ۋاڭ يىنىڭ ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىدىكى يالغانلىرى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دۆلەت ئەربابلىرىنى ھەم شۇنداقلا سىياسەت ۋە سودا ساھەسىدىكى مۇھىم زاتلارنى بىر ئارىغا جەم قىلىدىغان نوپۇزلۇق سورۇنلارنىڭ بىرى بولغان «ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنى» دا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئۇيغۇرلار ھەققىدە سوئاللارغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئۇ يەنە خىتاينىڭ كونا تەشۋىقاتلىرىنى بازارغا سالدى. ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى يالغان سۆزلىرى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى ۋە رەددىيەلەر بېرىلدى. 

ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنى 1963-يىلى بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ھەر يىلى فېۋرالدا گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئېچىلىدىغان خەلقئارادىكى ئەڭ مۇھىم يىغىنلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىغىنغا ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سىياسىيونلار، دۆلەت ئەربابلىرى، ئالىم، مۇتەخەسسىسلەر، كارخانىچىلار، داڭلىق ئاخبارات ئورۇنلىرى قاتارلىقلار قاتنىشىپ، خەلقئارا مەسىلىلەر ئۈستىدە مۇنازىرە ۋە سۆھبەت ئېلىپ بارىدۇ. 2024-يىلى 16-فېۋرالدىن 18-فېۋرالغىچە ئېچىلغان مەزكۇر يىغىندا پۇتىننىڭ ئەڭ چوڭ سىياسىي رىقابەتچىسى بولغان ئالېكسېي ناۋالنىنىڭ مەزكۇر يىغىن باشلانغان كۈنىدە ئۆلۈپ كېتىشى، ئۇكرائىنا-رۇسىيە مەسىلىسىنى قىزىق نۇقتىغا كۆتۈرگەن. ئۇنىڭدىن سىرت يىغىندا يەنە ئاۋۋالقى يىلغا ئوخشاشلا ئۇيغۇر، خوڭكوڭ، تىبەت قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ مۇھىم تېما بولغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 18-فېۋرال گېرمانىيەنىڭ مىيۇنخېن شەھىرىدە ئېچىلغان دۇنيا بىخەتەرلىك يىغىنى خىتاي مەسىلىلىرى مەخسۇس سەھنىسىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ھەققىدىكى سوئالغا دۇچ كەلگەن. رىياسەتچى ۋاڭ يىدىن تەيۋەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، جۈملىدىن مەجبۇرىي ئەمگەككە ئالاقىدار سوئاللارنى سورىغان. ۋاڭ يى ھىيلىگەرلىك بىلەن رىياسەتچىسىنىڭ سوئالىنى قاتتىق ھەيران قالغان قىياپەتتە ئاڭلىغان.

رىياسەتچى ۋاڭ يىغا خىتابەن بۇ يىغىن ئېچىلىشتىن ئىلگىرى گېرمانىيەنىڭ ئىككى چوڭ شىركىتى بولغان «ۋولكىسۋاگېن» ۋە داڭلىق خىمىيە سانائەت ماگناتى بولغان BASF شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلىپ زور غۇلغۇلا قوزغىغانلىقىنى، گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق نورمىلىرىغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تەدبىرلەرنى بەلگىلىگەنلىكىنى دېگەن. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ھازىر سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلە بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، بىر قانچە يىل ئاۋۋال ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە بىر دوكلات ئېلان قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ھەمدە « سىلەر بۇ مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلماقچى؟ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىلىرى ھەققىدىكى تەنقىدلەرنىڭ يەنە چىقماسلىقى ئۈچۈن نېمە ئىشلارنى قىلىشنى ئويلىشىۋاتىسىلەر؟» دەپ سورىغان.

ئۇ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەققىدە بىلجىرلاپ: «شىنجاڭدا ئاپتونوم رايون قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر نوپۇسى ئەسلىدىكى 3 مىليوندىن كۆپىيىپ، ھازىرقى 12 مىليونغا يەتتى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئەسلىدىكى 30 ياشتىن 75.6 ياشقا يۈكسەلگەن ياشاش شارائىتىغا ئېرىشتى. بۇ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۈلگىسى ئەمەسمۇ؟ بارلىق مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى ئەركىنلىكى ياخشى قوغدالماقتا. مۇسۇلمانلار يېتەرلىك دىنىي سورۇنلاردىن بەھرىمەن بولماقتا، ھۆكۈمەت يەنە مەسچىتلەرنى رېمونت قىلىش ۋە ئاسراش ئىشلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ. ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى ۋە دۇكان ناملىرىنىڭ ھەممىسى قوش تىلدا يېزىلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتى قوغدالدى» دېگەن.

ۋاڭ يى جاۋابىنىڭ ئاخىرىدا يەنە: «خىتاينىڭ تېز تەرەققىي قىلغىنىنى كۆرگەن قىسمەن دۆلەتلەر خىتاينى چەكلەش مەقسىتىدە، شىنجاڭ ھەققىدە يالغان توقۇپ، شىنجاڭنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇندى. مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا. كۆپچىلىكىنىڭ شىنجاڭغا بېرىپ ئەمەلى ئەھۋالنى كۆرۈپ بېقىشىنى تەلەپ قىلىمەن» دەپ چالۋاقىغان.

ۋاڭ يىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى يالغان سۆزلىرى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە تەتقىقاتچىلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى. مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا ئىلان قىلغان «ۋاڭ يىنىڭ ميۇنخېن خەۋپسىزلىك يىغىنىدىكى 4 يالغان سۆزى» ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: «

ۋاڭ يى ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ 1953-يىلىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت ئىستاتىستىكىسىنى كۆزدە تۇتتى دەپ قارىساق، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنى 2 مىليون دېيىشنىڭ ئۆزىلا چوڭ خاتالىق. چۈنكى، 1953-يىلى خىتاينىڭ تۇنجى قېتىملىق دۆلەتلىك نوپۇس تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكىسىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 4 مىليون 873 مىڭ 603 كىشى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار نوپۇسى 3 مىليون 640 مىڭ 125 كىشى دەپ ئىستاتىستىكا قىلىنغان. خىتاي نوپۇسى بولسا ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 6 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغانلىقى، قازاقلار بولسا 10 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغانلىقى، قالغان مىللەتلەر بولسا 9 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغانلىقى ئىستاتىستىكا قىلىنغان. ( مەنبەسى : https://www.stats.gov.cn/sj/tjgb/rkpcgb/qgrkpcgb/202302/t20230206_1901986.html)

دەرۋەقە، مەسىلە ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ نۆۋەتتە 12 مىليونغا «كۆپەيگەن» لىكى ئەمەس، بەلكى خىتاي نوپۇسىنىڭ قانداق قىلىپ 250 مىڭ ئەتراپىدىكى نوپۇستىن، بۈگۈنكى 10 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا كۆپەيگەنلىكىدۇر. ئەمما ۋاڭ يى بۇ نۇقتىنى ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن نەزەردىن ساقىت قىلغان.»

شۇنىڭ بىلەن بىرگە، 2018-يىلىدىن بۇيان ب د ت دا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باستۇرۇشلىرى ھەققىدە ئارقا-ئارقىدىن بىرلەشمە باياناتلارنىڭ ئىلان قىلىنىشى، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتى، لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرى، ئاۋسترالىيە ئىستراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنستىتۇتى قاتارلىق ئورگانلارنىڭ ۋە ئادرىئان زېنز قاتارلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتلىرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى پولاتتەك پاكىتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويماقتا.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ يۇقىرىدىكى بۇ سۆزلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىغان بولۇپ، نۇرغۇن پائالىيەتچىلەر ۋە لاگېردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىۋاتقان گۇۋاھچىلار «X» تىكى ئىنكاسلىرىدا ۋاڭ يىنىڭ سۆزلىرىگە رەددىيە بەرگەن.

2024-يىلى 21-فېۋرال