ئىسلامدا ۋەتەنپەرۋەرلىك

مۇھەممەد يۈسۈپ
 
ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىسلام دىنىدىكى ئەڭ مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى، ئىسلام دىنى ۋەتەننى قوغداشنى مۇھىم پەرزلەردىن سانايدۇ. بۇنى مۇنداق بىر قانچە نۇقتىدىن چۈشەندۈرۈش مۇمكىن:
 
1. ئىنساننىڭ ئۆز ۋەتىنىگە بولغان سۆيگۈسى تۇغۇلىشىدىنلا بار بولغان تەبىئىي خىسلەت بولۇپ، ئىسلام دىنى ۋەتەن سۆيگۈسىنى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تەشەببۇس قىلىدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنى ئىنساننىڭ تەبىئىي پىترىتىگە زىت كەلمەيدۇ، بەلكى تەبىئىي تۇيغۇنى ۋە پىترەنى پەرۋىش قىلىپ، ئۇنى يېتەكلەيدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدىن ئايرىلىش ئالدىدا ئۇنىڭ «ئى سۆيۈملۈك يۇرتۇم مەككە! قەۋمىڭ مېنى كېتىشكە مەجبۇر قىلمىسا ئىدى، سەندىن ھەرگىز ئايرىلمايتتىم» دېگەن سۆزى تارىخ كىتابلىرىغا پۈتۈلگەن. ئەمەلىيەتتە مەككە بولسا، "ھىچقانداق گىياھسىز بىر ۋادى" ئىدى. لېكىن بىر جاينىڭ يېشىللىقىغا، پاراۋانلىقىغا، ھاۋاسىنىڭ يېقىشلىقىغا كۆنۈپ قېلىش ھەرگىزمۇ ئۇ يەرنى سۆيۈپ قالغانلىق ھېسابلانمايدۇ. كۆنگەندىن ۋاز كەچمەك قولاي، ئەمما سۆيگەندىن ۋاز كەچمەك ئىمكانسىزدۇر. ھەر ئادەمنىڭ ئۆز يۇرتى مەيلى قانچىلىك نامرات ياكى چەت-سەھرا بولۇشتىن قەتئىينەزەر ئۇنىڭ مۇھەببىتى قەلبىنىڭ قات-قېتىغا ئورناپ كەتكەن بولىدۇ.
 
ساھابە ئەسىيلۇل غىفارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مەككىدىن ھىجرەت قىلىپ مەدىنىگە كەلگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن مەككىنىڭ ئەھۋالىنى سورايدۇ. ئۇ، مەككىنىڭ يۇلغۇنلىرى چېچەكلەۋاتقانلىقىنى ۋە ئۇ يەرنىڭ بىر قانچە سۈپەتلىرىنى تىلغا ئېلىشىغا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: بولدى قىلساڭچۇ، يۈرىكىمنى بىردەم ئارامىدا قويساڭچۇ! دەيدۇ. بۇ قىسسە توغرىسىدا ئوخشىمىغان رىۋايەتلەر بولۇپ، بەزىلىرىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆزىگە لۆممىدە ياش ئالغانلىقى بايان قىلىنغان.
 
2. ئىنساننىڭ ئۆز ۋەتىنىنى قوغدىشى ئىسلام پەرزلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىملىرىدىن بىرىدۇر. چۈنكى ئىسلام دىنى ۋەتەننىڭ بارلىق پۇقرالىرىغا ۋەتەننى قوغداشنى ۋە دۈشمەن كەلسە ئۇنىڭغا قارشى ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك ھەممە بىردەك جىھادقا چىقىشنى پەرز قىلغان. جىھاد ھەققىدە چۈشكەن تۇنجى ئايەت ۋەتەن مەسىلىسىدە چۈشكەن بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇسۇلمانلارغا ئۇلارنى ئۆز ۋەتىنىدىن قوغلاپ چىقارغان، ئۆي-جايلىرىنى ۋە مال-مۈلكىنى تارتىۋالغان كاپىرلارغا قارشى جىھاد قىلىشنى پەرز قىلغان.
 
﴿أُذِنَ لِلَّذِينَ يُقَاتَلُونَ بِأَنَّهُمْ ظُلِمُوا وَإِنَّ اللَّهَ عَلَى نَصْرِهِمْ لَقَدِيرٌ. الَّذِينَ أُخْرِجُوا مِنْ دِيَارِهِمْ بِغَيْرِ حَقٍّ إِلَّا أَنْ يَقُولُوا رَبُّنَا اللَّهُ﴾ «ھۇجۇم قىلىنغۇچىلارغا زۇلۇمغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن (قارشىلىق كۆرسىتىشكە) رۇخسەت قىلىندى، شەكسىزكى، ئاللاھ ئۇلارغا ياردەم بېرىشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر. ئۇلار پەقەت «رەببىمىز ئاللاھتۇر» دېگەنلىكى ئۈچۈنلا، ئۆز يۇرتلىرىدىن ناھەق ھەيدەپ چىقىرىلغان ئىدى» .
 
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ «رەببىمىز ئاللاھ» دېگەنلىكى ئۈچۈن، كاپىرلار تەرىپىدىن ئۆز يۇرتىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى ئۇلارنى كاپىرلارغا قارشى جىھاد قىلىشقا بۇيرۇغانلىقىنىڭ سەۋەبى قىلىپ كۆرسەتكەن.
 
﴿أَلَمْ تَرَ إِلَى الْمَلَإِ مِنْ بَنِي إِسْرَائِيلَ مِنْ بَعْدِ مُوسَى إِذْ قَالُوا لِنَبِيٍّ لَهُمُ ابْعَثْ لَنَا مَلِكًا نُقَاتِلْ فِي سَبِيلِ اللَّهِ قَالَ هَلْ عَسَيْتُمْ إِنْ كُتِبَ عَلَيْكُمُ الْقِتَالُ أَلَّا تُقَاتِلُوا قَالُوا وَمَا لَنَا أَلَّا نُقَاتِلَ فِي سَبِيلِ اللَّهِ وَقَدْ أُخْرِجْنَا مِنْ دِيَارِنَا وَأَبْنَائِنَا فَلَمَّا كُتِبَ عَلَيْهِمُ الْقِتَالُ تَوَلَّوْا إِلَّا قَلِيلًا مِنْهُمْ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِالظَّالِمِينَ﴾ «(ئى پەيغەمبەر!) ساڭا مۇسادىن كېيىن كەلگەن ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ كاتتىباشلىرىنىڭ خەۋىرى يەتمىدىمۇ؟ ئۇلار ئۆز ۋاقتىدا ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبىرىگە: «بىزگە بىر پادىشاھ تىكلەپ بەرگىن، ئۇنىڭ باشچىلىقىدا ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلايلى» دېيىشكەن ئىدى. پەيغەمبەر: «سىلەرگە جىھاد قىلىش پەرز قىلىنسا جىھاد قىلماي قالساڭلارچۇ؟» دېدى. ئۇلار: «يۇرتلىرىمىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان ۋە بالىۋاقىلىرىمىزدىن جۇدا قىلىنغان تۇرساق، قانداقمۇ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلمايلى؟» دېدى. ئۇلارغا جىھاد قىلىش پەرز قىلىنغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسمىدىن باشقا ھەممىسى (جىھاد قىلىشتىن) باش تارتتى. (ئۆزىگە) زۇلۇم قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ئوبدان بىلگۈچىدۇر» .
 
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۆز ۋەتىنىنى مۇستەملىكىچىلەردىن تارتىپ ئېلىش يولىدا ئۇرۇش قىلىشنىڭ ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلغانلىق ئىكەنلىكىنى ئوپئوچۇق بايان قىلغان.
 
﴿ وَلَوْ أَنَّا كَتَبْنَا عَلَيْهِمْ أَنِ اقْتُلُوا أَنْفُسَكُمْ أَوِ اخْرُجُوا مِنْ دِيَارِكُمْ مَا فَعَلُوهُ إِلَّا قَلِيلٌ مِنْهُمْ﴾ « ئەگەر بىز ئۇلارغا: «ئۆزۈڭلارنى ئۆلتۈرۈڭلار ياكى يۇرتۇڭلاردىن چىقىپ كېتىڭلار» دەپ ئەمر قىلغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسى بۇنى ئىجرا قىلمايتتى» .
 
بۇ ئايەت ۋەتەننى قولدىن بېرىشنىڭ ئۆلگەن بىلەن تەڭ ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جاننى قوغداش قانچىلىك زۆرۈر بولسا ۋەتەننى قوغداشنىڭمۇ شۇنچىلىك، چەتتە ئۇنىڭدىنمۇ بەك زۆرۈۈ ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ.
 
﴿ إِنَّمَا جَزَاءُ الَّذِينَ يُحَارِبُونَ اللَّهَ وَرَسُولَهُ وَيَسْعَوْنَ فِي الْأَرْضِ فَسَادًا أَنْ يُقَتَّلُوا أَوْ يُصَلَّبُوا أَوْ تُقَطَّعَ أَيْدِيهِمْ وَأَرْجُلُهُمْ مِنْ خِلَافٍ أَوْ يُنْفَوْا مِنَ الْأَرْضِ ذَلِكَ لَهُمْ خِزْيٌ فِي الدُّنْيَا وَلَهُمْ فِي الْآَخِرَةِ عَذَابٌ عَظِيمٌ﴾ «ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە قارشى ئۇرۇش ئاچىدىغانلارنىڭ، يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلارنىڭ جازاسى شۇكى، ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈشى ياكى دارغا ئېسىلىشى ياكى ئوڭ قولى ۋە سول پۇتى كېسىلىشى ياكى سۈرگۈن قىلىنىشى كېرەك. بۇ جازا ئۇلارنى دۇنيادا رەسۋا قىلىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇلارغا چوڭ ئازاب باردۇر» .
 
بۇ ئايەتتە بىراۋنى ئۆز ۋەتىنىدىن چىقىرىۋېتىشنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈش ياكى دارغا ئېسىش ۋەياكى پۇت- قولىنى كېسىش بىلەن تەڭ ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. يىقىرىقى ئايەتلەردە كۆرگىنىمىزدەك، قۇرئان كەرىم ۋەتەننىڭ قىممىتىنى ۋە ئۇنى قوغداشنىڭ نەقەدەر زۆرۈر ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەرگەن يېگانە كىتابتۇر. دۇنيادا ھېچقانداق كىتاب ۋە ھېچقانداق دىن ۋەتەنگە قۇرئان كەرىم قىممەت بەرگەندەك قىممەت بەرگەن ئەمەس. چۈنكى، مۇستەقىل ۋەتەن بولغاندىلا ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى ياشاتقىلى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ.
 
ئىسلام تارىخى ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ نەمۇنىسىدۇر
 
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا يۈز بەرگەن بەدرى، ئۇھۇد ۋە خەندەك قاتارلىق چوڭ ئۇرۇشلارنىڭ ۋەتەننى قوغداش — مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىن ئىبارەت مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى دۆلىتىنى ۋە يېگانە ۋەتىنىنى قوغداش ئۈچۈن بولغانلىقىنى ۋە مۇشۇ ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەنلىكىنى بىلگىنىمىزدە، جىھادنىڭ ئىسلام دىيارىنى قوغداش ئۈچۈن بۇيرۇلغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىمىز. چۈنكى بەدرى ئۇرۇشى ھىجرىيىنىڭ 2-يىلى (624م) رامىزان ئېيىنىڭ 17-كۈنى جۈمە سەھەر ۋاقتىدا مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىنىڭ غەربى جەنۇبىغا جايلاشقان بەدىر دېگەن جايدا بولغان. ئۇھۇد ئۇرۇشى ھىجرىيىنىڭ 3-يىلى شەۋۋال ئېيىنىڭ 7-كۈنى (مىلادىيە 625-يىلى 23-مارت) مەدىنەمۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى ئۇھۇد تېغىدا بولغان. خەندەك ئۇرۇشى ھىجرىيىنىڭ 5-يىلى شەۋۋال ئايدا (627م) مەدىنىگە يېقىن بىر جايدىكى سەل تېغىنىڭ ئېتەكلىرىدە بولغان. دېمەك، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرى باشقىلارنىڭ ۋەتىنىگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇرۇش قىلمىغان، بەلكى مۇسۇلمانلارنىڭ ۋەتىنى بولغان مەدىنە شەھىرىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن ئۇرۇشقان. شۇڭا بۇ ئۇرۇشلار مەككىدە ياكى باشقا جايلاردا ئەمەس، مەدىنە شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا بولغان. چۈنكى كاپىرلارئىسلام دىيارىغا ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن، مۇسۇلمانلار بولسا ئىسلام دىيارىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇلار بىلەن ئۇرۇشقا ۋە ئۇلارنى ئارقىغا قايتۇرغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن كېيىن، ئۇنىڭ ساھابىلىرى ئىسلام دىيارلىرىنى قوغداش يولىدا جىھاد قىلىپ، بارغان جايلىرىدا شېھىت بولغان ۋە قەبرىلىرى شۇ جايلاردا قالغان. كۆپلىگەن ساھابىلەرنىڭ قەبرىلىرىنىڭ شام، ئىراق، مىسىر، يەمەن، تۈركىيە، ئىران، ئەزەربەيجان قاتارلىق جايلاردا قالغانلىقى بۇنىڭ مىسالى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىنكى ئون يىللىق ھاياتىنى مىسال قىلىدىغان بولساقمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەدىنىدىكى ھاياتى مۇسۇلمانلارنىڭ تۇنجى دۆلىتى بولغان مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىنى مەككە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداش بىلەن، مۇھاجىرلارنىڭ ئەسلى ۋەتىنى بولغان مەككە مۇكەررەمە شەھىرىنى مۇشرىكلارنىڭ چاڭگىلىدىن ئازاد قىلىش ئارزۇسى ۋە تەييارلىقى بىلەن ئۆتكەنلىكىنى بىلىمىز. «ئاللاھ پەيغەمبىرىنىڭ چۈشىنى ھەقىقىي تۈردە راستقا ئايلاندۇردى. (ئى پەيغەمبەر!) ئاللاھ خالىسا، سىلەر خاتىرجەم بولغان (بەزىلىرىڭلار) باشلىرىڭلارنى چۈشۈرگەن ۋە (بەزىلىرىڭلار) قىرقىغان ھالدا، قورقماي چوقۇم مەسجىدى ھەرەمگە كىرىسىلەر» دېگەن ئايەتمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆز ۋەتىنى مەككىنى قانچىلىك بەك سېغىنغانلىقىنىڭ ۋە ئۇنىڭغا كىرىشكە قانچىلىك تەقەززا بولۇپ كەتكەنلىكىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىسىدۇر.
 
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام 23 يىللىق پەيغەمبەرلىك ھاياتىنىڭ 13 يىلىنى مەككىدە، قالغان 10 يىلىنى مەدىنىدە ئۆتكۈزدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەككىدىكى 13 يىللىق پەيغەمبەرلىك ھاياتىدا ئاۋۋالقى ئۈچ يىلنى كىشىلەرنى ئىسلامغا مەخپىي دەۋەت قىلىش، كېيىنكى ئون يىلنى ئىسلامغا ئاشكارا دەۋەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، بۇ جەرياندا شەرىئەت ئەھكاملىرى ۋە قانۇن-تۈزۈملىرى بەلگىلەنمىگەن. پەقەت مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ بېرىپ، ئۇ جايدا مۇسۇلمانلارنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى بولغاندىن كېيىن، كۆپلىگەن ئىسلام پەزرلىرى، شەرىئەت ئەھكاملىرى ۋە قانۇن-تۈزۈملىرى بۇيرۇلۇشقا باشلىغان.
 
بۇنىڭدىن شۇ خۇلاسىنى چىقىرىشقا بولىدۇكى، دىننىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئىجرا قىلىش ۋە ئىبادەتلەرنى ئەركىن ھالدا ئورۇنداش ئۈچۈن ئەلۋەتتە ۋەتەن كېرەك، مۇستەقىل دۆلەت كېرەك.
 
بىزگە تەييارلانغان قىلتاق
 
بىزنىڭ مۇسۇلمان ياشلىرىمىزنىڭ مېڭىسىنى ئىسلام نامى بىلەن زەھەرلەشنى پىلانلىغانلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈپ، ئۇلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك چۈشەنچىسىدىن ۋە ۋەتەن سۆيگۈسىدىن مەھرۇم قىلىپ كەلدى. ئىمام مۇسلىم جۇندۇب ئىبنى ئابدۇللا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئەسەبىيلىككە چاقىرىش ياكى ئەسەبىيلىككە ياردەم قىلىش يولىدا ئۆلىدىكەن، ئۇكاپىرلىق ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ» . ھەدىستىكى ئەسەبىيلىك قەبىلىۋازلىقنى، بۇرۇنقى جاھىلىيەت دەۋرىگە قايتىش ئۈچۈن قىلىنغان بارلىق ھەرىكەتلەرنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى ئىسلام دىنىنىڭ غەلىبسىگە تەڭ كېلەلمەي مەجبۇرىي مۇسۇلمان بولغان ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ تولىسى پۇرسەت تاپسىلا ئۆزلىرىنىڭ بۇرۇنقى جاھىلىيەت دەۋرىگە قايتىشنى ۋە شۇ جاھىلىيەتكە دەۋەت قىلىشنى قولدىن بەرمەيتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنلا بەزى ئەرەب قەبىلىلىرى ئارىسىدا باش كۆتۈرگەن مۇرتەدلىك (دىندىن يېنىۋېلىش) ھەرىكىتى بۇنىڭ مىسالى. ئۇ چاغدا، مەككە، مەدىنە ۋە تائىف شەھەرلىرىدىن باشقا شەھەرلەردىكى ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ كۆپ سانلىقى مۇرتەد بولغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «كىمكى ئەسەبىيلىككە چاقىرىش ياكى ئەسەبىيلىككە ياردەم قىلىش يولىدا ئۆلىدىكەن، ئۇكاپىرلىق ئۆلۈمىدە ئۆلگەن بولىدۇ» دېگەن سۆزى ئىسلامدىن يېنىۋېلىپ، بۇرۇنقى جاھىلىيەت دەۋرىگە قايتماقچى بولغان ئەرەبلەرگە قارىتىلغان ئاگاھلاندۇرۇشتۇر. ئەمما مۇسۇلمان ياشلىرىنى زەھەرلەشنى پىلانلىغانلار بۇ ھەدىسنى تەتۈر چۈشەندۈرۈپ، ئۇنى ۋەتەنپەرۋەرلىككە ۋە مىللەتپەرۋەرلىككە قارىتىلغان دەپ جۆيلۈگەن. ئاندىن «ئىسلامدا قەۋمىيەتچىلىك يوق»، «ۋەتەن دەۋاسى قىلىش يوق» دېگەن شوئارنى ياڭراتقان ھالبۇكى، ئىسلام دىنىمىز ئىجابىي مىللەتچىلىكنى قوللايدۇ. شۇمۇ ئېنىقكى، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەقىقىي دىيانەتنىڭ ئىپادىسىدۇر.
 
يەنە ئىمام بۇ خارى ۋە مۇسلىم ئەبۇ مۇسا رەزىيەللاھۇدىن رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: «پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ‹بىرى ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ، يەنە بىرى ئەسەبىيلىك ئۈچۈن ئۇرۇشىدۇ، يەنە بىرى ئۆزىنىڭ باتۇر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىدۇ. بۇلارنىڭ قايسىسى ئاللاھ يولىدا بولغان ئۇرۇش بولىدۇ؟› دەپ سورالغىنىدا، ‹كىمكى ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇشىدىكەن، ئاشۇ ئاللاھ يولىدىكى ئۇرۇش بولىدۇ› دەپ جاۋاب بەرگەن». بۇ ھەدىسنى بۇرمىلىغانلار ھەدىستىكى «ئەسەبىيلىك» دېگەن سۆزنى «ۋەتەننى دەپ ئۇرۇش قىلىش»، «مىللەتچىلىك قىلىپ ئۇرۇشۇش» دەپ شەرھلەپ، مۇسۇلمان ياشلىرىنى ۋەتەن سۆيگۈسىدىن، ۋەتەن دەۋاسىدىن ۋاز كېچىدىغان ھالاتكە كەلتۈرۈپ قويدى. ھالبۇكى، ھەدىسلەردە كەلگەن «ئەسەبىيلىك» ئەرەبلەرنىڭ ئىسلامدىن بۇرۇنقى جاھىلىتىيەت دەۋرىگە قايتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان قىلمىشلىرىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ھەدىس ئۈستىدە تەپەككۇر قىلىدىغان بولساق، بۇ ھەدىستىكى «ئاللاھنىڭ دىنىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىش» دېگەن سۆز ۋەتەننى قوغداشنىڭ پەرزلىكىگە ئىشارەت قىلىدۇ. چۈنكى مۇستەقىل ۋەتەن بولغاندىلا ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلغىلى، ئاللاھ تائالا ئەمر-پەرمانلىرىنى ئورۇندىغىلى ۋە ئىسلام قانۇنىنى ئىجرا قىلغىلى بولىدۇ. بۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناھايىتى ياخشى چۈشىنەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بىر ئايلىق مۇاسىپىنى بېسىپ تەبۇك دېگەن جايغا بېرىپ، ئۇ جايدا ئىسلام دۆلىتىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن توپلانغان 40 مىڭدىن ئارتۇق رىم قوشۇنىغا ھەيۋە كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ئۇرۇشىسز يېڭىپ، مەدىنىگە غالىبلارچە قايتقانلىقى ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئەڭ يۇقىرىقى ئۈلگىسى ئىدى. چۈنكى شۇ چاغدا بىزىنتىيە ئېپىراتورلۇقى ئۆز قوشۇنلىرىنى ۋە رايوندىكى غەساسىنە ئەرەب قوشۇنلىرىنى توپلاپ مەدىنە ئىسلام دۆلىتىنى يىقىتىش ئۈچۈن ئۇرۇش تەييارلىقىغا چۈشكەن بولۇپ، بۇ خەۋەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا يەتكەندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرىيەنىڭ 9- يىلى (مىلادىيەنىڭ 630- يىلى) ياز كۈنلىرى ھاۋانىڭ قاتىق ئىسسىقلىقىغا، مۇساپىنىڭ ناھايىتى ئۇزاقلىقىغا قارىماي، 30 مىڭ كىشىلىك ئىسلام قوشۇنىنى باشلاپ تەبۇك رايونىغا بارغان. ئەگەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئۇرۇشقا چىقمىغان بولسا، ئۇلار مەدىنىگە ھۇجۇم قىلاتتى. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ بىردىنبىر ۋەتىنى بولغان مەدىنە قولدىن كېتەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدا بولغان بۇ ھوشيارلىقنىڭ ۋە ئۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يۈزدىن بىرى ھازىرقى مۇسۇلمانلاردا بپلغان بولسا ئىدى، ئىسلام دىيارى بۈگۈنكىدەك بەزىسى مۇستەملىكىدە، بەزىسى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بېقىندىلىقىدا قالمىغان بولاتتى. 16- ئەسىردىن كېيىنكى ۋاقىتلاردىن باشلاپ مۇسۇلمانلار ئىسلام دىيارىغا خىرىس قىلىۋاتقانلار بىلەن كارى بولمايدىغان، دۈشمەن بېسىپ كىرمىگۈچە ئورنىدىن قىمىرلىماي ئولتۇرۇشنى ئەۋزەل كۆرىدىغان بولۇپ قالغان. شۇ سەۋەبتىن ئىسلام دىيانىڭ ھەرقايسى جايلىرى مۇستەملىكىچىلەر تەرىپىدىن ئىشغال قىلىندى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدىكى ئۇرۇشلارنىڭ ھەربىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بولساق، بۇ ئۇرۇشلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىيارىنى قوغداش ئۈچۈن بولغانلىقىنى كۆرىمىز. چۈنكى ناۋادا سىزنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىڭىز بولمىسا، ئاللاھ تائالانىڭ دىنىنى قانداق قىلىپ ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلالايسىز؟
 
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە مۇنداق دېگەن: «ئۆزىنىڭ مال _ مۈلكىنى قوغداش يولىدا ئۆلگەن ئادەم شېھىتتۇر، ئۆزىنىڭ جېنىنى قوغداش يولىدا ئۆلگەن ئادەم شېھىتتۇر، ئۆزىنىڭ دىنىنى قپغداش يولىدا ئۆلگەن ئادەم شېھىتتۇر، ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنى قوغداش يولىدا ئۆلگەن ئادەم شېھىتتۇر». بۇ ھەدىسنى ئىمام ئەھمەد، ئەبۇداۋۇد ۋە تىرمىزى قاتارلىقلار رىۋايەت قىلغان، ئەللامە ئەلبانى «سەھىھ» دەپ باھالىغان. بۇ ھەدىسنى ئۆلىمالار مۇنداق شەرھلىگەن: «ئۆزىنىڭ مال_ مۈلكىنى ياكى ئائىلىسىنى ياكى دىنىنى قوغداش يولىدا ئۆلۈپ كەتكەن ئادەم ئاللاھ يولىدا شېھىت بولغانلار قاتارىغا كىرىدۇ ۋە ئاخىرەتتە شېھىتلارغا تەييارلانغان مۇكاپاتلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ». مەلۇمكى، مۇستەقىل ۋەتىنىڭىز بولمىسا، نە مال _ مۈلكىڭىزنى، نە ئائىلىڭىزدىكىلەرنى، نە دىنىڭىزنى قوغداپ قالالمايسىز. شەكسىزكى، جاننى، مال _ مۈلۈكنى، ئائىلىنى ۋە دىننى قوغداپ تۇرىدىغان بىردىنبىر قورغان ۋەتەندۇر. مۇستەقىل ۋەتىنىڭىز بولمىسا، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندا قىلغاندەك مال _ مۈلكىڭىزنى خالىغانچە تارتىۋالىدۇ، ئائىلە ئەزالىرىڭىزنى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىلەرگە تاشلايدۇ، ئۇلارنى خالىغانچە ئۆلتۈرۈپ تاشلاپ، جەسەتلەرنى يوشۇرۇن كۆمىدۇ ياكى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ، دىنىڭىزنى خارلايدۇ، ھەتتا پۈتۈنلەي چەكلەيدۇ. ئەمدى سىزگە ۋەتەندىن باشقا نېمە كېرەك؟ دېمەك، سىزنىڭ ئىنسانلىق سالاھىيىتىڭىز بىلەن ئەركىن ياشىشىڭىز ئۈچۈن ۋەتەن كېرەك. ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىن بەندىسى بولۇپ ياشىشىڭىز ئۈچۈنمۇ ۋەتەن كېرەك.
 
(ئۇستازنىڭ فېيسبۇك سەھىپىسىدىن ئېلىندى)