شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى مالايسىيادا پائالىيەتلەردە بولدى

مەزكىزى ئىستانبۇلغا بولغان خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، باش كاتىپى ئابدۇرېشىت ئەمىنھاجىدىن تەشكىللەنگەن بىر ھەيئەت مالايسىيادا زىيارەتتە بولۇۋاتقان بولۇپ، 28-فېۋرال مالايشىيا ئالىي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى مۇستاپا ساكمۇد ۋە كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ھاسبىيە مودانى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ھەيئەت زىيارەت جەريانىدا مىنىستىر بىلەن مالايسىيا ئالى مەكتەپلىرىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. شۇنداقلا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قارشى ئىجرا قىلىۋاتقان جازا لاگېرى ۋە تۈرمىلەرگە سولاپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈش جىنايىتىنى مالايشىيادا كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش مەسىلىلىرى، شۇنداقلا مالايسىيا پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى 28-فېۋرال يەنە مالايسىيا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ رەئىسى داتو ئەھمەد ئەززام، مالايسىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتىنىڭ (ABİM) رەئىسى فەھرى شەمسۇددىن قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن.

ھەيئەت سۆھبەت جەريانىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، مالايشىيادا شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

مالايسىيادا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇلدى

ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى تەييارلىغان «چېگرا ھالقىغان ئاياللار قېرىنداشلىقى: شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاياللار ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش» سەرلەۋھەلىك دوكلاتنىڭ مالايچە نۇسخىسى 1-مارت مالايسىيادا تونۇشتۇرۇلدى.

خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى، مالايشىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى (ABİM)، راجا تۇن ئۇدا كۇتۇپخانىسى، ئابىم نەشرىياتى، سېلانگور دۆلەت كۇتۇپخانىسى قاتارلىق تەشكىلات ۋە ئورۇنلارنىڭ قوللىشى ۋە ھەمكارلىقى بىلەن، سېلانگور دۆلەتلىك كۇتۇپخانىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى تەييارلىغان «چېگرا ھالقىغان ئاياللار قېرىنداشلىقى: شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاياللار ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش» سەرلەۋھەلىك دوكلاتىنىڭ مالايچە نۇسخىسى تونۇشتۇرۇلدى.

يىغىنغا مالايسىيادىكى بىر قىسىم ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، ئاكادېمىكلار، ژۇرنالىستلار ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، خۇسۇسەن قىز-ئاياللار باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ئېچىنىشلىق پاجىئەلەر، دەپسەندىچىلىكلەر تونۇشتۇرۇلدى.

malaysiawomen

تەشكىلاتلار بىرلىكى ھەيئىتى 2-مارت يەنە مالايشىيا ئىسلامىي تەشكىلاتلار شۇرا كېڭىشى رەئىسى جىگۇ ئەزمىنى زىيارەت قىلدى. زىيارەت جەريانىدا جىگۇ ئەزمى ئەپەندى بىلەن يېقىنقى كۈنلەردە مالايشىيادا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىدىغان خەلقئارالىق شەرقىي تۈركىستان سۆھبەت يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى مۇزاكىرە قىلدى.