بىزنىڭ چىقىش يولىمىز— ئوقۇش، ئۆگىنىشتۇر

 
ئىلىم ياراتقۇچىنى بىلىشتىن باشلىنىدۇ. شەكسىزكى، ياراتقۇچىنى بىلىش ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش بىلەن بولىدۇ. شۇڭا دەيمىزكى، بىزنى ياراتقان ئۇلۇغ رەببىمىز ئاللاھ تائالانى بىلىش ئۈچۈن ئوقۇش ۋە ئۆگىنىش شەرت. چۈنكى ئوقۇماستىن بىلگىلى بولمايدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە ﴿فَاعْلَمْ أَنَّهُ لَا إِلَٰهَ إِلَّا اللَّهُ﴾ «ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوق ئىكەنلىكىنى بىلگىن» دەپ كەلگەن. يارىتىلىشنىڭ غايىسىمۇ ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇ كۆرسەتكەن بويىچە ياشاشتۇر. بۇنى ئىبادەت دەيمىز. ﴿وَمَا خَلَقْتُ الْجِنَّ وَالأِنْسَ إِلاَّ لِيَعْبُدُونِ﴾ «مەن جىنلارنى ۋە ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ ياراتتىم» دېگەن ئايەت بۇنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئايەتتىكى ئىبادەتتىن مەقسەت: ئاللاھ تائالاغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇ كۆرسەتكەن بويىچە ھايات كەچۈرۈشتۇر. بۇ ۋەزىپىنى ۋە بۇ غايىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئوقۇش، ئۆگىنىش شەرتتۇر. چۈنكى، ئۆگەنمەي تۇرۇپ، ئاللاھ تائالانى تونۇغىلى بولمايدۇ؛ ئۆگەنمەي تۇرۇپ، ئۇنى رازى قىلىشنىڭ يوللىرىنى بىلگىلى بولمايدۇ؛ ئۆگەنمەي تۇرۇپ ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن يول بويىچە ياشىغىلى بولمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاچقۇچى ئىلىمدۇر. قىسقىسى، ئىلىم ئاللاھ تائالاغا يېتىشنىڭ شوتىسى، جەننەتكە كىرىشنىڭ يولى، بەختلىك ھاياتنىڭ يولىنى يورۇتقۇچى مەشئەلدۇر.
 
دۇنيالىق ئۈچۈنمۇ ئىلىم كېرەك، ئاخىرەتلىك ئۈچۈنمۇ ئىلىم كېرەك، دۇنيالىق ۋە ئاخىرەتلىك ئىككىلىسى ئۈچۈنمۇ ئىلىم كېرەك. دېمەك ئىككىلى ئالەمدە بەخت-سائادەتلىك ۋە ھۇزۇرلۇق ھاياتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئىلىم كېرەك. مۇستەملىكىدىن، ئاسارەتتىن قۇتۇلۇپ، مۇستەقىل، ھۆر، ئازادە ياشاش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈنمۇ ئەلۋەتتە ئىلىم كېرەك. ئىلىم-پەن بىلەن قوراللىنىش ئارقىلىق كۈچلۈك بولغىلى بولىدۇ، كۈچلۈك بولغاندا ئۆز-ئۆزىمىزگە خوجا بولغىلى بولىدۇ. شۇڭا ئوقۇش، ئۆگىنىش بىز ئۈچۈن تاللاش ئەمەس، بەلكى پەرز ۋە قەرزدۇر.
 
شەكسىزكى، ئوقۇش، ئۆگىنىش ئىسلام دىنىنىڭ يادروسى ۋە ئەڭ ئالدىنقى چاقىرىقىدۇر. شۇڭا، «قۇرئان كەرىم»دىكى ئەڭ دەسلەپ چۈشكەن ئايەت، شۇنداقلا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كەلگەن تۇنجى ۋەھيى «ئوقۇ!» دېگەن بۇيرۇق بىلەن باشلانغان. ئەرەب تىلى گراماتىكىسىدا «پېئىلنىڭ مەفئۇلى (يەنى تولدۇرغۇچىسى) تىلغا ئېلىنمىسا، پېئىلنىڭ مەنىسى ئۆزىنىڭ ئومۇملىقىدا قالىدۇ» دەيدىغان قائىدە بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا «ئوقۇ!» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدا ئوقۇيدىغان بىر نەرسە يوق ئىدى. بۇنىڭغا ئاساسەن دەيمىزكى، ئاللاھ تائالانىڭ «ئوقۇ!» دېگەن بۇيرۇقى دىنىڭ ۋە دۇنيالىقىڭ ئۈچۈن مەنپەئەتلىك بولغان ھەر قانداق ئىلىمنى ئوقۇغىن، ئۆگەنگىن ۋە بىلگىن دېگەنلىكتۇر. ئاللاھ تائالانىڭ ﴿اقْرَأْ بِاسْمِ رَبِّكَ الَّذِي خَلَقَ﴾ يەنى «ياراتقان رەببىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇ!» دېگەن بۇ بۇيرۇقى ئىماننى غايە قىلغان ۋە ئاللاھ تائالانىڭ بارلىقى، بىرلىكى، چەكسىز قۇدرىتى ۋە گۈزەل سەنئەتلىرىنى بىلىپ ئىمان ئېيتىش بىلەن تاكامۇللىشىدىغان ئىلىمنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى، ئىمان بىلەن قوراللانمىغان ھەرقانداق ئىلىم بالايىئاپەت بولۇپ، ئىنساننى زوراۋانلىققا، ئاجىزلارنى ئېزىشكە، باشقىلارنىڭ ھېسابىغا چوڭىيىشقا ۋە نۇرغۇنلىغان يولسىزلىقلارغا ئېلىپ بارىدۇ. بۇنداق ئىلىم ئۆز يولىدا ئىشلىتىلمىگەن ۋە ئۆز غايىسىدىن چەتنىگەن ئىلىمدۇر. بىز ئاللاھ تائالانىڭ كىتابى بولغان «قۇرئان كەرىم»نى ئوقۇساقمۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىسلىرىنى ئوقۇساقمۇ، تەبىئىي پەن ئىلىملىرىنى ئوقۇساقمۇ، شۇنداقلا دىنىمىز ۋە دۇنيالىقىمىز ئۈچۈن مەنپەئەتلىك ھەرقانداق ئىلىمنى ئوقۇساقمۇ ئاللاھ تائالانىڭ «ئوقۇ!» دېگەن ئەمرىگە ئىتائەت قىلغان بولىمىز. لېكن، ئاللاھ تائالانىڭ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئوقۇش بىلەن باشقا ئىلىملەرنى ئوقۇش ئارىسىدا دەرىجە جەھەتتە پەرق بار. چۈنكى دىنىمىزنى بىلىش بارچە بىلىشلەرنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ ئىككى كىتابى بولۇپ، بىرى، «قۇرئان كەرىم»، يەنە بىرى، كائىناتتۇر. شۇڭا، بەزى ئۆلىمالار «كائىنات سۆزلىمەيدىغان قۇرئاندۇر، قۇرئان سۆزلەيدىغان كائىناتتۇر» دەيدۇ. «قۇرئان كەرىم» ئاللاھ تائالانىڭ «كالام» (سۆزلەش) سۈپىتىنىڭ ئەسىرى بولسا، كائىنات ئاللاھ تائالانىڭ سانىئ (سەنئەتكار) سۈپىتىنىڭ نامايەندىسىدۇر. دۇنيادىكى ھەر ساھە ئىلىم - پەن ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنى ۋە گۈزەل سەنئەتلىرىنى سۆزلەيدۇ. ئىلىم- پەن ئالىملىرى ۋە تەتقىقاتچىلار ئاللاھ تائالانىڭ «كائىنات» ناملىق كىتابىنى ئوقۇماقتا ۋە ئۇنى تەپسىر قىلماقتا.
 
ئاللاھ تائالا ئىلىم ئەھلىنىڭ دەرىجىسىنى ناھايىتى يۇقىرى باھالىغان. ﴿يَرْفَعِ اللَّهُ الَّذِينَ آَمَنُوا مِنْكُمْ وَالَّذِينَ أُوتُوا الْعِلْمَ دَرَجَاتٍ﴾ يەنى «ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلارنى ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ» . ئاللاھ تائالا ئىلىم ئەھلىنىڭ قەدرىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن: ﴿هَلْ يَسْتَوِي الَّذِينَ يَعْلَمُونَ وَالَّذِينَ لَا يَعْلَمُونَ﴾ يەنى «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟» دېگەن. بۇ ئايەت ئاللاھ تائالانىڭ نەزىرىدە ئىلىم ئەھلى بىلەن ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاسمان - زېمىن پەرق بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
 
ئىلىمنىڭ تۈرى ۋە دەرىجىسى
 
ئىسلام نەزىرىدە ئوقۇش، ئۆگىنىش پەرزدۇر. ئىسلامدا پەرز بولغان ئىلىم ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى پەرز ئەين، يەنە بىرى پەرز كۇپايەدۇر. پەر ئەين — ھەربىر ئادەم ئۆزى قىلمىسا ئادا تاپمايدىغان ئەمەل دېگەنلىكتۇر. مەسىلەن: ئىمان ئېيتىش، ئوقۇش، ئۆگىنىش، ناماز ئوقۇش، روزا تۇتۇش دېگەنگە ئوخشاش. پەرز كۇپايە — مەلۇم كىشىلەر قىلسا قىلمىغانلارنىڭ ئۈستىدىن ساقىت بولىدىغان ئەمەل دېگەنلىكتۇر. مەسىلەن: تەپسىر، ھەدىس، فىقھى، تارىخ، مېدىتسىنا، ئىقتىساد، سىياسەت، فىزىكا، بىيولوگىيە، ماتېماتىكا، جۇغراپىيە، بىناكارلىق قاتارلىق ئىلىم تۈرلىرىدە ئوقۇپ مۇتەخەسسىس بولۇش پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىگە پەرز بولۇپ، مۇسۇلمانلاردىن بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ئوقۇپ مۇتەخەسسىس بولۇشى بىلەن قالغانلىرىنىڭ ئۈستىدىن ساقىت بولىدۇ. ئۇلار ئاشۇ پەنلەردە ئوقۇپ مۇتەخەسسىس بولمىغانلىقى سەۋەبلىك گۇناھكار بولمايدۇ. بۇنىڭ تەپسىلاتى مۇنداق:
 
1. پەرز ئەين بولغان ئىلىم
 
پەرز ئەين بولغان ئىلىم — «لائىلە ئىللەللاھۇ مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللاھ» دېگەن كەلىمە تەييىبەنىڭ مەنىسىنى، ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرى ئۈستىدىكى ھەق- ھوقۇقلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئىسىم – سۈپەتلىرىنى ۋە ناماز، روزا، زاكات قاتارلىق ئىبادەتلەرنىڭ قائىدە-تەرتىپلىرىنى بىلىش؛ ئاتا- ئانىنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىشنىڭ، تۇغقانچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ، قوشنىلارنىڭ ھەق- ھوقۇقلىرىغا رىئايە قىلىشنىڭ، پۇل- مالنى ھالالدىن تېپىشنىڭ يوللىرىنى ئۆگىنىش قاتارلىقلاردۇر. بۇ ئىلىملەرنى ئۆگىنىش ھەربىر مۇسۇلمان ئادەمنىڭ ئۈستىگە پەرز ئەين. بۇلارنى بىلمىگەن ئادەم شەكسىز گۇناھكار بولىدۇ. چۈنكى، بۇ ئىلىملەر ھەربىر مۇسۇلماننىڭ بىلىشى زۆرۈر بولغان ئىلىملەردۇر. بۇنىڭدا بارلىق ئىسلام ئۆلىمالىرى بىردەك ئىتتىپاق.
 
ئۆز ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى بۇ ئىلىملەرنى بىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە زۆرۈرلۈكىنى ناھايىتى ئوبدان چۈشەنگەنلىكتىن، ئاللاھ تائالانىڭ كىتابىنى ئۆگىنىشكە، ئۇنىڭدىكى دىنىي مەسىلىلەرنى بىلىشكە ئىنتايىن ھېرىس ئىدى. ئۇلار ھەربىر ئون ئايەتنىڭ مەنىسىنى، ئۇنىڭدا بۇيرۇلغان مەسىلىلەرنى ئۆگەنمەي تۇرۇپ، باشقا ئايەتلەرنى ئۆگىنىشكە يۆتكەلمەيتتى.
 
2. پەرز كۇپايە بولغان ئىلىم
 
يۇقىرىدا ئېيتىلغان تەپسىر، ھەدىس، فىقھى، مىراس ئىلمى، تارىخ، ئىسلام تەربىيەسى قاتارلىق ئىسلامىي ئىلىم ساھەلىرىدە؛ شۇنداقلا مېدىتسىنا، ماتېماتىكا، فىزىكا، بىيولوگىيە، بىناكارلىق، ئىقتىساد، سىياسەت، تارىخ، جۇغراپىيە قاتارلىق ئىلىملەردە، شۇنداقلا دىن ۋە دۇنيالىق ئۈچۈن كېرەك بولغان ھەرقانداق ئىلىم-پەن ساھەسىدە ئوقۇپ مۇتەخەسسىس بولۇش ئومۇمىي مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستىگە پەرز كۇپايە بولۇپ، بەزى مۇسۇلمانلار بۇ ساھەلەردە ئوقۇسا، ئوقۇمىغانلىرىدىن بۇ پەرز ساقىت بولىدۇ. ئەگەر بىرەر رايوندىن، ھەتتا بىرەر رايون ۋە بىرەر مەھەللىدىن بۇ پەنلەرنى ئوقۇيدىغان ئادەملەر چىقمىسا، شۇ رايون ۋە شۇ مەھەللىدىكى مۇسۇلمانلاردىن بۇ ئىلىملەرنى ئوقۇشنىڭ پەرزلىكى ساقىت بولمايدۇ. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولىدۇ. ئەللامە ئەبۇ ھامىد ئەل غەززالىي مۇنداق دېگەن: «پەرز كۇپايە بولغان ئىلىمنىڭ بايانى شۇكى، ھەرقانداق ئىلىمنىڭ دەرىجىسى ئۆگەنمەكچى بولغان ئىلىمنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ پەرقلىنىدۇ. بۇنىڭغا بىنائەن، ئىلىم ئىككى تۈرلۈك بولۇپ، بىرى دىنىي ئىلىم، يەنە بىرى دىنىي بولمىغان ئىلىمدۇر. دىنىي ئىلىم دېگىنىمىز: پەيغەمبەرلەرگە ۋەھيى يولى بىلەن كەلگەن، ئەقىل يولى بىلەن بىلگىلى بولمايدىغان ئىلاھىي ئىلىملەرنى كۆرسىتىدۇ. دىنىي بولمىغان ئىلىملەر: تېبابەت ۋە ماتېماتىكىغا ئوخشاش ئىنسانلارنىڭ ھاياتىدا زۆرۈر بولغان ئىلىملەرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، كىشىلەر تەن ساقلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن تېبابەت ئىلمىگە، مۇئامىلە، مىراس تەقسىماتى دېگەندەك ئىشلار ئۈچۈن ماتېماتىكىغا موھتاج بولىدۇ. بۇنداق ئىلىملەرنى ھەربىر رايوندىن مەلۇم كىشىلەر ئۆگەنسە، باشقىلاردىن ئۆگىنىش پەرزى ساقىت بولىدۇ. بىزنىڭ ‹تېبابەت ۋە ماتېماتىكا ئىلمىنى ئۆگىنىش پەرز كۇپايەدۇر› دېگەن سۆزىمىزگە ئەجەبلىنىپ كەتمەڭ، بەلكى دېھقانچىلىق، ھىجامەت، سەيپۇڭلۇق قاتارلىق ئىلىم ۋە سانائەتلەرنى ئۆگىنىشمۇ پەرز كۇپايىدۇر» . بۇ ئالىم 10- ئەسىردە ياشىغانلىقتىن، شۇ دەۋرنىڭ سەۋىيەسى ۋە شۇ دەۋردىكى چەكلىك ئىلىم تۈرلىرى ئۈستىدىلا توختالغان.
 
سەئۇدى ئەرەبىستان پەتىۋا كومىتېتىنىڭ پەتىۋاسىدا مۇنداق دېيىلگەن: «بارلىق دىنىي ئىلىملەر ۋە بۇ ئىلىملەرنى ئۆگىنىشكە ياردەمچى بولىدىغان بارلىق ۋاسىتىلەر ﴿ئاللاھ سىلەردىن ئىمان ئېيتقانلارنى ۋە ئىلىم بېرىلگەنلەرنى بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ﴾ دېگەن ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا كىرىدۇ. يەنى دىنىي ئىلىم ئۆگەنگەن كىشىلەرنىڭ دەرىجىسى ئاللاھ تائالانىڭ دەرگاھىدا يۇقىرى بولىدۇ. شۇنىڭدەك، دىنىي ئىلىملەردىن بولمىسىمۇ، مۇسۇلمانلار موھتاج بولىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان مېدىتسىنا، يېزا ئىگىلىك، سانائەت قاتارلىق ئىلىملەرمۇ نىيەتنىڭ دۇرۇس بولۇشى شەرتى بىلەن ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا كىرىدۇ. نىيەتنىڭ دۇرۇس بولۇشىدىن بۇ ئىلىملەرنى مۇسۇلمانلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، مۇسۇلمانلارنى باشقىلارنىڭ پەن - تېخنىكىسىدىن بىھاجەت قىلىش ۋە ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ئۆگىنىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. دىنىي ئەمەس ئىلىملەرنىڭ ساۋاب جەھەتتىكى دەرىجىسى كىشىلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە ئۇلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلىش دەرىجىسىگە قاراپ پەرقلىنىدۇ» . بۇ پەتىۋا شۇنى ئوچۇقلايدۇكى، مەيلى دىنىي ئىلىملەر دەپ ئاتالغان تەپسىر، ھەدىس ۋە فىقھى قاتارلىق ئىلىملەرنى بولسۇن، مەيلى دۇنيالىق ئىلىملەر دەپ ئاتالغان ماتېماتىكا، مېدىتسىنا، فىزىكا، بىيولوگىيە، بىناكارلىق، يېزا ئىگىلىك قاتارلىق پەنلەرنى بولسۇن، ئىنسانىيەتكە، جۈملىدىن مۇسۇلمانلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە ئىش قىلىپ، ئۇنىڭغا قۇلچىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىش نىيىتىدە ئوقۇغان ئادەم ئاللاھ تائالا دەرىجىسىنى يۇقىرى قىلىدىغان ئالىملار قاتارىغا كىرىدۇ، دىنىي ئىلىم ئۆگەنگۈچىلەر قاتارىدا ئاللاھ تائالانىڭ كاتتا مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولىدۇ، «كىمكى ئىلىم ئۆگىنىش يولىغا كىرىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ جەننەتكە كىرىش يولىنى ئوڭايلاشتۇرۇپ بېرىدۇ» دېگەن ھەدىستىكى كىشىلەرنىڭ قاتارىغا كىرىدۇ. چۈنكى، مەيلى قانداق ئىلىم بولسا بولسۇن، ئاللاھ تائالانى رازى قىلىدىغان ۋە مۇسۇلمانلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئىلىملا بولىدىكەن، ئۇ دىنىي ئىلىمدۇر، ئاخىرەتلىك ئىلىمدۇر ۋە دىنىمىزدا پەرز بولغان ئىلىمدۇر. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كاتتا ئۆلىمالىرىدىن ئابدۇللاھ ئىبنى جىبرىن: «مۇسۇلمانلارغا مەنپەئەتلىك ئىلىملەرنى، خۇسۇسەن ئەسكىرىي ئىلىملەرنى ئۆگىنىش ھەممىدىن بەك زۆرۈردۇر ۋە مۇھىم پەرزدۇر» دېگەن. خۇددى ئىلگىرىكى مۇسۇلمانلار دىنىي ئىلىم بىلەن دۇنيالىق ئىلىمنى بىللە ئېلىپ بارغاندەك، ھەربىر مۇسۇلماننىڭ دىنىي ئىلىملەرنى ئۆگىنىش بىلەن بىرگە دۇنيالىق ئىلىملەرنىمۇ ئۆگىنىشى تولىمۇ زۆرۈر. دۇنيالىق ئىلىملەردە مۇتەخەسسىس بولۇش دىندا ئالىم بولۇشقا زىت كەلمەيدۇ، دىنىي ئىلىم بىلەن شۇغۇللىنىش باھانىسى بىلەن دۇنيالىق ئىلىملەردىن يۈز ئۆرۈشكە بولمايدۇ، شۇنىڭدەك دۇنيالىق ئىلىملەرگىلا بېرىلىپ كېتىپ دىنىي ئىلىملەرنى تەرك ئېتىشكە بولمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئى ئاللاھ! ئىشىمنىڭ تۈگۈنى بولغان دىنىمنى مەن ئۈچۈن ياخشىلاپ بەرگىن، تۇرمۇشۇمنىڭ كاپالىتى بولغان دۇنيالىقىمنى ياخشىلاپ بەرگىن» دېگەن دۇئاسى ھەققىدە تەپەككۇر قىلغان ئادەم دىن ۋە دۇنيالىق ھەر ئىككىسىنى تەلەپ قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى چۈشىنىدۇ.
 
ئاخىرەتلىك ئىلىم ۋە دۇنيالىق ئىلىم دەپ ئايرىشنىڭ خاتالىقى
 
مەن ئويلايمەنكى، ئىنسانىيەتكە مەنپەئەتلىك بولغان، ئاللاھ تائالانى رازى قىلىشقا خىزمەت قىلىدىغان ھەرقانداق ئىلىم دىنىي ئىلىم سانىلىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھايات كەچۈرۈپ، ئاللاھ تائالاغا قۇلچىلىق قىلىشقا ياردەم قىلىشنى ۋە ئىنسانلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى كۆزلەپ ئوقۇغان ھەرقانداق ئىلىم دىنىي ئىلىم ۋە جان بېقىشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋېلىش ياكى شۆھرەت قازىنىش ئۈچۈن ئوقۇغان ھەرقانداق ئىلىم دۇنيالىق ئىلىم سانىلىشقا تېگىشلىك. چۈنكى، بەزى كىشىلەر فىزىكا، بىيولوگىيە، ماتېماتىكا، مېدىتسىنا قاتارلىق دىن بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىلىملەرنى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ چەكسىز قۇدرىتىنى، ئىلىم- ھېكمىتىنى، «قۇرئان كەرىم»دىكى ھەقىقەتلەرنى بىلىپ ئىمانىنى كۈچەيتىدۇ ۋە باشقىلارنىمۇ دىنغا دەۋەت قىلالايدۇ. يەنە بەزى كىشىلەر تەپسىر، ھەدىس، فىقھى قاتارلىق ئاخىرەتلىك ئىلىملەرنى ئوقۇغان بولسىمۇ، ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقى كۆزلىمەستىن، باشقا مۇددىئالار بىلەن ئوقۇپ، ئوقۇغانلىرىنى شۇ مۇددىئالىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدۇ. مەسىلەن، بەزى كوممۇنىست دۆلەتلەر ئۆزى دىنغا ئىشەنمەي تۇرۇقلۇق، ئىسلام دۆلەتلىرىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرستېتلىرىگە ئوقۇغۇچى ئەۋەتىپ ئوقۇتىدۇ. ئاندىن ئۇلار ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇلارنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ. مۇنداق ئوقۇغانلار ئومۇمەن دۆلەتنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلغانلىقتىن، مۇسۇلمانلارغا كۆپ زىيانكەشلىك قىلىدۇ، ئىسلامنىڭ شەنىگە داغ تەگكۈزىدۇ. بەزى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ دىنىي ماقامدىكى جانباقارلىرىنىڭ قالايمىقان پەتىۋا چىقىرىۋاتقانلىقى، ھاكىمىيەتنى رازى قىلىش ئۈچۈن دىننى بورمىلاپ بېرىۋاتقانلىقى بۇنىڭ مىسالى.
 
ئىسلامنىڭ ئۈلگىلىك دەۋرلىرىدە ياشىغان مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئىنسانىيەتكە، خۇسۇسەن مۇسۇلمانلارغا مەنپەئەتلىك بولغان بارلىق ئىلىملەر مۇھىم ئىدى، ھەممىسىگە كۆڭۈل بۆلەتتى. ئۇلار تەپسىر، ھەدىس، فىقھى قاتارلىق ئىلىملەرگە كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بىرگە تېبابەت، ماتېماتىكا، بىيولوگىيە قاتارلىق ئىلىملەرگىمۇ كۆڭۈل بۆلەتتى، ئىبادەتكە كۆڭۈل بۆلۈش بىلەن بىرگە ئىجادىيەتكىمۇ كۆڭۈل بۆلەتتى. ئۇلار ئىنسانىيەتكە پايدىلىق ئىلىم - پەن بىلەن شۇغۇللىنىشنى نەپلە (ئىختىيارى) ئىبادەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشتىن ئەۋزەل كۆرەتتى. چۈنكى، كىشىلىك ئىبادەتلەرنىڭ پايدىسى شۇ ئىبادەتلەرنى قىلغان كىشىگىلا بولسا، ئىلىم - پەننىڭ پايدىسى بارلىق ئىنسانلارغا بولىدۇ. ياۋروپانىڭ قاراڭغۇلۇق ئەسىرلىرىدە ئىلىم-پەن سايىسىدا ئۆزلىرىنىڭ ئىلمىي يەكۈنلىرىنى ئېلان قىلغان بەزى ئالىملار چېركاۋ زوراۋانلىرى تەرىپىدىن تەھدىتلەرگە ئۇچرىغان چاغلادا، ئىسلام دۇنياسىدا ئىبنى رۇشد، خارەزمىي، ئىبنى ھەيسەم، فارابىي، ئىبنى سىنا قاتارلىق ئالىملارنىڭ ھەربىرى مېدىتسىنا، جۇغراپىيە، خېمىيە، ماتېماتىكا، بىيولوگىيە، ئاسترونومىيە قاتارلىق ئىلىم – پەنلەرگە تۇنجى ئۇل سالغان كىشىلەر بولۇپ تارىخقا قەيت قىلىنغان ئىدى.
 
كۆپلىگەن پەيلاسوپلار ۋە تەبىئىي پەن ئالىملىرى «ئىلىم ئاللاھقا باشلايدۇ» دېگەن ھەقىقەتنى بىردەك سۆزلىمەكتە. چۈنكى ياراتقۇچىنى تونۇش ۋە كائىناتنى بىلىش پەقەت ئىلىم سايىسىدىلا ئەمەلگە ئاشىدۇ. 19- ئەسىردە ئۆتكەن ئەنگىلىيىلىك مەشھۇر پەيلاسوپ ھېربېرت سپېنسر Herbert Spencer«تەربىيە» ناملىق ئەسىرىدە مۇنداق دەپ يازغان ئىكەن: «ئىلىم خۇراپات بىلەن زىتلىشىدۇ، ئەمما دىننىڭ ئەسلىسى بىلەن زىتلاشمايدۇ. كۆپلىگەن يۈزەكى تەبىئىي پەن ئىلىملىرىدە دىنسىزلىق روھى باردۇر. ئەمما يۈزەكىلىكتىن يۈكسىلىپ، ھەقىقىي مەنىدىكى ئىلىم سەۋىيىسىگە كۈتۈرۈلگەن ئىلىم مۇنداق دىنسىزلىق روھىدىن يىراقتۇر، ئەلۋەتتە. تەبىئىي پەن ئىلىملىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىبادەتتۇر. چۈنكى تەبىئىي پەن ئىلىملىرىگە ئىچكىرىلەپ كىرىش بىز سىرلىرىغا يېتىپ بولالماي دەرتلىنىۋاتقان ۋە ئاستا ـ ئاستا بىلىۋاتقان شەيئىلەرنىڭ ئېسىللىكىنى ئېتىراپ قىلىش، ئاندىن ئۇلارنى ياراتقان زاتنىڭ چەكسىز قۇدرىتىنى تونۇش دېمەكتۇر. بۇ ئاغزاكى تەسبىھ (ئاللاھنى مەدھىيىلەش) ئەمەس، ئەمەلىي تەسبىھتۇر. مۇنداق ئىلىملەرگە قىلىنىدىغان ھۆرمەتمۇ مەنىسىز ھۆرمەت ئەمەس، بەلكى ئەقىل، تەپەككۇر ۋە ۋاقىتنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە كەلگەن قىممەتلىك ھۆرمەتتۇر. بۇنداق ئىلىم كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ قانداق شەكىل ۋە قانداق كەيپىياتتا ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈشتە ئىستىبداتلىق يولىنى تۇتمايدۇ، لېكىن بىزگە بۇ مۇمكىن ئەمەسلىكنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن مۇناسىپ يولنى تۇتىدۇ ۋە ئىنساننى ئەقلى يېتىدىغان بارلىق ساھەلەرگە باشلاپ بېرىپ، ئاخىرىدا ئەقىلنىڭ سىرتىدا بولغان چېگرادا توختايدۇ. شۇ ۋاقىتتا دەيدۇكى، ئىنساننىڭ ئەقلى شۇنچىلىك يەرگىچە يېتىدۇ، ئەمما ئەقىل ئىدراك قىلالمايدىغان ئالەملەر كۆپ!» .
 
ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە: «بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟» دەيدۇ. ھېربېرت سپېنسر خۇددى بۇ ئايەتنى شەرھىلىگەندەك مۇنداق دېگەن: «بىر تامچە سۇنى كۆرگەن ئالىم ئۇنىڭ ئوكسگېن بىلەن ھىدروگېندىن مەلۇم نىسبەتتە تەركىب تاپقان سۇ ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ئۇ ئۆزىنىڭ شۇ نورماللىقىدىن ئۆزگىرىپلا كەتكەندە، سۇ ئەمەس، باشقا نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى ئۇبدان بىلىدۇ. بۇنىڭدىن ئاللاھ تائالانىڭ قۇدرىتىنى ۋە ھېكمەت بىلەن شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. مۇنداق ئالىمنىڭ ئىلمى سۇ تامچىسىنى پەقەت بىر تامچە سۇ خالاس، دەپ بىلىدىغان ئالىمنىڭ ئىلمىدىن ئەلۋەتتە يۇقىرى ۋە كۈچلۈك ئىلىمدۇر. شۇنىڭدەك، بىرتال قار دانىسىنى كۆرگەن ئالىممۇ ئۇنىڭدىكى بەدىئىي سەنئەتنى، دىققەت بىلەن لايىھىلەنگەن گۈزەللىكنى كۆرىدۇ. شۈبھىسىزكى، بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ ماھارىتىنى ۋە ھېكمەتلىك ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئەمما شەيئىلەرگە يۈزەكى باقىدىغان ئالىم قار دانىسىنى ‹مۇزلىغان سۇ› دەپلا كۆرىدۇ، بەس» .
 
بىزنىڭ مەغلۇبىيىتىمىز
 
ئەپسۇسكى، ئون ئالتىنچى يۈز يىلدىن كېيىن مۇسۇلمانلار ئەقىدە ۋە ئەخلاق جەھەتتىن چېرىكلىشىشكە باشلىۋىدى، تۈرلۈك خۇراپاتلار، يوقسۇللۇق ۋە موھتاجلىق ئۇلارنى قورشىۋالدى. ئۇلار مەسجىدتىن يۈز ئۆرۈپ خانىقاغا يۈزلىنىدىغان؛ ئىبادەتنى ئاللاھ تائالاغا قىلماي، ئاتالمىش ئەۋلىيالارغا قىلىدىغان؛ تەپسىر، ھەدىس، تارىخ، ئىلىملىرىنى ئوقۇشنىڭ ئورنىغا تەرىقەتچىلىك، تەركىدۇنيالىق دېگەندەك ئاساسلىق مەقسەتتىن يىراقلاشتۇرىدىغان نەرسىلەرنى ئوقۇشنى ۋە شۇلار بىلەن شۇغۇللىنىشنى ئەۋزەل كۆرگەندىن كېيىن؛ ئۆزلىرىنىڭ خەلقئارادىكى يۈكسەك ئورنىنى، ئىلىم-پەندىكى تەرەققىيات دەۋرىنى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ھەر تەرەپتىن يوقسۇل بىچارىلەرگە ئايلىنىپ قالدى. ئۇلار تەركىدۇنيالىق تەرغىباتىنىڭ زەھىرى بىلەن ھوشسىزلانغاندىن كېيىن ئىلىم- پەندىكى تەرەققىيات دەۋرى باشقىلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. مەلۇمكى ئىسلام دىنىمىز زاھىدلىققا تەرغىب قىلىدۇ، ئەمما تەركىدۇنيالىقنى قەتئىي چەكلەيدۇ. چۈنكى تەركىدۇنيالىق دىنىمىزنىڭ پىرىنسىغا ۋە ئىنسان تەبىئىتىگە زىت كېلىدىغان بىر ئىشتۇر. زاھىدلىق بىلەن تەركىدۇنيالىق ئوتتۇرىسىدا چوڭ پەرق بار. چۈنكى زاھىدلىق — دىندا چەكلەنگەن ئىشلارغا يېقىنلىشىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىپ، شۈبھىلىك نەرسىلەردىن تامامەن يىراق تۇرۇش دېگەنلىك بولسا، تەركىدۇنيالىق — دۇنيانىڭ مەنپەئەتلىرىدىن پۈتۈنلەي يۈز ئۆرۈش دېگەنلىكتۇر.
 
مۇسۇلمانلار شۇنىڭ بىلەن ئىسلامنىڭ قۇرۇق جازىسىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، تېشى پارلاق، ئىچى قۇرۇق ئۆمۈر ئۆتكۈزدى. بۇرۇن ئىبنى سىنا، فارابىيلارنى يېتىشتۈرگەن مەدرىسەلەر كېيىنچە، قارا قورساقلارنى، جانباقارلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا باشلىدى. مەدرىسەلەردە ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە دېگەندەك ئىلىملەرنى ئوقۇتۇش مەقسەتلىك ھالدا دەھرىيلىك دەپ تەشۋىق قىلىندى، ئىلىم- پەنگە يۈزلەنگەنلەر «جەدىدچى» دەپ قالپاق كىيگۈزۈلۈپ، ئەل جامائەتنىڭ كۆزىگە سەت كۆرسىتىلدى. ھەتتا، ئۇلۇغبەگدەك ئالىملارمۇ ئاسترونومىيە ئىلمىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ئۆزىگە رەسەتخانا ياساتقانلىقى ئۈچۈن، «مۇرتەد» دەپ ھۆكۈم قىلىنىپ، ئۆز ئوغلىنىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرۈلدى. ئابدۇلقادىر داموللام بولسا، «جەدىدچى» دېگەن قالپاق كىيگۈزۈلۈپ بىر خائىننىڭ قولى بىلەن ئۆلتۈرۈلدى. دىن بىلەن پەن بىر - بىرىگە زىت قىلىپ كۆرسىتىلگەن مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە، دىنىي ئىلىم ۋە دۇنيالىق ئىلىم دېگەن ئايرىمچىلىق رەسمىي ئوتتۇرىغا چىقتى. دىندا ئوقۇغانلار «ئۆلىما» ئاتالدى. ئۇلارنى مەسخىرە قىلماقچى بولسا، «موللام» دەپ قويىدىغان بولدى، پەندە ئوقۇغانلار «زىيالىي» ئاتالدى. ئۆلىما بىلەن زىيالىي ئوتتۇرىسىغا ناھايىتى قېلىن سېپىللار سېلىندى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇساپە بەكمۇ يىراقلاشتۇرۇۋېتىلدى.
 
ئىلىم - پەن بىلەن قوراللانغانلار دۇنياغا ھۆكۈمران بولدى. ئىلىم - پەندىن يۈز ئۆرۈپ تەركىدۇنيا بولۇۋالغانلار دۇنيانىڭ قايسى يېرىدە بولسۇن، باشقىلارغا بېقىندى بولۇپ مەھكۇملۇقتا ياشايدىغان بولدى. دۇنيا رىقابەت دۇنياسى بولۇپ، دۇنيادا ئۆزىگە ئۆزى خوجايىن بولۇپ ياشاش ئۈچۈن رىقابەتتىن قاچماي، دۇنيا بىلەن پۈتۈنلىشىپ ياشاش شەرتتۇر. ئاللاھ تائالا بىزنى شۇنداق ياشىسۇن دەپ زامانغا لايىق ھەربى كۈچ تەييارلاشقا، زاماننىڭ رىقابىتىگە شۇنداق ھازىر بولۇشقا ئەمر قىلىپ مۇنداق دېگەن: ﴿وَأَعِدُّوا لَهُمْ مَا اسْتَطَعْتُمْ مِنْ قُوَّةٍ وَمِنْ رِبَاطِ الْخَيْلِ تُرْهِبُونَ بِهِ عَدُوَّ اللَّهِ وَعَدُوَّكُمْ وَآَخَرِينَ مِنْ دُونِهِمْ﴾ يەنى «دۈشمىنىڭلارغا قارشى قولۇڭلاردىن كېلىشىچە كۈچ ۋە جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار. بۇنىڭ بىلەن ئاللاھنىڭ دۈشمىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىنى ۋە ئۇلاردىن باشقا دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر» . بىز «قۇرئان كەرىم»نىڭ بىزنى بۇ دۇنيادا ئۆزىمىزگە ئۆزىمىز خوجا بولۇپ ئەركىن، ھۆر ياشاشقا؛ ئاخىرەتتە ئاللاھ تائالانىڭ مۇكاپاتىغا نائىل بولۇشقا چاقىرغانلىقىنى ئۇزۇن يىللىق ئاچچىق ساۋاقلارنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئەمدىلا تونۇپ يەتكەن بولساق؛ باشقىلار خېلى بۇرۇنلا بۇ قانۇنىيەتنى چۈشىنىپ، ئىلىم - پەنگە يۈرۈش قىلغان ئىدى. ئايەتتىكى «كۈچ» ئىلىم كۈچى، قورال كۈچى، ئادەم كۈچى، پەن-تېخنىكا كۈچى، ئىقتىساد كۈچى، تەشۋىقات كۈچى قاتارلىق بارلىق كۈچلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «دۈشمەنلەرنى قورقۇتۇش» دېگەننىڭ مەنىسى سىلەرنى يوقاتماقچى، مۇستەملىكە قىلماقچى، بوزەك قىلماقچى بولغانلارغا قارشى كۈچلۈك بولۇڭلار؛ ئۇلارنى ۋەھىمىگە سالغۇدەك كۈچ - قۇدرەتكە ئىگە بولۇڭلار؛ زاماننىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىپ ھالدا كۈچكە ئىگە بولۇپ، دۈشمىنىڭلارنى سىلەرگە خىرىس قىلىشتىن ئۈمىدسىزلەندۈرۈڭلار دېگەنلىكتۇر. بىز شۇنداق قىلالىدۇقمۇ؟ ياق، ئۇنداق قىلالمىدۇق. چۈنكى، ئاللاھ تائالا بىزنى «ئى رەببىمىز! بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن﴾ دەپ تىلەڭلار دېيىش ئارقىلىق ھەم دۇنيالىق ھەم ئاخىرەتلىك ئۈچۈن ئىشلەشكە دەۋەت قىلغان تۇرسا، دۇنيالىقنى باشقىلارغا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ئاخىرەتلىككىلا تۇرىدىغان بولدۇق. ئاندىن بۇ ئاخىرەتلىكنىمۇ ئۆز جايىدىن ئەمەس، خانىقالاردىن، مازارلاردىن ۋە تەركىدۇنيالىقتىن ئىزدىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىز مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالدۇق. بىز يەنىلا ئوقۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق كۈچلىنىش بىلەن چوقۇم تەقدىرىمىزنى ئۆزگەرتەلەيمىز.
 
بىزنىڭ ئۆلىما ۋە زىيالىيلىرىمىز
 
ئۆلىمالىرىمىز بىلەن زىيالىيلىرىمىز بىزنىڭ نۇرلۇق چىراغلىرىمىز بولۇپ، ئۇلار بىزنىڭ يولىمىزنى يورۇتىدۇ ۋە بىزنى قۇتۇلۇش يولىغا يېتەكلەيدۇ. ئۇلارنىڭ شۇنداق قىلالىشى ئۈچۈن ئۆزلىرىنى ھەر تەرەپتىن يېتىشتۈرۈشى شەرت. چۈنكى ئىلىم كەسپىي ئىلىم ۋە ئۇنىۋېرسال ئىلىم دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. كەسپىي ئىلىم ھەربىر ئۆلىما، ھەربىر زىيالى مۇتەخەسسىس بولغان ساھەنى كۆرسىتىدۇ. ئۆلىمالىرىمىز بىلەن زىيالىيلىرىمىز ئۆز كەسپىدىن باشقا ئىلىم ساھەلىرىدىمۇ يېتىشىپ خەلقنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقىشى زۆرۈر. شۇڭا ئۆلىمالارنىڭ پەننىي ساھەلەردىنمۇ خەۋەردار بولۇشى، زىيالىيلارنىڭمۇ دىنىمىزنى ئوبدان ئۆگىنىپ، دىنىي مەسىلىلەردىن خەۋەردار بولۇشى لازىم. چۈنكى ئاھالىسى پۈتۈنلەي مۇسۇلمان بىر مىللەتنىڭ زىيالىيسى ئۆز مىللىتىنىڭ دىنىنى، ئەخلاقىنى ۋە قائىدە-يوسۇنلىرىنى پىششىق بىلىشى، خەلقىنى ئۇلارنىڭ ئاشۇ ئېتىقادى، ئاشۇ ئەخلاقى ۋە ئاشۇ قائىدە-يوسۇنلىرى بىلەن قوشۇپ سۆيۈشى لازىم.
 
ھازىر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پىداكار ئۆلىمالىرى بىلەن پىداكار زىيالىيلىرى ئاللاھنىڭ بۇ مىللەتكە ئاتا قىلغان نېمىتىدۇر. چۈنكى ئۇلار ۋەتەنسىزلىكنىڭ دەردىنى تارتقان، ۋەتەننىڭ قىممىتىنى بىلگەن ۋە ئۇنى جېنىدىنمۇ بەك سۆيگەن كىشىلەردۇر. بىز بۇنىڭدىن كېيىن قانچىلىك ۋەتەنپەرۋەر پەرزەنت يېتىشتۈرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ مۇشۇ كىشىلەردەك بولالمايدىغانلىقى ئېنىق. شۇڭا بىز مەۋجۇت ئۆلىمالىرىمىز بىلەن مەۋجۇت زىيالىيلىرىمىزنىڭ قىممىتىنى بىلىشىمىز ۋە ئۇلارنى قەدىرلىشىمىز كېرەك، ئۇلارنىڭمۇ ئۆزلىرىنىڭ خەلقى ۋە ۋەتىنى ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى زۆرۈر.
بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز
 
پەرزەنتلىمىز بىزنىڭ ئەڭ كاتتا بايلىقىمىز، زور كۈچىمىز ۋە كېلەچىكىمىزنى قۇرۇپ چىقىشىمىز ئۈچۈن بىردىنبىر سەرمايىمىزدۇر. بىز ئاللاھنى سۆيىدىغان، ۋەتەننى سۆيىدىغان، ئۇنىڭ دەۋاسىغا ئۆزىنى ئاتايدىغان، پىداكار ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرۈشكە موھتاج. بۇ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ۋە مىللەت ئالدىدىكى ئەڭ ئاساسلىق بۇرچى ۋە يۈكسەك جاۋابكارلىقىدۇر. شۇڭا پەرزەنتلىرىمىزگە دىنىمىزنى ئۆگىتىش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر تىلىنى، تارىخىمىزنى، مىللىي ئەنئەنىلىرىمىزنى ئۆگىتىش، ۋەتەننى سۆيدۈرۈش، ۋەتەن دەۋاسىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى بىلدۈرۈش زۆرۈر. يەھۇدىيلارنىڭ ئۈچ مىڭ يىللىق چېچىلاڭغۇلۇق ۋە سەرسانلىقتىن كېيىن ئىلىم-پەنگە تايىنىپ كۈچلەنگەنلىكى ۋە ئاخىرى ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇپ غايىسىگە يەتكەنلىكى بىزگە مەلۇم جەھەتتىن ئۈلگە بولالايدۇ. ھازىرمۇ دۇنيانى ئىدارە قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئاساسلىق كۈچىنى ئىلىم-پەندىن ئالغانلىقى ھېچكىمگە مەخپىي ئەمەس.
 
ئەگەر بىز قەد كۆتۈرمەكچى بولساق، باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش ھۆر، ئازاد ياشىماقچى بولساق، چوقۇم دىنىمىزنى توغرا چۈشىنىش بىلەن بىللە ئىلىم پەنگە يۈرۈش قىلىشىمىز، پەرزەنتلىرىمىزنى ھەم دىندا ھەم پەندە ئوقۇتۇپ، ئاللاھنى، ۋەتەننى سۆيىدىغان، ئۆز-ئۆزىگە خوجايىن بولۇپ ياشايدىغان، ۋەتىنىگە، خەلقىگە مەنپەئەت يەتكۈزەلەيدىغان قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشقا موھتاجمىز. ئەگەر بىز بۇنى قىلالمىساق ۋەتىنىمىز ۋە كېلەچەك ئەۋلادلىرىمىز ئالدىدا قارا يۈز بولۇشتىن مەڭگۈ قۇتۇلالمايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز يۇقىرىقىلانى ئورۇنداش بىلەن بىرگە مەيلى قايسى دۆلەتتە بولايلى پەرزەنتلىرىمىزنى ئاشۇ دۆلەتتىكى ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىدە ئوقۇتۇشىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ھەربىرى ئۆزلىرى تاللىغان ئىلىم ساھەدە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىشى ئۈچۈن، ۋاقتىمىزنى، ئىقتىسادىمىزنى ۋە قىممەتلىك ھەر نەرسىمىزنى ئاتىشىمىز بىزدىن تەلەپ قىلىنىۋاتقان ئەڭ ئەقەللىي تەلەپتۇر.
 
(ئۇستازنىڭ فېسبۇك ھېسابىدىن كۆچۈرۈپ ئېلىندى)
 
2024-يىلى 29-فېۋرال