«ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى ياش – ئۆسمۈرلەر ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيىتى» ئىستانبۇلدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

2024-يىللىق «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى ۋە ئۇيغۇر ئانا تىل كومىتېتىنىڭ تەشكىللىشى، تاڭنۇرى تەلىم – تەربىيە مەركىزى ۋە سەرخىللار مائارىپىنىڭ ھەمكارلىقىدا، 2024-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى شەنبە چۈشتىن كېيىن سائەت 2:00 دە ئىستانبۇل ساباھاتتىن زائىم ئۇنىۋېرسىتېتى İSEFAM يىغىن زالىدا ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئورۇنلىشىدا 2024-يىللىق «ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى» ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەت ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ۋە مەدەنىيىتىنى سۆيىدىغان بىر مىللەت ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىندى.

«ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى ياش – ئۆسمۈرلەر ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيىتى» سىن ھۆججىتى

 

15-scaled

1000449516

2024-يىلى 20-فېۋرال