. بۇلارنىڭ نەتىجىسىدە بىر پۈتۈن بولغان تۈرك تىلى ئەدەبىياتىمۇ پارچىلىنىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، قازاق ئەدەبىياتى ۋە قىرغىز ئەدەبىياتى قاتارلىق ئاتالغۇلار بارلىققا كەلگەن.

گەرچە غەربىي تۈركىستان دەپ ئاتالغان رايونلار مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستان خەلقى تا بۈگۈنگە قەدەر مىللىي، دىنىي ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا، خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەر ھاياتتا قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ.

1-ئۇيغۇرلار

ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيەسى ئوخشىمىغان مەدەنىيەت، ئېتىقاد ۋە ئۆزگىچە تۇرمۇش ئۇسۇلى بىلەن ھەر ۋاقىت كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان. تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەسى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان تىل ۋە تەۋرىنىش تەس بولغان ئېتىقادنىڭ مەركىزى بولۇپ، نۇرغۇنلىغان بۈيۈك ئالىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. ماددىي ۋە مەنىۋى نۇقتىدىن ئىنتايىن باي ۋە مول ھوسۇللۇق بۇ يەر ھەمىشە باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلگەن. بۇ چوڭ مەدەنىيەت باشقا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان مەدەنىيەتلەرگە ئوخشاش ئىچكى ئۇرۇشلار ۋە سىرتقى ئۇرۇشلارنىڭ نەتىجىسىدە يىمىرىلىش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن. شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدا خوجىلار دەۋرىنىڭ باشلىنىشى بىلەن رايوننىڭ تەقدىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاۋارىچىلىقلار باشلانغان. گەرچە بىر قىسىم كىشىلەر ئېتىقادى سەۋەبلىك خوجىلارنى قوللىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ  شەخسىي مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان بۇ كىشىلەرنىڭ بۇ رايونغا سالغان زىيانلىرى ناھايىتى كۆپ بولغان.

ئىقلىل قۇربان خوجىلار دەۋرى ھەققىدە مۇنۇلارنى يازغان: «چىڭغىزخاننىڭ نەسلىدىن كەلگەن سەييىد خان (1484-1533)، چىڭغىزلار ۋە تىمۇرىيلارنىڭ غەربىي تۈركىستاندا يىمىرىلىشى بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ، قەشقەر، ياركەنت ۋە خوتەن شەھەرلەرنى ئىشغال قىلغان ۋە 1514-يىلى سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرغان. ‹خوجىلار دەۋرى› دەپ ئاتالغان بۇ دەۋر شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئالتە شەھەردە ھۆكۈم سۈرگەن ئەڭ ئاخىرقى تۈركلەشكەن چاغاتاي خانلىقى (سەئىدىيە خانلىقى) يىمىرىلگەندىن كېيىن (1678) شەرقىي تۈركىستانغا تۇنجى خىتاي تاجاۋۇزچىلىقى باشلانغانغا قەدەر (1755) 77 يىل داۋام قىلغان. خوجىلار سەئىدىيە خانلىقىنىڭ خارابىلىكى ئاستىدا، قالماقلارنىڭ قونچىقى سۈپىتىدە ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن. بۇ سەۋەبتىن، بۇ دەۋر ‹خوجىلار دەۋرى› دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ دەۋرنى ‹خىتاي ئىستېلاسىنىڭ تەييارلىق باسقۇچى دەۋرى› دېيىشكىمۇ بولىدۇ» [قۇربان، 1992].

18- ئەسىرنىڭ بېشىدا، 1755-يىلى يۈز بەرگەن قالايمىقان مۇھىتتا باشلانغان تۇنجى مانجۇ / تۇڭگۇس تاجاۋۇزى، ئاخىرلاشمايدىغان بىر قاراڭغۇ جەرياننى باشلاتقان. يۈز يىللاردىن بۇيان، بۇ ئىككى رايون ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن دۈشمەنلىك نەتىجىلەنمىگەن. شەرقىي تۈركىستان مانجۇلارنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى كۆپ قېتىم كۈرەش قىلغان. ئىشغالدىن كېيىن، مانجۇلار بۇ رايوندا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا قارىشى قاتتىق جازا-تۈزۈملىرىنى يۈرگۈزگەن ۋە بۇ سەۋەبتىن باشلانغان 42 قوزغىلاڭ ۋە بىر ئەسىر داۋام قىلىدىغان ئۇرۇش مۇھىتنى ھازىرلىغان. يۈز بەرگەن 42 قوزغىلاڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار ئۈنۈملۈك نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن. گەرچە ئۇيغۇرلار بۇ توپىلاڭلاردا ئېنىق نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىن ئېلىنغان يەرلەر، مائارىپ قۇرۇلۇشلىرى ۋە ۋەخپىلەرنى قايتۇرۇۋالغان [كوراش، 2015:2]. بۈگۈنكى كۈندە، بۇ ئىككى رايوننىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتقاندا، مۇسۇلمانلارنىڭ خىتايلارغا قارشى كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى ئېنىق. خىتاي  ئەزەلدىن بۇ رايونغا  «بۆل، پارچىلا ۋە باشقۇر» مەنتىقىسى ئارقىلىق يېقىنلاشقان. بۇ يىمىرىلىش جەريانى، ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈنلەي خىتاي ھۆكۈمرانلىقىغا كىرىشى بىلەن قىرغىنچىلىققا ئايلانغان.

تۈركىستان، 18-ئەسىردىن باشلاپ شىمال ۋە غەربتە چار رۇسىيە، شەرقتە بولسا مانجۇ چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە دۇچار بولغان [قارلۇق، 2017:172]. ئەسىرلەر بويىچە شەرق تەرىپىگە خىتاي، غەرب تەرىپىگە رۇسىيە كۆز تىككەن بۇ بىپايان جۇغراپىيەمۇ مۇستەملىكىچىلىك سىياسەتتىن نېسىۋىسىنى ئالغان. شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، بېشىدىن نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارنى ئۆتكۈزگەندەك شانلىق بىر دۆلەت  مەزگىلىنىڭ بولغانلىقىمۇ ئېنىق. شەرقىي تۈركىستاننىڭ چىڭ خىتايلىرىغا قارشى تۇرۇش تارىخىغا قارىساق، ياقۇپ بەگ دەۋرىگە ئوخشاش پارلاق بىر دۆلەت مەزگىلىنىڭ بولغانلىقىغىمۇ كۆز يۇمغىلى  بولمايدۇ. ياقۇپ بەگ دەۋرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى (1865–1878) بۇ تارىخلار ئارىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تەسىرىنى ئۈنۈملۈك توختاتقان. بۇ دەۋر، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىنتايىن شانلىق بىر مەزگىلدۇر. يېڭىدىن مۇستەقىل بولۇپ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۆزىنىڭ دۆلىتىنى قۇرغان.

ياقۇپ بەگ قۇرغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ۋە يولغا قويغان باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسى چىڭ خىتايلىرىنى چېكىندۈرگەن بولسىمۇ، ئۇلارنى بۇ رايوننى ئىشغال قىلىش ئىدىيەسىدىن ۋاز كەچۈرەلمىگەن. ياقۇپ بەگ ئۆز دەۋرىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىككى دۆلەت ئەنگلىيە ۋە چار رۇسىيە بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش بىلەن بىللە، ئوسمانىيلار ئىمپېرىيەسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگىمۇ ئەھمىيەت بەرگەن. 1873-يىلى ئۇ سېيىت ياقۇپ خاننى ئوسمانىيلار سۇلتانى ئابدۇلئەزىزگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىپ: «قەشقەرىيە دۆلىتىنى تونۇشنى تەلەپ قىلغان، خەلىپىگە بولغان ساداقىتىنى قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلغان. پادىشاھ بۇ تەكلىپنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ قەشقەرگە بىر قىسىم قورال-جابدۇقلار بىلەن بىللە ھەربىي ياردەم ئەۋەتكەن. بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، قەشقەردە ئوسمانىيلار خەلىپىسى نامىدا ۋەز-نەسىھەتلەر ئوقۇلۇپ، خەلىپە نامىدا پۇللار بېسىلغان [تۇنا، 2012:53].

1878-يىلى ياقۇپ بەگنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشىدىن پايدىلىنىپ، چىڭ خىتايلىرى يەنە رايونغا يۈزلەنگەن. مۈشكۈل كۈرەش باسقۇچىغا كىرگەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئاخىرىدا ئىشغالىيەتكە يېڭىلىپ، مانجۇ ھاكىمىيىتىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتكەن. 1884-يىلى، مانجۇ ھۆكۈمىتى بۇ رايونغا «يېڭى تۇپراق» مەنىسىدىكى «شىنجاڭ» ئىسمىنى بەرگەن.  دېمەك شۇكى، بۇ رايوننىڭ ئىسمى ھازىرقى خىتاي ھاكىمىيتى تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى تىلغا ئېلىنغان زامان ئارىسىدا مانجۇ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلگەن. 1884-يىلى، مانجۇلار رەسمىي ھالدا شەرقىي تۈركىستاننى ئۆزلىرىنىڭ ئۆلكىسى ۋە مەمۇرىي رايونى قىلغان. شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەسىدە ئوينالغان چىڭ خىتاي ئويۇنى مۇشۇ كۈندىن باشلاپ رەسمىيلەشكەن. بۇ رايون 1911-يىلغىچە پەقەت قەغەز يۈزىدە باشقۇرۇلغان. 1911-يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن قىيىن بىر كۈرەش ئوتتۇرىغا چىققان. مانجۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ئەسىرلەر بويى ياشىغان خىتايلار 1911-يىلى خەن رايونىدا مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن ۋە خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى ئېلان قىلغان.

مانجۇ ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان رايونىدىكى تۈرك دۆلەتلىرىنىڭ خانلىرى، خىتايدىن كەلگەن قوراللىق ئۇنسۇرلار رايوندا ھۆكۈمرانلىق قىلىش كۈرىشىنى باشلىغان. ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بىر-بىرىنى تامامەن مەغلۇپ قىلالماي پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشەلمىگەن. ئىلگىرى مانجۇ زۇلۇمىغا ئۇچرىغان رايون خەلقى بۇ قېتىم قوراللىق ئۇنسۇرلار ۋە زالىم كۈچلەر تەرىپىدىن ئېزىلىشكە باشلىغان. خىتايلار بۇ رايوننى قانۇنسىز ئىگىلىۋالماقچى بولغان بولسىمۇ، گەرچە شەرقىي موڭغۇلىيە، مانجۇرىيە ۋە تېبەتكە ئوخشاش شەرقىي تۈركىستانمۇ مۇستەقىل بىر دۆلەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. كىشىلەر ئارىسىدىكى زىيالىيلار،  دىنى ئالىملار ئاممىنى نادانلىق ۋە چۈشكۈنلۈكتە قالغان خەلقىنى بۇ قىيىن ئەھۋالغا قارشى ئويغىتىشقا ۋە كۈرەش قىلىشقا تىرىشقان. 1930-يىللاردا زىيالىيلار ئىنقىلابچىلار ۋە دىنىي ئالىملار بىر يەرگە جەم بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان.

شەرقىي تۈركىستان خەلقى 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» نى رەسمىي ھالدا ئېلان قىلغان. ئۈزۈلمەس قىيىنچىلىقلار ۋە سەلبىيلىكلەر ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاخىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ جەرياننى مەغلۇبىيەت دەپ قوبۇل قىلمىغان ئۇيغۇرلار ئوخشاش بىر ئايدا، ئوخشاش بىر كۈندە 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى»نى جاكارلىغان. بارلىق تىرىشچانلىقلارغا قارىماي بۇ جۇمھۇرىيەت ئۇزۇن مۇددەت پۇت تىرەپ تۇرالمىغان. 1949-يىلى، رۇسلارنىڭ ياردىمىدە بۇ رايون پۈتۈنلەي خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. 1920-يىللاردا، سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۈرك كىملىكىنىڭ ئورنىغا ئۆزبېك، قىرغىز، قازاق قاتارلىقلار سۈنئىي يەرلىك كىملىك بارلىققا كېلىشكە باشلىغان. بۇ ۋاقىتتىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى، شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەر «ئۇيغۇر» دېگەن بۇ كىملىكنى  قوللىنىلىشقا باشلىغان. شەرقىي تۈركىستانغا تەۋە ئالتە شەھەر بار ئىدى (كېيىنچە، تۇرپانمۇ شەھەر سۈپىتىدە قېتىلىشى بىلەن يەتتە شەھەر بولغان).

باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، رايون خەلقى ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ ئاتىمايتتى. ئۇلار بىر – بىرىنى قەشقەرلىك، ئاقسۇلۇق، خوتەنلىك، ياركەنتلىك، كۇچالىق، تۇرپانلىق دەپ چاقىرىشاتتى. بۈگۈن كۆپىنچە شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان تۈركلەرگە بېرىلگەن «ئۇيغۇر» ئىسمى 15-ئەسىردىن كېيىن سىياسىي ئىتتىپاقنىڭ ئىسمىدەك كۆپ ئىشلىتىلمىگەن. شەرقىي تۈركىستان خەلقى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا خىتايلار تەرىپىدىن قەشقەرلىك، ياركەنتلىك ۋە تۇرپانلىق دەپ ئىسىملاندۇرۇلغان [يەلئوغلۇ، 2019:3]. 1949-يىلى تامامەن خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەندىن كېيىن، 1955-يىلى بۇ رايونغا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» دەپ ئىسىم بەرگەن. ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن خىتاي ھۆكۈمىتى مانجۇ ھۆكۈمىتىگە سېلىشتۇرغاندا ئوخشىمىغان پوزىتسىيەنى نامايان قىلغان. ئۆزىنىڭ يېڭى سىياسىتى بىلەن ئۆزىدىن كۆرمىگەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى باستۇرۇشقا ۋە يوقىتىشقا باشلىغان. يولغا قويۇلغان تۇنجى سىياسەتنى نوپۇسقا قاراتقان. قىسقا مۇددەتتە قۇرۇلغان بۇ ئىككى دۆلەت رايون خەلقىنىڭ ئۈمىد ۋە ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ كەلگەن. شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەسى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ھەم خىتاي ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كەسكىن كۈرىشىنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

2-شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك قۇرۇلمىسى ۋە ئۇنىڭ خىتاي ئۈچۈن ئەھمىيىتى

ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە بولغان شەرقىي تۈركىستان شەرقىي ئاسىيا بىلەن غەربىي، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە شىمال ئوتتۇرىسىدىكى ئۆتۈش نۇقتىسى بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. تەڭرىتاغلىرى مەركىزىدە، ئالتاي تاغلىرى شىمالىدا، ئالتۇن تاغلىرى جەنۇبىدا بولغان بۇ رايوندا يەنە  قاراقۇرۇم، پامىر، باي تارىم ۋە جۇڭغار ئويمانلىقىمۇ بار بولۇپ، بىپايان زېمىنغا ئىگە بولغان بۇ جۇغراپىيەدە پەرقلىق مىللەتلەرمۇ ياشىماقتا [قاسىم، 2021:62-71].

پەقەت، شەرقىي تۈركىستاننىڭ نوپۇسىغا مۇناسىۋەتلىك رەقەملەر ئۈستىدە توختالغىنىمىزدا ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك. چۈنكى بۇ سانلارنىڭ كېلىش مەنبەسى خىتاينىڭ رەسمىي مەنبەلىرىدىن كېلىدۇ. بېيجىڭ سىزغان «شىنجاڭ» رەسىم بىلەن زىتلاشمىغان ئاساستا، توغرىسى يەرلىك «ئاز سانلىق مىللەت»لەرنىڭ قوزغىلىشىغا سەرەب بولمايدىغان سانلارنىڭ ساختىلىق نۇقتىسىدىن ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك [ئاسەنا، 2009:311]. غەيرىي رەسمىي سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نوپۇسى 30 مىليوننىڭ ئۈستىدە بولغان شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان قازاق، قىرغىز، ئۆزبېك ۋە تاتار تۈركلىرىمۇ بۇ جۇغراپىيەدە قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن بىللە ياشايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇ رايون نوپۇسىغا قارىتا يولغا قويغان ئىستراتېگىيەلىك پىلانىدا نوپۇس زىچلىقىنى يوشۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. خىتايلارنىڭ رەسمىي خاتىرىلىرىدە بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمەلىي نوپۇس نىسبىتىنى «30 مىليون» دەپ كۆرسەتمەيدۇ. ئۇلار (2016-يىلدىكى خىتاي سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا) ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 11 مىليوندىن ئاشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان [قاسىم، 2021:75]. خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بولغان سىياسىي كۆز قارىشىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، بۇ يەرنىڭ بېيجىڭ ئۈچۈن مۇھىملىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك [دەمىراغ، 2014:231].

شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن خىتايغا يېقىن بولغاچقا، خىتاينىڭ ئىزچىل ئىشغالىيەت سىياسىتىنىڭ نىشانى بولۇپ كەلگەن. شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلارمۇ ھەمىشە قارشى تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇپ كەلگەن.  1949-يىلى ئاخىرىدا، بېيجىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ۋە بۇ يەرنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنى  ئىشغال قىلىشقا باشلىغان. شەرقىي تۈركىستان  خەلقىنىڭ مىللىي قىممەت قارىشىنى يوقىتىش ئارقىلىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى يولغا قويغان. بۈگۈنكى كۈنلەردە، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا خىتاينىڭ قارا سىياسىتى بارلىق كۈچى ۋە تېخىمۇ زوراۋانلىق بىلەن داۋام قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى تارىخىي ئۆچمەنلىك ۋە ئىشەنمەسلىكتىن كېلىپ چىققان. ئەلۋەتتە. سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسىي سەۋەبلەرمۇ ھەم بار [قاسىم، 2020ئا:91]. خىتايدىكى 148 مىنېرال خام ماددا تۈرىنىڭ 118 نىڭ شەرقىي تۈركىستاندا بولۇشى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى سەۋەبىدىن، بۇ رايوننىڭ خىتاي ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىملىقى ئېنىق [ۋارئوغلۇ، 2009:4]. بۇ رايون نېفىت، تەبىئىي گاز، ئالتۇن، كۆمۈر، ئۇرانىئۇم قاتارلىق خىتايدا يوق بولغان تەبىئىي بايلىق ۋە خام مىنېرال سورتلارنىڭ % 80 تىن كۆپىنى ساقلىماقتا [قاسىم، 2021:71].

خىتاي ئوخشىمىغان جەمئىيەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ۋە يوقىتىشتا ناھايىتى تەجرىبىلىك. خىتاي تارىخى بۇنىڭ مىساللىرى بىلەن تولغان [قاسىم، 2022:106]. شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەسىدە ياشايدىغان تۈرك قەبىلىلىرى، بۇ رايوننىڭ ئاساسلىق ئاھالىلىرى يەنىلا نوپۇس جەھەتتە رايوننىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايلارنى رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەل قىلىش سىياسىتىنى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ. شۇنداقلا، رايوننىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆزگىرىشىنى پىلانلاۋاتىدۇ. گەرچە بۇ رايون نوپۇسىنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئۇيغۇر بولسىمۇ، ئەمما ھازىر خىتاي نوپۇسى تېز كۆپىيىۋاتىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، تۈرك دۇنياسىنىڭ شەرقتىكى قورغىنى بولغان شەرقىي تۈركىستان ئىستراتېگىيەلىك ئورنى جەھەتتە ئەڭ مۇھىم رايونلارنىڭ بىرى. بۇ رايوننىڭ بۇ مۇھىملىقى سەۋەبىدىن، خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە ۋە زۇلۇم شەكلىدە يولغا قويغان سىياسىتى، خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتىشكە، رايونغا تەسىرىنى تىكلەشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە [ۋارئوغلۇ، 2009:4].

يۇقىرى مەدەنىيەت ۋە چوڭقۇر يىلتىز تارتقان دۆلەت ئەنئەنىسى بولغان شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەر، مەدەنىيەت ۋە ئېتىقاد جەھەتتە غەربىي تۈركىستان جەمئىيەتلىرى بىلەن ئوخشاش قىممەتكە ئىگە. بۇ ئوخشاشلىقنى تەھدىت دەپ قارىغان بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چوڭ تەھدىت دەپ قارالماقتا. بۇنىڭدىن باشقا، غەربىي تۈركىستاننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىنكى مۇستەقىللىقى ۋە بۇ رايوندىكى مىللىي كىملىك ۋە مىللىي ئويغىنىش ئېڭىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى بېيجىڭنى ئەندىشىگە سالىدىغان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، خىتاينىڭ غەرب ئىستراتېگىيەسى ۋە بىر بەلباغ بىر يول تۈرى ئوتتۇرا ئاسىيا بولمىسا ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس [قاسىم، 2020ئا: 91-92]. شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەسىدىكى بۇ بايلىقلار خىتاينىڭ بۇ زېمىندىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننى بازا قىلىپ ئىشلىتىپ كەلمەكتە. شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيەسى شۇنداق بىر ئورۇندىكى، خىتاي بۇ رايوننى تاشقى دۇنيانىڭ دەرۋازىسى دەپ قارايدۇ. بۇ سەۋەبتىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى سەۋەبىدىن بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئەھمىيىتى تېخىمۇ ئاشتى.

3-ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتى

تىلى، ئەدەبىياتى ۋە مەدەنىيىتى جەھەتتىن مول ۋە چوڭقۇر تارىخقا ئىگە بولغان ئۇيغۇرلار، تۈرك دۇنياسىغا نادىر ئەسەرلىرى بىلەن مول بىر ئەدەبىيات خەزىنىسى قالدۇردى. شەرقىي تۈركىستان ئۆزىدە مەۋجۇت تارىخى ۋە تارىخى يادىكارلىقلىرى بىلەن تۈركلەرنىڭ ئەڭ قەدىمىي مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بىرىدۇر. ئاغزاكى ۋە يازما ئەدەبىيات ئەنئەنىسى ۋە 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا شەكىللەنگەن ۋە بۈگۈنگە قەدەر داۋاملاشقان بۇ ئەنئەنىنىڭ مېۋىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى» دەپ ئاتىلىدۇ [ئابدۇلۋاھىت كاشگارلى، 2017].  19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ۋە 20-ئەسىرنىڭ بېشىدا باشلانغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زور تەرەققىيات كۆرسىتىپ، مۇھىم ۋەكىللەرنى بارلىققا كەلتۈردى [ئۆگەر ۋە گۈلەر، 2014:65]. ئىبنى سىنا، مەھمۇد قەشقەرى، فارابى قاتارلىق ئىسلام ئۆلىمالىرى مەھمۇد غەزنەۋىي، ئابدۇلكېرەم سۇتۇق بۇغرا، تىمۇر، سەلچۇقبەگ، بابۇرشاھ، مەلىكشاھ قاتارلىق بۈيۈك دۆلەت ئەربابلىرىمۇ بۇ تۇپراقلاردا يېتىشكەن [دەمىراغ، 2014:230].

قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزباسارلىرى ۋە چاغاتاي ئەدەبىياتىنىڭ ۋارىسلىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇرلار ئىنتايىن مول بولغان ئېغىز ۋە يېزىق ئەدەبىيات ئەنئەنىسىگە ئىگە. ئۇيغۇر تىلى تۈرك تىلىنىڭ شەرقىي جەنۇب (قارلۇق، ئۇيغۇر، شەرق) گۇرۇپپىسىدا ئورۇن ئالىدىغان بولۇپ [جانسون، 1998:87]، بۇ تىلنى، 1993-يىلدىكى نوپۇس تەكشۈرۈشكە ئاساسەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى 7 مىليون 598 مىڭ 468 كىشى ئىشلىتىدۇ [ گۈلتەكىن، 2014:192].

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى پەقەت شەرقىي تۈركىستاندىلا ئەمەس، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، ئافغانىستان ۋە موڭغۇلىيەدىمۇ قوللىنىلىدىغان بىر تۈرك شىۋىسى. ئۇ ئاۋسترالىيە، كانادا، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى ئىشلەتسە، قازاقىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار كىرىل ئېلىپبەسىنى ئىشلىتىدۇ [يەلئوغلۇ، 2019].

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى، 1930-يىلدىن كېيىن چاغاتاي تۈركچىسىدىن ئۆزگىرىپ بارلىققا كەلگەن بىر تۈرك يېزىق تىلىدۇر. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئەمەلىيەتتە كونا ئۇيغۇر تىلىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى داۋامى بولۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ھەر خىل تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىشلەر تۈپەيلىدىن شەكىللەنگەن يېڭى نۇسخىسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ تىل بەزى مەنبەلەردە تارانچى تىلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ [ئۆزتۈرك، 2020:11]. ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى كونا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يىلتىزىدىن ئايرىۋەتمەي تۇرۇپ، ئەمما ئايرىم نۇقتىدىن تەكشۈرۈش تېخىمۇ توغرا بولىدۇ. تۈرك تىلىنىڭ تەرەققىياتىنى، كونا تۈرك تىلى (8-11-ئەسىرلەر) ۋە چاغاتاي تۈركچىسى (15-20-ئەسىرنىڭ باشلىرى) دىن كېيىن ھازىرقى زامان تۈرك دىيالېكتلىرى داۋاملاشتۇردى [كاراكايا، 2021:467]. ھازىرقى زامان دىيالېكتلىرىنىڭ بىرى بولغان ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تۈرك تىللىرى ئارىسىدا شەرقىي جەنۇب گۇرۇپپىسىدا ئورۇن ئالىدۇ.

«ھازىرقى زامان» دىيالېكتى دەپ تەسۋىرلەنگەن بۇ تۈرك تىللىرى «زامانىۋىلىق» ئۇقۇمىغا زىت. شۇنداقكى، چاغاتاي تۈركچىسى دەۋرىدىن كېيىن، تۈركىستان جۇغراپىيەسىنىڭ قاراڭغۇ تەقدىرى يېزىلىشقا باشلىدى. رۇسىيە ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇغراپىيەسىگە قوللىنىلغان ۋە ھازىرغىچە يولغا قويۇلغان زۇلۇم سىياسىتى تۈرك خەلقلىرىنى ھالسىراتتى. ھەر ساھەدە ئۆلۈك ھالەتكە چۈشۈپ قالغان بۇ جەمئىيەتلەرنىڭ تەقدىرى ئوخشاش، ئەمما بىر-بىرىدىن ئايرىم يېزىلغان بولۇپ، ئېلىپبە ئۆزگەرتىش سىياسىتى بۇلارنىڭ پەقەت بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئوخشاش يىلتىزدىن كەلگەن بۇ مىللەتلەر ئۆز تىلى بىلەن بىر-بىرىدىن ئايرىلىشقا مەھكۇم. بۈگۈنكى كۈندە، «زامانىۋى» دېگەن بۇ سۆزنى نۇرغۇن زىيالىيلار مەجبۇرىي بۆلۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن بۇ دىيالېكتلارغا ئىشلىتىدۇ.

قېرىنداش خەلقلەرنىڭ بىر-بىرىنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى بىلمەسلىكى كىشىنى ئېچىندۇرىدىغان ئەھۋال. ئارىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى تۈرك خەلقىنى «ماڭقۇرتلىشىش» يولىغا ئىتتىردى [كاراكايا، 2021:467]. رامازان قورقماز «ماڭقۇرتلىشىش» توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ: «تەجرىبە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى بۇزۇلغان ئىجتىمائىي مۇھىتتا، شەخس ئۆزىنىڭ ئونتولوگىيەلىك بىخەتەرلىك پايدىلىنىشىنى يوقىتىدۇ، شۇڭا ئۇ ئۆزىنى كونترولسىز ۋە بىئارام ھېس قىلىدۇ، ئۇ ئۆزىدە ئىدىئولوگىيە ئۈچۈن ئېكىسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان رايون بەرپا قىلىدۇ. ھەمىشە مۇستەبىت ۋە زوراۋان ئېلېمېنتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ يالغۇز ۋە بىخەتەر بولمىغان كىشىلەرگە ئۆزلىرىگە كىرىش ئۈچۈن ۋاقىت بېرىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭغا مۇتلەق ئىشىنىدىغان ‹ماڭقۇرت› ياردەمچىلەر مەيدانغا كېلىدۇ» [ئازاپ، 2013:283].

يېقىنقى ئىككى ئەسىردە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا زور تەرەققىياتلار بولدى. بۇ تەرەققىياتلار دۇنيا تارىخى ۋە ئەدەبىياتى شۇنداقلا ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئەدەبىياتىغا تەسىر كۆرسەتتى. 20-ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغىچە مائارىپ ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىسلاھاتلار ئىسمائىل گاسپىرالىنىڭ رەھبەرلىكىدە باشلانغان «جەدىدىزىم» پىكرى بىلەن جانلىنىپ، مائارىپ ساھەسىدە نۇرغۇن يېڭىلىقلار بارلىققا كەلدى. ئىسمائىل گاسپىرالىنىڭ رەھبەرلىكىدە شەكىللەنگەن «جەدىدىزىم» ئىدىيەسى نۇرغۇن تۈرك جۇغراپىيەلىرىدە مىللىي ئويغىنىشنىڭ مەشئىلىگە ئايلانغان [كاراكايا، 2021:471].

ئېچىلغان يېڭى مەكتەپلەر مەتبەئەنىڭ تەسىس قىلىنىشى بىلەن سۈپەتلىك مائارىپ مۇھىتى ياراتتى. ئىستانبۇل، قىرىم ۋە قازان قاتارلىق رايونلاردىن ئوقۇتقۇچىلار ئېلىپ كېلىندى. شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن ياشلار بۇ جۇغراپىيەلىك جايلارغا بېرىپ مائارىپ تەربىيەسىنى قوبۇل قىلدى. زىيا گۆكئالپ ۋە جەۋدەت پاشا دېگەندەك زامانىسىنىڭ مۇھىم سىياسەتچىلىرى تەرىپىدىن 1914-يىلى قەشقەرگە ئەۋەتىلگەن ھەبىبزادا ئەھمەت كامال، ئۇيغۇرلارنىڭ زامانىۋى مائارىپ بىلەن تەمىنلەيدىغان مەكتەپلەرنى ئېچىشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ ئاممىنى يورۇتۇش ۋە كۈرەشكە چاقىرغان پائالىيەتلەرگە قاتناشقان ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچى بولغان [ئابدۇلۋاھىت كاشىغەرلى، 2017:5]. نەشر قىلىنغان گېزىتلەر مائارىپتىكى قورال سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن بولۇپ، يېزىلغان ئەسەرلەر كىشىلەرنىڭ تونۇشىنى ئۆستۈرىدىغان تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

ئۇيغۇر خەلقى بۇ زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقنى خەلق ناخشىلىرى ۋە شېئىرلىرىدا ئەكس ئەتتۈرگەن. شۇنداق قىلىپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى شەكىللىنىشكە باشلىغان. شائىرلار شېئىرلىرىدا خەلقنى ئويغىتىش، زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ۋە نادانلىقتىن قۇتۇلۇشقا دەۋەت قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى باش تېما قىلغان [ئابدۇلۋاھىت كاشەارلى، 2017:8]. ئۇ دەۋرلەردە ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدىكى خەلق داستانلىرى، خەلق ناخشىلىرى ۋە خەلق شېئىرلىرى كىشىلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئەخلاق ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سەنئەت ئەينىكىگە ئايلانغان [باران، 2007:192].

1911-يىلى خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن نۇرغۇن ساھەدە پەيدا بولغان بېسىم ۋە چەكلىمىلەر ئەدەبىياتقا زور تەسىر كۆرسەتتى. خىتاي ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى نۇرغۇن ساھەدىكىگە ئوخشاش ئېغىر دەرىجىدە توختاپ قالدى ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. ھازىرقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى بۇ بېسىملارغا ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا قارىماي نۇرغۇن شائىر ۋە يازغۇچىلارنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ شائىر ۋە يازغۇچىلار ئىجاد قىلغان ئەسەرلەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئىقتىسادىنى، قىسقىسى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېقىنقى تارىخىنى سۆزلەيدىغان ۋە ساقلايدىغان ھۆججەتلەرگە ئايلانغان [باران، 2007:206]. 1911-يىلدىن باشلاپ، زوراۋان ھۆكۈمەت پەقەت ھۆكۈمەتنى قوللايدىغان ئەسەرلەرنىڭ يېزىلىشىغا يول قويىدۇ. ئەسەرلەردە ئەركىنلىكنى ئىپادىلەش ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىكنى كۈيلەش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ.

ئۇيغۇر ئەدەبىياتى شېئىر، ھېكايە ۋە ئېپوس ئەنئەنىسى بىلەن قانائەت قىلىشى كېرەك بولىدۇ. كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي ئىدىيەسى، ھېسسىياتى ۋە كۆز قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەسەرلەر ئاخباراتقا كىرگۈزۈلمەيدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئۆز كۆز قارىشىنى ۋە مەقسىتىنى ئىپادىلىمەكچى بولغان يازغۇچىلار ۋە شائىرلار «مىللەتچى»، «بۆلگۈنچى»، «تۈركچى»، «ئىنقىلابقا قارشى تۇرغۇچىلار» دەپ ئاتالغان ۋە ئەگەر ئۇلار ۋەتىنى ۋە مىللىتى ھەققىدە تارىخى پاكىتلارنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەسەرلەرنى يازسا، جازاغا تارتىلغان ۋە تۈرمىگە تاشلانغان [باران، 2007:204].

گەرچە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى 1930-يىلغىچە ئاندا-ساندا توختاپ ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ يۈرۈپ تەرەققىياتىنى داۋام قىلدۇرغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ بىلەنلا  قالماي، كېيىنكى ۋاقىتلاردا زۇلۇم سىياسىتىنى  تېخىمۇ كۈچەيتىپ، نۇرغۇن مۇھىم ئەسەرلەرنى ۋەيران قىلدى. كۆيدۈرۈپ يوق قىلىش سىياسىتى سەۋەبىدىن يېقىنقى مەزگىلدە رايوندا چوڭ ھەجىمدىكى نۇرغۇنلىغان نادىر ئەسەرلەر يوقىتىلدى. قىممىتى يۇقىرى ئاسارە-ئەتىقىلەر كۆيدۈرۈش ئارقىلىق ۋەيران بولدى. بۇ مەزگىلدە بارلىققا كەلگەن نۇرغۇن ئەسەرلەرنىڭ بىزگە يېتىپ كېلىشى توسقۇنچىلىققا ئۇچرىدى. بۇ چەكلىمىلەر ۋە زۇلۇم سىياسىتى ئەدەبىياتلا ئەمەس، نۇرغۇن ساھەگىمۇ تەسىر كۆرسەتتى.

خۇلاسە

تەڭرىتېغىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئورنى سەۋەبىدىن مۇھىم جۇغراپىيەلىك جاي. بۇ مەسىلە بۇ رايوندا ياشايدىغان شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈچۈن ھەم ئەۋزەللىك ۋە پايدىسىز شارائىت ھازىرلاپ بەردى. شەرقىي تۈركىستان خەلقى كۈچلۈك دەۋرلىرىدىكى جۇغراپىيەلىك ئورنىدىن پايدىلىنىپ تۈرك دۇنياسىغا زور تۆھپە قوشقان. ئىلىم-پەننىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىدا زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەشپىيات، بايقاش، سۇ يولى ۋە ھەر خىل ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارنى كۆندۈرۈش قاتارلىق ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىش ۋە ياخشىلاش ئۈچۈن يۇقىرى مەدەنىيەتلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. ئەمما، يېقىنقى ۋاقىتلاردا رايوندىكى ئىچكى نىزا، ئۇرۇش ۋە ئىلىم-پەندىن يىراقلىشىش رايوننى ئىگىلەش پۇرسىتىنى ساقلاۋاتقان ئىشغالچى كۈچلەرنى ئىلھاملاندۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ مۇستەملىكە قىلىش جەريانىنى ئاسانلاشتۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينىدى.

بۇ رايون ئۆتكەن يىللاردا مانجۇ / توڭغۇز چىڭ سۇلالىسى تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغان، كېيىن بۇ مۇستەملىكە ۋە زۇلۇم خىتايلار تەرىپىدىن داۋاملاشقان، بۈگۈن ھېلىھەم ئوخشاش ئەھۋال ئۈزۈلمەي داۋاملاشماقتا. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ رايوننىڭ غەربىنى ئىشغال قىلغان چار رۇسىيەمۇ نەزىرىنى شەرققە تىكتى. بۇ رايون پۈتۈنلەي خىتاي، رۇسىيە قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەر ئۈچۈن رىقابەت رايونىغا ئايلاندى. تۇنجى تۈرك دۆلەتلىرىدىن بۈگۈنگە قەدەر نۇرغۇن خەلق ئىدىيە ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلى جەھەتتە ئۆزلىرىگە پۈتۈنلەي زىت بولغان خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچرىشىشقا مەجبۇر بولدى. جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن خىتاي رايونىغا يېقىن بولغان شەرقىي تۈركىستانمۇ بۇ ئۆز-ئارا تەسىردىن تەڭ بەھرىمەن بولدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى «خوجىلار دەۋرى»دىكى ئىچكى مالىمانچىلىقتىن پايدىلىنىپ، قوزغىغان توپىلاڭ بىلەن رايونغا زەربە بەردى. ئاندىن ئۈزۈلمەس ئۇزۇن جەريان باشلاندى. قوزغىلاڭ ۋە قۇرۇلغان دۆلەتلەر نىجاتلىق ئىشىكنى ئاچالمىغاندىن كېيىن، بۇ تۈرك خەلقى ئۆز تەقدىرى بىلەن يالغۇز قالدى. گەرچە ياقۇپ بەگ (1865-1878) دەۋرىگە ئوخشاش پارلاق بىر دەۋر بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئىلگىرىكى كۈچ ۋە شان-شەرىپىدىن ئايرىلغان بۇ تۈرك جۇغراپىيەسىنىڭ مىللىتى تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرغان، ئەمما ئىجابىي نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن ۋە ئۇ قۇرغان دۆلەتلەر ھەمىشە بار قىسقا مۇددەتلىك بولۇپ قالغان. 1911-يىلغىچە مانجۇ چىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلغان بۇ رايون، خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن خىتايلار تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان. زور تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئۆمرى قىسقا بولغان. 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەسىنى رەسمىي ئىشغال قىلدى ۋە ئۇنى پۈتۈنلەي ئىگىلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئالدى بىلەن بۇ رايوننىڭ نامىنى خىتايچىلاشتۇرۇپ، رايون ۋە خەلقنى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن بېسىم سىياسىتىنى يولغا قويدى.

تۈرك دېگەن ئىسىم چەكلەنگەن ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر، قىرغىز، قازاق ۋە تاتار قاتارلىق قەبىلە ۋە سۈنئىي سالاھىيەتلەر قويۇلغان. ئورتاق ئەدەبىي تىلنىڭ ئورنىغا سۈنئىي دىيالېكتلار بارلىققا كەلگەن. كېيىنكى دەۋرلەردە، تۈرك تىلى مائارىپ تىلى بولۇشتىن چىقىرىۋېتىلگەن. رايوندىكى بۇ ئۆزگىرىشلەر ۋە تەرەققىياتلار تۈرك جامائەتلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئەدەبىيات تۇرمۇشىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. بۇ دەۋردە چوڭ بولغان ئۆلىمالار، شائىرلار ۋە مۇتەپەككۇرلار بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسىنى شۇنچە جاپالىق مۇھىتتىمۇ ئۆز ئەسەرلىرىنى يېزىشقا تىرىشقان. شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەسىدە نۇرغۇن ئالىملار يېتىشكەن بولۇپ، بۇ جۇغراپىيە ئەسىرلەردىن بۇيان تۈركلەرنىڭ ئىلىم-پەن ماكانى بولۇپ كەلگەن. خىتاي، رۇسىيە قاتارلىق بۈيۈك دۆلەتلەر ئەسىرلەر بويى مائارىپ يۇرتى دەپ ئاتالغان بۇ جۇغراپىيەدە مەدەنىيەت مۇستەملىكىسى قىلىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، بۇ زۇلۇمغا دۇچ كېلىۋاتقان مۇسۇلمانلار جەمئىيىتى مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلماقتا.

ماقالەنىڭ تۈركچە ئەسلى مەنبەسى ئۇلىنىشى: https://dergipark.org.tr/tr/download/article-file/2577538

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى