ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىلىرى

 
(ئاپتورنىڭ فېسبۇك ھېسابىدىن كۆچۈرۈپ ئېلىندى)
 
ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ « كۈندىلىك خاتىرىلىرى» نىڭ بىردىنبىر نۇسخىسىنىڭ پارچىلىرى ماھىنۇر قاسىمنىڭ «ئەخمەت ئەپەندىنى ئەسلەيمەن» ناملىق كىتابىغا كىرگۈزۈلدى. ئەلۋەتتە، بۇ كىتاب ئالدى بىلەن خىتايچە تەييارلىنىپ ئارقىدىن يەنە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى. بۇ، كىتاب خىتاينىڭ تەشۋىقات ئورگانلىرى تەرىپىدىن قاتتىق سېنزورا قىلىنىپ، ئاخىرى چىقىرىلدى. يەنى « ئەخمەتجان قاسىمى كوممۇنىزم جەڭچىسى»، « يېڭى جۇڭگو قۇرۇش يولىدا قۇربان بولدى»، «مىللىي بۆلگۈنچىلەر ۋە دىنىي فېۋداللارغا قارشى كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىدى»، « ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى يېڭى جۇڭگو دېموكراتىك ئىنقىلابىنىڭ بىر قىسمى» دېگەن سىياسىي تامغىغا زىيان يەتمەسلىك پرىنسىپى بويىچە تەييارلىنىپ چىقىرىلدى. ئەلۋەتتە، كىتابتىكى ھەممە ئۇچۇرلار شۇنداق رامكا ئاستىدا بولسىمۇ ئەمما بىز ئۇنىڭدىن ئۆزىمىزنىڭ ئەسلى چۈشەنچىمىز ۋە نۇقتىئىنەزەرىمىز بويىچە پايدىلىنىمىز، ئەخمەتجان قاسىمى كۈندىلىك خاتىرىلىرىنىڭ ئەسلى نۇسخىسى خىتاي بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ قولىدا، ئەلۋەتتە، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ بارلىق ھۆججەتلىرى، خەت-چەكلىرىنى 1949-يىلى 8-ئايدىلا سوۋېت ك گ ب ئورگانلىرى غۇلجىدىكى كونسۇلخانىسى ئارقىلىق يىغىۋالغان، قالغان كىتابلىرى ۋە كۈندىلىك خاتىرىلىرى ھەم باشقىلار 1950-يىلىغىچە خىتاي كوممۇنىستلىرى ھۆكۈمىتى ( ئەلۋەتتە، بۇنىڭدا ئەخمەتجاننىڭ سەپداشلىرى بولغان ئۇيغۇر، تاتار، ئۆزبېك كىشىلەرمۇ بار) تەرىپىدىن يىغىپ ئېلىنغان. بۇلار ھازىر مەلۇم جايلاردا ساقلىنىقلىق تۇرىدۇ. ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ، ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ ۋە ئىسھاقبېكلەرنىڭ بارلىق ھۆججەتلىرى. خەت-چەكلىرى ۋە باشقا نازۇك ماتېرىياللىرى ئۇلار غۇلجىدىن كېتىپ 10 كۈنگە قالمايلا سوۋېت كونسۇلخانىسى تەرىپىدىن يىغىۋېلىنغان. ئىسھاقبېكنىڭ ئىشخانىسى ئادەتتە ئىككى جايدا ئىدى. بىرى ش ت ج مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابىدىكى رەسمىي ئىشخانىسى. يەنە بىرى ئۆزىنىڭ قورا جايىدىكى ئىشخانىسى. ئۇ مۇتلەق كۆپ ۋاقىتلاردا ئەنە شۇ ئۆيىدىكى ئىشخانىسىدا ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ قورۇسى ئەڭ چوڭ بولۇپ، ئادەتتىكى ۋاقىتتا بىر ئوتدېلېنىيە ئەسكەر ( 10 -12 ئەسكەر) قوغدايتتى. ئاديۇتانتى قىرغىز مىللىتىدىن بولغان ئەخمەت، كاتىپى مايور دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئىدى. ئۇنىڭ قورۇسىدا سوۋېت رۇس گېنېرالى دائىم تۇراتتى. ئۇ 1949-يىلى 8-ئاينىڭ 10-كۈنلىرى ئەتراپىدا، يەنى ئەخمەتجان ۋە ئىسھاقبېكلەر غۇلجىدىن غايىب بولۇش ئالدىدىلا موسكۋاغا كەتتى ( بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار ئۈچۈن كەمىنەنىڭ « ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» 11-تومى: « ستالىن ۋە ماۋ ھەمكارلىقى: ئەخمەتجاننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىنكى چوڭ ئىشغالىيەت» نى ئوقۇڭ) بۇ، تراگېدىيەنىڭ باشلىنىشى ئىدى. ئەخمەتجاننىڭ ئىشخانىسى« ئىتتىپاق» مەركىزىي كومىتېتى بىناسىدا ئىدى. لېكىن ئۇنىڭ يەنە ئۆيىدىمۇ ئىشخانىسى بار بولۇپ، نۇرغۇن ھۆججەتنى ئۆيىدە بىر تەرەپ قىلاتتى. ئەخمەتجاننى ئاران 2-3 ئەسكەر قوغدايتتى. ئۇ، ھەتتا قوغىدىغۇچىسىزمۇ يۈرۈۋېرەتتى. ئەمما ئۇ چاغدا غۇلجىدا خىتاي جاسۇسلىرىمۇ بار بولۇپ، ھەتتا 1948-يىلى غۇلجا شەھىرىدە خىتاينىڭ بىر جاسۇسلۇق ئورگىنى، رادىيو ئاپپاراتلىرى بىلەن قولغا چۈشكەنىدى. ئەخمەت ئەپەندى ئۆزى يالغۇز كوچىلاردا، ئادەملەر ئارىسىدا يۈرۈۋېرەتتى. ئۇ ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلىشتىن قورقىدىغان ئادەم ئەمەس ئىدى. قىسقىسى، ئۆلۈمدىن قورقىدىغان ئادەم ئەمەس ئىدى. ئەخمەتجان كۈندىلىك خاتىرىلىرىدىن ئۇنىڭ بەزىبىرى كۈندىلىك پائالىيەتلىرىمۇ مەلۇملۇقتۇر. دېمەك، ئۇلارنىڭ بارلىق ھۆججەتلىرى ئۇلار كېتىپ 10 كۈنگە قالماي يىغىپ كېتىلدى. يەنى، ئەڭ نازۇك ماتېرىياللار، ئۇلارنىڭ ئىدىيەسى، ھەتتا خىتاي ۋەكىلى دېڭ لىچۈن بىلەن بولغان سۆھبەت خاتىرسىگىچە يىغىپ كېتىلدى. دېمەككى، ئۇلارنىڭ يوقىتىلىشى ئالدىن بېكىتىلگەندەكلا ئىدى. « ئەخمەتجان كۈندىلىك خاتىرىلىرى» نىڭ پارچىلىرى ئايلىنىپ چۆرگىلەپ ماھىنۇر قاسىمىنىڭ كىتاب يېزىشى ئۈچۈن بېرىلدى. بۇلار «خاتىرە» نىڭ ھەممىسى ۋە ئورىگىنال نۇسخىسى ئەمەس ئەلۋەتتە. بىراق بۇنىڭ خېلى ئەمەلىي يەرلىرى بار. بۇنىڭدىكى بايانلار ھەقىقەتەن راست ۋە ھەقىقىي. ئەلۋەتتە بۇلار خىتاي ئۈچۈن نازۇك ئەمەس قۇرلاردۇر. ئەمما ئەخمەتجاننىڭ 1949-يىلى 8-ئايدىن تاكى 1949-يىلى 22- ئاۋغۇستقىچە بولغان كۈندىلىك خاتىرىسى مەلۇم ئەمەس. 1945-1947-يىلى ئارىسىدىكى كۈندىلىك خاتىرىسى يوق. يەنى خىتاي ۋەكىلى دېڭ بىلەن غۇلجىدىكى ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ئەنە شۇ خاتىرىدە ئورۇن ئالغان بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ماھىنۇر خانىم كىتابىدا ئەخمەتجاننىڭ ئەنە شۇ 17-ئاۋغۇستتىكى خاتىرىسىنىڭ ئازغىنا بىر پارچىسىنى بەرگەن، قالغان قىسىملار يوق، دېمەككى، بۇنىڭدىن بىز ئەخمەتجاننىڭ ئىككى تەرەپ سۆھبىتىگە ئائىت خاتىرىسىنىڭ بارلىقىنى بىلەلەيمىز. ئەخمەتجان كۈندىلىك خاتىرىلىرىنىڭ ھازىر خىتاينىڭ قولىدا تولۇق نۇسخىسى بار. دېمەككى، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭ ھەتتا كۈندىلىك خاتىرلىرىغىچە، شەخسىي خەت-چەكلىرىگىچە، ئىمزا قويغان ياكى ئۇ يېزىپ تەييارلىغان ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىگىچە يىغىۋېلىپ، بىر تەرەپ قىلغان. ھۆكۈمەتنىڭ ئالىي رەھبىرى ھەر كۈنى قانچىلىغان ھۆججەتكە ئىمزا قويىدۇ، مۇھىم سىياسەتلەرنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ كۆرسەتمە بېرىدۇ. مانا بۇ سانسىزلىغان ھۆججەتلەر نەدە؟ دېمەك بۇلارنىڭ بىر ئورنى بار، كۆيدۈرۈپ يوق قىلىنغانلىرىمۇ بار بولۇشى تەبىئىي.
 
شۈبھىسىزكى، ئەخمەتجان ھۆججەتلىرىنىڭ كۆپىنى سوۋېت تەرەپ خىتاي تەرەپكە تاپشۇرۇپ بەرگەن بولۇشى، بىر قىسىم سوۋېتقا ئائىت نازۇك ھۆججەتلەرنى ئۆزلىرى ساقلىغان بولۇشى مۇمكىن. سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى 1949-يىلى 11-ئايدا قارار ماقۇللاپ، خىتاي كومپارتىيەسىگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قولىدىكى ئىستىخبارات ئۇچۇرلىرى ۋە ھۆججەتلىرىنى تاپشۇرۇپ بېرىشنى بېكىتكەن. دېمەككى، سوۋېت-خىتاي ئىككى كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئارىسىدا 1949-يىلى 11-ئايدىن باشلاپلا مەخپىيەتلىك، ئىستىخبارات جەھەتتە يېڭى ھەمكارلىق باشلانغان. چۈنكى 1949-يىلى 10-ئايدىن بۇرۇن خىتاي كوممۇنىستلىرى تېخى رەسمىي دۆلەت ھالىتىدە ئەمەس ئىدى. پەقەت ئۇلارنىڭ جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇپ سوۋېت ئىتتىپاقى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىنلا نۇرغۇن ھەمكارلىقلار، جۈملىدىن ئىستىخبارات ھەمكارلىقى رەسمىيلەشتى. ئەلۋەتتە، ستالىن يەنىلا ھەل قىلغۇچ كۈچ ئىدى.
 
ئەخمەتجان كۈندىلىك خاتىرلىرى قولىمىزدا بولسا بىز يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئېنىق بىلگەن بولار ئىدۇق.