قازاقىستان دۆلەت بويىچە ۋاقت رايونىنى بىرلىككە كەلتۈردى

قازاقىستاندا 2024-يىلى 1-مارتتىن باشلاپ بىرلا ۋاقت رايونى قوللىنىلىدۇ. ئۈچ بىۋاستە قاراشلىق شەھەر ۋە 12 ئوبلاستنىڭ ۋاقتى بىر سائەت كەينىگە قايتۇرۇلۇپ، UTC + 6 دىن UTC + 5 ۋاقىت رايونىغا تەڭشەلدى. 

ئىگىلىنىشىچە، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ۋاقىت ھېسابلاش تەرتىپى توغرىسىدىكى قارارىدىن كېيىن، 1-مارت جۈمە كۈنى يېرىم كېچىدىن باشلاپ دۆلەت بويىچە بىرلا ۋاقىت رايونىغا ئۆزگەرتىلگەن. قازاقىستاننىڭ ئۆلچەملىك ۋاقتى بىر سائەت كەينىگە قايتۇرۇلغان. شۇنداق بولغاندا دۆلەت بويىچە بىرلا ۋاقت رايونى بولىدۇ. 

قازاقىستاندا ھازىرغا قەدەر ئىككى ۋاقت رايونى ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، پايتەخت ئاستانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقى قىسىمدىكى كۆپ سانلىق شەھەر ۋە ئوبلاستلارنىڭ ۋاقتى ماس قەدەملىك دۇنياۋىي سائەت(UTC)تىن 6 سائەت بۇرۇن يەنى ئۈرۈمچى ۋاقتى بىلەن ئوخشاش، غەربىي قىسىمدىكى بەش ئوبلاستنىڭ ۋاقتى ماس قەدەملىك دۇنياۋىي سائەتتىن 5 سائەت بۇرۇن ئىدى. ھازىر بىرلىككە كەلتۈرگەن سائەت بىلەن، قازاقىستاننىڭ ۋاقتى ئۈرۈمچى ۋاقتىدىن بىر سائەت كېيىن بولىدۇ. 

قازاقىستان ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكى، ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، مۇقىم ۋاقىت رايونىنى كۈندۈزلۈك ۋاقىتقا يېقىن ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇڭلاشقا، ئىجتىمائىي پائالىيەتچىلەر، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە مۇتەخەسسىسلەر ۋاقىت رايونى مەسىلىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇزۇن مۇددەتلىك كەسپىي مۇزاكىرىلەردىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر بىردەك ئەڭ توغرا ۋە ئەڭ ياخشى تاللاشنىڭ UTC + 5 كە كۆچۈش ئىكەنلىكىنى تەۋسىيە قىلغان. مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭ ۋاقىت چەكلىمىسىنى چىقىرىپ تاشلاپ، قاتناش ۋە باشقا ئالاقىنى ماسلاشتۇرۇشنى ياخشىلاپ، كارخانا، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە جىددى قۇتقۇزۇش ئورگانلىرى ئارىسىدىكى ماسلىشىشقا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا يېقىنقى يېرىم ئەسىردە بىر نەچچە قېتىم سائەت ئۆزگەرتىش بولغان. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ بېيجىڭ ۋاقتىدىن (UTC + 8) ئىككى سائەت كېيىن بولغان ئۈرۈمچى ۋاقتى (UTC + 6) قوللىنىلىپ كەلگەن. لېكىن يېقىنقى يىللاردا، خىتاي تەدرىجىي ھالدا بېيجىڭ ۋاقتىنى ئومۇملاشتۇردى.  

Казахстан с 1 марта перейдёт на единый часовой пояс / Хабр

2024-يىلى 2-مارت