ۋولكېر تۈرك خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ قانۇن-سىياسەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرغان

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك 4-مارت كۈنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە دوكلات بەرگەندە، خىتاينى شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتىكى نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ قانۇنلىرىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋولكېر تۈرك 4-مارت جەنۋەدىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن دوكلات بېرىپ، مۇنداق دېگەن: «مەن يەنە (خىتاي) ھۆكۈمىتىنى مېنىڭ ئىشخانام ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ شىنجاڭ ۋە تىبەت رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جايلاردىكى نېگىزلىك كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ قانۇن، سىياسەت ۋە ئەمەلىي ئىجرائاتلارغا قارىتا بەرگەن تەۋسىيەلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە چاقىرىمەن.»

ۋولكېر تۈركنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي تەرەققىياتتا ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ ئالاقىدار قانۇن ۋە سىياسەتلىرىنى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق بۇ تەرەققىياتنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە ماسلاشتۇرۇشى كېرەك ئىكەن. ۋولكېر تۈرك بۇ چاقىرىقنى ئۇ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن 2022-يىلى 11-ئايدىن بېرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىشىغا پاسسىپ پوزىتسىيە تۇتۇپ، خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىشتا ئاكتىپ بولماسلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە كۈچلۈك سۆز قىلمىدى، دەپ تەنقىد قىلىنىپ كېلىۋاتقان ۋولكېر تۈرك يەنە خىتايدىن «تالاش-تارتىش قىلىش ۋە ئاۋارىچىلىك تۇغدۇرۇش» قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە ئادۋوكاتلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.