دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يېڭى ئىشخانىسى ۋە «ئۇيغۇر ئۆيى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى

باش شىتابى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە جايلاشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يېڭى ئىشخانىسى ۋە «ئۇيغۇر ئۆيى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى.

ئىگىلىنىشىچە، 3-مارت گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشتىراكىدا «ئۇيغۇر ئۆيى» ۋە د ئۇ ق ئىشخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىم قۇرئان تىلاۋىتى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلاندى. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى. د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، د ئۇ ق 2004-يىلى 4-ئايدا قۇرۇلغاندىن بۇيان ميۇنخېن شەھەر مەركىزىدىكى ئىجارىگە ئېلىنغان ئىشخانىلاردا خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، 2023-يىلى 10-ئايدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خالىس ئىئانىلىرى بىلەن 1 مىليون ياۋروغا بىر يۈرۈش ئۆينى سېتىۋالغان. يەنە 200 مىڭ ياۋروغا يېقىن چىقىم بىلەن بۇ ئۆيلەرنىڭ قۇرۇلۇشلىرى 2024-يىلى 3-ئايدا تاماملىنىپ، د ئۇ ق ئىجارە ئۆيدىن ئۆزلىرىگە مەنسۇپ بولغان يېڭى ئىشخانىلىرىغا كۆچۈپ چىققان. 4 ئېغىزلىق ئىشخانىسى، پائالىيەت زالى، مەسچىتى، ئاشخانىسى بولغان بۇ يېڭى تۇرالغۇغا «ئۇيغۇر ئۆيى» دەپ نام بەرگەن.

ghv7k1txsaanaxu

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نەق مەيداندىن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، مەزكۇر «ئۇيغۇر ئۆيى» نىڭ بۇندىن كېيىنكى سىياسىي دەۋانىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسىلەر قاتىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ۋە باشقا مىللەتلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ئىتى تونۇتۇشنىڭ ياخشى بىر مۇنبىرى بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، د ئۇ ق نىڭ قۇرۇلۇپ 20 يىلدىن كېيىن ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان بىر ئىشخانىسىنىڭ بەرپا بولۇشىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسى تارىخىدىكى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ھادىسە بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى. د ئۇ ق فوندىنىڭ رەئىسى ئابدۇجېلىل ئەمەت ئەپەندى، «ئۇيغۇر ئۆيى» نىڭ ياسىلىشى ۋە بېزەك ئىشلىرىغا كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئايلارچە خالىس ئەجىرلەر سەرپ قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مۇراسىم داۋامىدا د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئۇيغۇر ئۆيىنىڭ قۇرۇلۇشىغا خالىس ئىئانە قىلغان ھەم كۈچ چىقارغان بارلىق كىشىلەرگە گۇۋاھنامە ۋە مۇكاپاتلار تەقدىم قىلدى.