گوگۇلدا ئىشلىگەن بىر خىتاي ئىنژېنېر سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىندى

ئامېرىكادا يەنە بىر نەپەر خىتاي ئىنژېنېر سۈنئىي ئەقىلگە (AI) ئالاقىدار سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىنژىنېر دېكابىردا گوگۇل شىركىتىدىن ئىستىپا بەرگەن بولۇپ، ئۈچ كۈندىن كېيىن بېيجىڭدا ئېچىلغان بىر يىغىندا بىر خىتاي شىركىتىگە ۋاكالىتەن ئوتتۇرىغا چىققا. 

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 38 ياشلىق خىتاي پۇقراسى دىڭ لىنۋېي (Linwei Ding) 2019-يىلىدىن باشلاپ گوگۇل شىركىتىدە يۇمشاق دېتال ئىنژېنېرى بولۇپ ئىشلىگەن بولۇپ، ئۇ بۇ جەرياندا گۇگىلنىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىنتايىن مۇھىم سودا ئۇچۇرلىرىنى ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي تور ئامبىرىغا كۆچۈرگەن.

ئاندىن ئۇ كېيىنكى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە، خىتايدىكى يېڭى تېخنىكا شىركەتلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە باشلىغان. دىڭ فامىلىلىك بۇ خىتاي، خىتايدىكى شىركەتلەردىن ناھايىتى يۇقىرى مائاش ۋە ئىمتىيازلار بىلەن تەكلىپ ئالغان، ئۇ ھەتتا خىتايغا بېرىپ بۇ شىركەتلەردىكى مەبلەغ سالغۇچىلار يىغىنىغا قاتناشقان. بۇ جەرياندا گۇگىلدىكى باشقا بىر خىزمەتچى دىڭ فامىلىلىكنىڭ خىزمەت كارتىسىنى سۈركەپ كىرىپ، ئۇنى خۇددى شىركەتتە ئىشلەۋاتقاندەك كۆرسەتكەن ئىكەن.

دىڭ ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا خىزمىتىدىن تۇيۇقسىز ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، گۇگىل شىركىتى بۇ خىزمەتچىسىنىڭ «نۇرغۇن ھۆججەت» لەرنى ئوغرىلىغانلىقىنى بايقىغان ھەمدە بۇ ئىشنى دەرھال ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) گە خەۋەر قىلغان. FBI ئۇنى بۇ يىل 1-ئايدا قولغا ئالغان. دىڭ 4 خىل جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن.

ئامېرىكا دائىرىلىرى ئۇنىڭ بارلىق ھېسابلىرىدىكى ھۆججەتلەرنى توڭلىتىپ قويغان بولۇپ، ھۆججەتلەرنىڭ سانى ئالاھازەل 500 پارچە ئەتراپىدا ئىكەن.

فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كرىستوفىر رەي ۋەقە ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «بۇ ۋەقە خىتايدىكى شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكا ياراتقان يېڭىلىقلارنى ئوغرىلاشقا قانچىلىك تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ بىزنىڭ شىركەتلىرىمىز ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزگە ناھايىتى چوڭ زىيان ئېلىپ كېلىدۇ» دېگەن.