شىۋىتسىيە بىتەرەپلىك سىياسىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ رەسمىي ھالدا ناتوغا ئەزا بولدى

ئىككى يىلغا يېقىن تىرىشچانلىقتىن كېيىن، شىۋىتسىيە ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى(NATO)غا رەسمىي قاتناشتى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن: «بىزنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىتتىپاقداشلىقىمىز ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ چوڭ» دېدى.

ب ب س تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىۋىتسىيە تاشقى سىياسىتىدە ئابىدە خاراكتېرلىك قەدەم تاشلاپ، رەسمىي ھالدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ 32-ئەزاسىغا ئايلاندى. شىۋىتسىيە باش مىنىستىرى ئۇلف كىرىستېرسون 6-مارت ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا ئانتونىي بىلىنكېنغا ستوكھولمنىڭ ئىتتىپاققا كىرىش ئىسپاتىنى يەتكۈزدى.

ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زېلېنسكىمۇ شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «ياۋروپادا يەنە بىر دۆلەت روسىيەنىڭ رەزىللىكىدىن تېخىمۇ بەك قوغدىلىدىغان بولدى» دېدى. 

روسىيە 2022-يىلى فېۋرالدا ئۇكرائىنغا كەڭ كۆلەملىك تاجاۋۇز قىلغاندىن كېيىن، ئىككى بالتىق دېڭىزى دۆلىتى - فىنلاندىيە ۋە شىۋېتسىيە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزالىق ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان ئىدى. 

لېكىن، بۇ شىۋېتسىيەنىڭ ئەزالىق ئىلتىماسى تۈركىيە ۋە ۋېنگىرىيەنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچراپ كەلگەن ئىدى. يېقىندا ئالدى بىلەن تۈركىيە ئارقىدىن ۋېنگىرىيە پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەتلىرى شۋىتسىيەنىڭ ئەزالىقىنى تەستىقلىدى. 

2024-يىلى 8-مارت