كىشىلەردىن نېمىلەرنى ئۆگىنەلەيسىز؟

 
(ئۇستازىنىڭ فېيسبۇك بېتىدىن كۆچۈرۈپ ئېلىندى)
 
«ئىنسانلار ئالتۇن ۋە كۈمۈشلەرگە ئوخشاش مەدەنلەردۇر»[1].
 
ھەدىس شەرىف
 
ئىنسانلاردىن ھەربىرىنىڭ يامان تەرەپلىرى بولغاندەك ياخشى تەرەپلىرىمۇ، سەلبىي تەرەپلىرى بولغاندەك ئىجابىي تەرەپلىرىمۇ كۆپ. چۈنكى، ھەربىر ئىسان بىر ئالەم، ھەربىر ئىنسان بىر جەۋھەردۇر. شۇڭا ھەربىر ئىنساندا بىز ئۆگەنمەسلىككە تېگىشلىك نەرسىلەر بولغاندەك، ئۆگىنىشكە تېگىشلىك قىممەتلىك نەرسىلەرمۇ بار.
 
مەيلى بىلىملىك ياكى بىلىمسىز، مەيلى دىيانەتلىك ياكى دىيانەتسىز ھەرقانداق بىر ئىنساندىن چوقۇم ئۆگىنىدىغان نەرسىلىرىمىز بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئىنسانلار ئالتۇن ۋە كۈمۈشلەرگە ئوخشاش مەدەنلەردۇر» دېگەن ھەدىسى ئىپادىلىگەندەك، ئىنسانلار قىممەت جەھەتتە بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولۇپ، خۇددى مەدەنلەرنىڭ ئىچىدە يۇقىرىسى ئالماس، ئالتۇن، تۆۋىنى تۆمۈر ۋە كۆمۈردەك ھەر خىللىرى بولغاندەك، ئىنسانلارمۇ ياخشىلىق ۋە يامانلىقتا، پەزىلەت ۋە رەزىللىكتە بىر خىل ئەمەس. شۇڭا ياخشى ۋە ئېسىل ئىنسانلاردىن ياخشىلىقنى ۋە ئېسىللىكنى ئۆگەنگىنىمىزدەك، يامان ۋە رەزىل ئىنسانلارغا قاراپ، ئۇلارغا ئوخشاش بولۇپ قالماسلىقنى ئۆگىنىمىز. ئۆلىمالاردىن بىرى: «ئەخلاقنى ئەخلاقسىزلاردىن ئۆگەندىم» دېگەن ئىكەن. بۇ ئەخلاقسىز كىشىلەرگە قاراپ ئۇلاردەك بولۇپ قالماسلىقىم ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قىلمىشىنىڭ ئەكسىچە ئىش كۆرۈشنى ئۆگەندىم، دېگەنلىكتۇر.
 
دۇنيادا پۈتۈنلەي يامان ئىنسان يوق، بەلكى ئەڭ ناچار ئىنساننىڭمۇ بىرەر ياخشى تەرىپى بولىدۇ. بالىلىق ۋاقتىمدا بىر قوشنىمىز بار بولۇپ، ئۇ كىشى ھەمىشە مەست يۈرەتتى، ئىبادەتتە يوق ئىدى، ھەتتا ئۇنى ھېيت نامازلىرىدىمۇ كۆرمەيتتۇق. ئۇ كىشى سەكراتقا چۈشكەندە بېشىدا ئىدۇق. مەسجىدنىڭ جامائەتلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلاردىن دۇئا ئالغان ۋە شاھادەت كەلىمىسىنى ئوقۇپ نەپەس ئۈزگەن ئىدى. كېيىن مەن دادامغا: «بۇ قوشنىمىزنىڭ ھېچقانداق ياخشىلىقى يوق ئىدى، ئەمما شاھادەت كەلىمىسىنى ئوقۇپ نەپەس ئۈزدى» دېگىنىمدە، ماڭا: «ئۇنداق دېمە! ئۇ كىشى مېھماننى ھۆرمەتلەيتتى، ئەمما شاھادەت ئوقۇپ كەتكەنلىكىنى ئىمان بىلەن كەتتى دېگىلى بولماس، چۈنكى، ئاللاھ پىرئەۋننىڭ سەكراتتىكى ۋاقتىدا ئېيتقان شاھادىتىنى قوبۇل قىلمىغان. ئاللاھ ئۆزى رەھىم قىلغاي» دېگەن ئىدى.
 
مەن ھاياتىمدا نۇرغۇن كىشىلەردىن ئۆگەندىم، ئۇلارنىڭ پەزىلەتلىرىنى ۋە خىسلەتلىرىنى تەقلىد قىلىشقا تىرىشتىم. ياخشىلىقتىن ياكى بىرەر پەزىلەتتىن نېسىۋىسى يوقتەك كۆرۈنگەن كىشىلەردىنمۇ نۇرغۇن ياخشى نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالدىم. قىسقىسى، مەن كىتاب ئوقۇش ياكى جاھان گېزىش ئارقىلىق نۇرغۇن نەسىلەرنى ئۆگەنگەنسېرى ئۆزۈمنىڭ تولىمۇ جاھىل، نادان ئىكەنلىكىمنى ۋە كۆپ بىلىملەردىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىمنى ھېس قىلىمەن. شۇنداق، ئىنسان ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە ئۆگىنىشكە ۋە ئۆزىنى يېتىشتۈرۈشكە موھتاج.
 
سىز باشقىلاردىكى گۈزەل خىسلەتلەرنى بايقاشتىن ئاۋۋال ئۆزىڭىزدىكى سىزنى باشقىلارنىڭ مۇھەببىتىگە سازاۋەر قىلىدىغان گۈزەل خىسلەتلەرنى ۋە پەزىلەتلەرنى، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ يامان كۆرۈپ قېلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالىدىغان ناچار تەرەپلىرىڭىزنى بايقىشىڭىز لازىم. ئۇلارنى سىزگە ھېچكىم دەپ بەرمەيدۇ، ھەتتا ئەڭ يېقىن كىشىلىرىڭىزمۇ دەپ بەرمەيدۇ، پەقەتلا ئۆزىڭىز بايقىشىڭىز لازىم. قىسقىسى، سىز باشقىلاردىكى سەلبىي ۋە ئىجابىي سۈپەتلەرنى تەكشۈرۈشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىزدىكىلەرنى تەكشۈرۈشىڭىز كېرەك. شۇنداق قىلسىڭىز قالغان ئۆمرىڭىزدە كىشىلەرنىڭ مۇھەببىتىگە، ئىشەنچىسىگە ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بىر ھاياتقا ئېرىشىىڭىز مۇمكىن. دۇنيادا سۆيۈلۈشتىن ئارتۇق ئۇتۇق يوق، ئۇنىڭدىن چوڭ خۇشاللىق يوق.
 
مەن ئۆزۈمنى خاتالىقلىرى ئىنتايىن كۆپ، ئەيىبلىرى تولا، ئاچچىقى يامان، ئالدىراقسان، تەنتەك بىر ئادەم دەپ قارايمەن. بەزىدە كىشىلەر مېنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشۈمگە ۋە ياخشىدەك كۆرۈنگەن تەرەپلىرىمگە قاراپ، مېنى پەزىلەتلىك كىشى دەپ ئويلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن. چۈنكى، ھەركىم ئۆزىنى ئوبدان بىلگەندەك، مەنمۇ ئۆزۈمنى بىلىمەن. بەزىدە ئۆزۈمنى ماي بوياق رەسىمگە ئوخشىتىپ قالىمەن. چۈنكى، ماي بوياق رەسىمنى يىراقتىن كۆرگەن ئادەم بەكمۇ مۇكەممەل سۈرەتتە كۆرىدۇ، ئەمما يېقىن كېلىپ سىنچىلاپ قارىغاندا، ئۇنىڭدىكى ئەگرى-بۈگرىلىكلەرنى ۋە ئەيىبلەرنى كۆرىدۇ. مەن ئۆزۈمنى ۋە ئەتراپىمدىكىلەرنى مۇكەممەللىك نەمۇنىسى ئەمەس، ئىنسانلىق نەمۇنىسى دەپ قارايمەن، چۈنكى، دۇنيادا مۇكەممەل ئىنسان يوق. ھەممىمىز ئىنسان، ھەممىمىزنىڭ ئەيىبلىرى ۋە نۇقسانلىرى بار. بۇ يەردىكى بىرلا پەرق شۇكى، بەزىلەر ئۆزىنىڭ خاتالىقلىرىنى ۋە ئەيىبلىرىنى تونۇپ تۈزىتىدۇ، بەزىلەر ئۆز ھالىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۆزىنىڭ كەمچىلىكلىرىنى ۋە خاتالىقلىرىنى تۈزىتىپ تۇرىدىغانلار ھەقىقەتەن ياخشى كىشىلەردۇر. چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەرقانداق ئادەم خاتالاشقۇچىدۇر، خاتالاشقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى تۈزەتكۈچىلەردۇر»[2] دەپ كۆرسەتكەن.
 
ئىبرەت:
 
— دۇنيادا مۇكەممەل ئىنسان يوق، ئەمما ھەربىر ئىنساندا يوق دېگەندىمۇ بىرەر گۈزەل خىسلەت بار. سىز ئاشۇ خىسلەتنى ئۆگىنىشكە تىرىشىڭ.
 
— ھەممىمىز ماي بوياق رەسىمگە ئوخشايمىز، ئۇنى يىراقتىن كۆرگەن ئادەم بەكمۇ مۇكەممەل سۈرەتتە كۆرىدۇ، ئەمما يېقىن كېلىپ سىنچىلاپ قارىغاندا، ئۇنىڭدىكى ئەگرى-بۈگرىلىكلەرنى ۋە ئەيىبلەرنى كۆرىدۇ.
 
— سىز ئۆزىڭىزدىكى ناچار تەرەپلەرنى بايقاشقا ئالدىراڭ. چۈنكى، ئۇنى سىزگە ئۆزىڭىزدىن باشا ھېچكىم دەپ بەرمەيدۇ.
 
— دۇنيادا پۈتۈنلەي يامان ئىنسان يوق، بەلكى ھەربىر ئىنساندا بىرەر ياخشى خىسلەت ياكى پەزىلەت تېپىلىدۇ.
 
[1] ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
 
[2] ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.