ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى خىتاي بىئوتېخنىكا شىركەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىگە چەكلىمە قويىدىغان قانۇن لايىھىسى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىك كومىتېتى يېقىندا بېلەت تاشلاپ، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ بېيجىڭ گېن ئىنستىتۇتى (BGI) ۋە ياۋمىڭ كاڭدې دورىگەرلىك شىركىتى(WuXi AppTec) قاتارلىق خىتاي بىئوتېخنىكا شىركەتلىرى بىلەن بولغان سودىسىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان بىر قانۇن لايىھىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ شەخسىي ساغلاملىقى ۋە گېن ئۇچۇرىغا مۇناسىۋەتلىك دۆلەت بىخەتەرلىك ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 6-مارت خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قانۇن چىقىرىش ھەرىكىتى بازاردا كۆرۈنەرلىك ئىنكاس قوزغىغان بولۇپ، ياۋمىڭ كاڭدې دورىگەرلىك شىركىتىنىڭ خىتاي ۋە خوڭكوڭ پاي بازىرىدىكى پاي باھاسىدا شىددەت بىلەن تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن.

خىتاي شىركەتلىرىنىڭ گېن سانلىق مەلۇماتلىرىنى توپلايدىغانلىقى ۋە خىتاي ئارمىيىسى بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. كېڭەش پالاتاسىنىڭ بىر كومىتېتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ لايىھە قانۇن بولۇپ چىقىش ئۈچۈن ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتالىرىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتۈشى كېرەك. قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ BGI ، MGI ۋە WuXi AppTec قاتارلىق خىتاي شىركەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تارماقلىرى بىلەن بولغان خىزمەت ۋە ئۈسكۈنە تەمىنلەش توختاملىرىنى توختىتىشنى مەقسە قىلىدۇ. 

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قانۇن لايىھىسىدىكى مۇنازىرىلەر دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئوچۇق ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە بازارنى ساقلاپ قېلىش ئارزۇسى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى، بولۇپمۇ بىئوتېخنىكا قاتارلىق ھالقىلىق كەسىپلەردە جىددىيلىكنى گەۋدىلەندۈردى. قانۇن چىقىرىش مۇساپىسىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئالاقىدار تەرەپلەر بۇ قانۇن لايىھىسىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە يەرشارى بىئوتېخنىكا سانائىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى يېقىندىن كۆزىتىدۇ.

2024-يىلى 7-مارت