روزا تۇتقۇچىلارغا تەۋسىيە

 
سىز راستىنلا ئىككى ھەسسە روزىنىڭ ساۋابىنى تېپىشنى خالامسىز؟ ئۇنداق بولسا، ئۆزىڭىز روزا تۇتۇش بىلەن بىرگە روزىدارلارنى ئىپتار قىلدۇرۇڭ. شۇنداق قىلسىڭىز ئىككى ھەسسە روزىنىڭ ساۋابىنى تاپالايسىز. پەيغەمبە ئەلەيھىسسالام :« كىمكى بىر روزىدارنى ئىپتار قىلدۇرسا، ئۇنىڭغا خۇددى روزا تۇتقانغا ئوخشاش ساۋاب بولىدۇ، ئەمما ئىپتار قىلغۇچىنىڭمۇ ساۋاپى كېمەيمەيدۇ»دېگەن.
 
روزا تۇتقۇچىلارنى ئىپتار قىلدۇرۇش ئۇلارنى ئۆيىگە چاقىرىپ ئىپتار قىلدۇرغاندەك، ئۇلارغا پۇل بېرىپ ئىپتار قىلدۇرۇش ياكى مەسجىدكە تائام تەييارلاپ ئېلىپ بېرىش ئارقىلىقمۇ بولىدۇ. ياخشىلىقنى قىلىمەن دېگەن ئادەم ئۈچۈن ئۇنىڭ يوللىرىمو كۆپ.
 
1. رامىزان ئېيىدا خەير-ئىھسان ۋە سەدىقىنى كۆپ قىلىڭ. چۈنكى بۇ ئايدا قىلىنغان ياخشى ئەمەلگە نەچچە ھەسسە كۆپ ساۋاپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدە ھەدىسلار بار. ساۋابىم كۆپ بولسۇن دېسىڭىز بۇ ئۇلۇغ ئايدا ياخشى ئەمەللەرنى ۋە سەدىقە- ئىھسانلارنى كۆپ قىلىپ ھەسسىلەپ ساۋاپ تېپىڭ ۋە شۇ ئارقىلىق ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىگە سازاۋەر بولۇڭ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزان ئېيىدا خۇش بۇي ئېلىپ كېلىدىغان مەيىن شامالدىنمۇ بەك شەخىي بولۇپ كېتىدىغانلىقى ھەققىدە رىۋايەتلەر كۆپ.
 
2. رامىزاندا كېچىلىرى ۋە ئىپتاردىن ئاۋۋال دۇئانى كۆپ قىلىپ، ئاللاھ تائالادىن ھاجەتلىرىڭىزنى سورىۋېلىڭ، چۈنكى رامىزان كېچىلىرى ۋە ئىپتار ۋاقتى دۇئالار ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يېقىن ۋاقىتلاردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە:« ئۈچ كىشىنىڭ دۇئاسى رەت قىلىنمايدۇ: ئۇلارنىڭ بىرى روزا تۇتقان ئادەم، ئىككىنچىسى زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئادەم، ئۈچىنچىسى مۇساپىر ئادەم»دەپ كۆرسەتكەن. روزا تۇتقان ئادەم چارچىغان، ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتى بىلەن خوشال بولۇشقا شۇنچىلىك مۇھتاج بولغان بىر ھالەتتە بولىدۇ. مۇنداق ھالەتتىكى دۇئالارنىڭ ئىجابەت بولىشى تىز بولىدۇ.
 
3. رامىزان ئېيىدا بىر ئاي تېلېۋىزورغا قارىماسلىق، بوش ۋاقىتنى دىنى تەلىم ئۆگىنىش ۋە قۇرئان ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزۈشكە ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىرلىككە كېلىش. رامىزان ئېيى 11ئاينىڭ سۇلتانى ۋە ئايلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۇلۇغى بولۇپ، بۇ ئايدا قىلىنغان ئەمەل-ئىبادەتلەرنىڭ ساۋابى باشقا ئايلارنىڭكىدىن ساۋاپ جەھەتتە ئارتۇق بولىدۇ، دۇئالار ئىجابەت بولىدۇ. مۇشۇنداق بىر ئۇلۇغ ئاينى دۇنيالىق ياكى ئاخىرەتلىك ئۈچۈن پايدىسىز بولغان ئىشلار بىلەن ئۆتكۈزىۋېتىش كەمچىلىكتۇر. شۈڭا رامىزان ئېيىدا بىر ئاي روھىي جەھەتتىن تەربىيىلىنىش ئۈچۈن بۇ ئاينى چىڭ تۇتۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
 
4. ئاتا-ئانىغا ھەمراھ بولۇپ ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ھەر ۋاقىت پەرز بولسىمۇ، رامىزان ئېيىدا بىر ئاي ئاتا-ئانا بىلەن بىللە بولۇش، ئىمكانىيەت بولسا ئۇلارنىڭ يېنىدا بىللە تۇرۇپ بۇ ئۇلۇغ ئاينىڭ مۇرۇۋىتىدىن بىرگە پايدىلىنىش ئىنتايىن زۆرۈردۇر. ھەمىشە بىللە بولالمىسىمۇ ئۇپتارنى ئاتا-ئانا بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ بىرگە قىلىش ئىنتايىن ياخشى ئىش بولۇپ، ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈنمۇ تېپىلماس پۇرسەتتۇر. ئىپتار ۋاقتى دۇئا ئىجابەت بولۇشقا ئەڭ يېقىن ۋاقىتتۇر بۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانىسىنىڭ دۇئاسىنى ئالغان ئادەم ئەڭ بەختلىك ئادەمدۇر.
 
5. رامىزان ئاخشاملىرى بۇرۇنراق ئۇخلاپ، سەھەر ۋاقتى بۇرۇن تۇرۇپ ئىبادەت قىلىش بەك ياخشىدۇر. ئەمما كېچىسى پەقەت ئۇخلىماي، كۈندۈزى ئىشلىرىنى كېچىكتۈرۈش ياخشى ئەمەس. شۇڭا رامىزان ئېيىدا ئۇخلاش ئۈچۈن مۇناسىپ ۋاقىتنى تاللاش كېرك. ئىپتار ۋاقتىدا، بەش ۋاخ نامازنىڭ ۋاقىتلىرىدا، تاراۋىھ نامىزى ۋاقتىدا ئۇخلاشقا بولمايدۇ. شۇنداقلا كۈندۈزى ئىش ۋاقتىدا ئۇخلاش ياكى مۈگدەشمۇ ياخشى ئەمەس. ئۇيقۇنى كېچىسى ئۇخلاپ ئىبادەتلەرنى سەھەر ئاخشاملىرى قىلىش كېرەك.
 
6. رامىزان ئېيى بۇرۇن ئۆگىنىپ قالغان يامان ئادەتلەرنى تۈگىتىش ۋە ياخشى تەربىيە ئېلىش ئۈچۈن ياخشى پۇرسەت بولۇپ، باشقا ۋاقىتلاردا تاشلاش قىيىن بولغان، ھەتتا مۇمكىن بولمىغان يامان ئادەتلەرنى رامىزان ئېيىدا تاشلاش ياھايىتى ئاساندۇر. مەسىلەن: تاماكا چېكىدىغان ئادەم رامىزان ئېيىدا مەجبۇرى ھالدا تاماكىنى تاشلايدۇ. بىر ئاي سۇنداق تاشلاش جەريانىدا تاماكىنى ئۈزۈلكېسىل تاشلاش پۇرسىتىگە ئېگە بولىدۇ. مۇندىن باشقا يالغان سۆزلەش، ئالداش، غەيۋەت قىلىش قاتارلىق يامان ئادەتلەرنى روزا تۇتقان ئادەم قىلمايدۇ. چۈنكى روزا تۇتۇپ تۇرۇپ مۇنداق يامان ئادەتلەرنى قىلغان ئادەمنىڭ روزىسى بىكاردۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :« باشقىلارغا تۆھمەت قىلىشنى تاشلىيالمىغان ئادەمنىڭ تۇتقان روزىسىغا ئاللاھنىڭ ھاجىتى يوق» دەپ كۆرسەتكەن.
 
7. مىسۋاك قوللىنىش ھەر ۋاقىتتا بۇيرۇلغان ياخشى ئىشتۇر، ئاددىسى چىشلارنى چوتكا بىلەن تازىلىغاننىىڭ سىرتىدا مىسۋاك بىلەن نەملەندۈرۈپ تۇرۇش چوڭ ساۋابلىق سۈننەت ئىشتۇر. مىسۋاك ئىشلىتىش ئەرلەر ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئاياللار ئۈچۈنمۇ كۆپ ساۋابلىق ئىشتۇر. مىسۋاك ئىشتىلىش ئېغىزنى بەزىبىر يېقىمسىز پۇراقلاردىن ساقلاپ خوشبۇي ھالەتتە داۋام قىلىشىغا كاپالەت قىلىدۇ.
 
8. رامىزان ئېيىدا ئۆمرە ئادا قىلىش ھەج قىلغانغا ئوخشاش ساۋابلىق ئىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە:« رامىزان ئىچىدە ئۆمرە قىلىش ساۋاب جەھەتتە ھەج قىلغانغا تەڭدۇر»دەپ كۆرسەتكەن.
 
9. رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئەگەر ئىمكانىيەت بولسا، ئېتىكاپ قىلىش تولىمۇ ساۋابلىق ئىشتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەر يىلى رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى ئون كۈنىدە ئېتىكاپ قىلاتتى، ۋاپات بولۇش ئالدىدىكى رامىزان ئېيىدا يىگىرمە كۈ ن ئېتىكاپ قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان.
 
10- ئادەتتە نامازلارنىڭ بەزىسىنى مەسجىدتە جامائەت بىلەن ئوقۇمايدىغان كىشىلەر رامىزاندا بەش ۋاخ ناماز ۋە تەراۋىھ نامازلىرىنى جامائەت بىلەن ئوقۇش ئارقىلىق بۇ ياخشى ئادەتنى ئۆزىدە يەرلەشتۈرىدۇ. رامىزاندىن ئىبارەت بۇ تەلىم-تەربىيە ئېيىدا ئۆگەنگەنلىرىنى رامىزاندىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرغان كىسشى رامىزاننىڭ پايدىسىنى تولۇق كۆرگەن بولىدۇ.
 
11- رامىزان ئېيى قۇرئان كەرىم ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈشكە باشلىغان ئۇلۇغ ئاي. شۇڭا بۇ ئاي قۇرئان ئېيى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ ئايدا قۇرئان ئوقۇغان، ئۇنى ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەن كىشىگە ھەسسىلەپ كۆپ ساۋاب بولىدىغانلىقىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سۆزلىگەن. شۇڭا بۇ ئايدا قۇرئاننى كۆپ ئوقۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. قۇرئان ئوقۇشنى بىلمەيدىغانلارنىڭ ئوقۇشنى ئۆگىنىشى ئۈچۈن رامىزان ئېيى چوڭ پۇرسەتتۇر. بۇ ئايدا ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ قۇرئان ئۆگەنگەن ئادەم چوقۇم ياخشى ئۆگىنىپ كېتەلەيدۇ ۋە ئاللاھ تائالانىڭ كۆپ رەھمىتى ھەم ساۋابىغا ئېرىشىدۇ.
 
12. بالىلارغا قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىتىش ئۈچۈنمۇ رامىزان ئېيى تېپىلماس پۇرسەتتۇر. بالىلارنى بىر ئاي تېلېۋىزور كۆرۈش ۋە باشقا ئويۇنلاردىن توسۇپ قۇرئان ئوقۇشقا يۈزلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارغا كۆپ ياخشىلىق قىلغان بولىمىز. مۇنداق قىلغان ئاتا-ئانىلار تولىمۇ بەختلىك كىشىلەردۇر. چۈنكى مۇنداقلار ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا بالىلارغا ئائىت مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىپ ئۈستىدىكى يۈكىنى يېڭگىل قىلغانلاردۇر.
 
12. رامىزان ئېيىدا پۈتۈن بىر ئاي تەراۋىھ نامىزىنى جامائەت بىلەن ئوقۇش ناھايىتى مۇھىم سۈننەت ئەمەللەردىن سانىلىدۇ. كىچىك بالىلارنى مەسجىدلەرگە ئېلىپ بېرىپ بىر ئاي تەراۋىھ نامىزىنى بىللە ئوقۇش ناھايىتى ياخشى ئادەت بولۇپ، بالىلارنى ئىبادەتلەرگە ۋە مەسجىدكە كۆندۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتىدۇر. بالىلار مەيلى يېشى قانچىلىك كىچىك بولمىسۇن ئۇلارنى مەسجىدكە ئېلىپ چىقىش مۇتلەق پايدىلىق ياخىشى ئادەت. بالىلارنى ۋە ئاياللارنى مەسجىدلەردىن توسقۇچىلار خاتالاشقانلاردۇر. مۇنداقلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىدىن خەۋەرسىز قالغانلاردۇر.
 
13. رامىزاندا ئىسراپچىلىقتىن ساقلىنىش ۋە ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلىشقا بېخىللىق قىلماسلىق لازىم. بىزدە 11 ئاي ئىشلەپ بىر ئاي يېگىن دەيدىغان خاتا تەشۋىقاتلار بار. رامىزان كوپ يېيىش ياكى يېيىشتە بەسلىشىش ئېيى ئەمەس، بەلكى نورمال يېيىش ۋە ئاز ئۇخلاپ كۆپ ئىبادەت قىلىشتا بەسلىشىش ئېيىدۇر، كۆپ يېگەن ئادەم كۆپ ئۇخلايدۇ. كۆپ ئۇخلىغان ئادەم گالۋاڭلىشىپ ئىبادەتلەرنى ياخشى بىجىرەلمەيدۇ، رامىزاندىكى پەزىلەتلىك ۋاقىتلاردىن پايدا ئالالمايدۇ ۋە كۆپلىگە ساۋابلىق ئىشلاردىن مەھرۇم قالىدۇ. شۇڭا رامىزان ئېيىدا كۆپ يېيىشتە ئەمەس، بەلكى كوپ ئەمەل قىلىشتا بەسلىشىش، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر ئىشنى پىلان بىلەن ئېلىپ بېرىش لازىم. رامىزان ئېيىنىڭ بېشىدا ھەركىم ئۆزى ۋە ئائىلىسى ئۈچۈن مەخسۇس پروگرامما جەدۋىلى تۈزۈپ شۇنىڭ بويىچە ئۆگىنىش سائىتى، ئۇخلاش سائىتى، ئائىلە ئازالىرى بىرگە تەلىم ئېلىش سائىتى دېگەنگە ئوخشاش پروگراممىلارنى بېكىتىپ شۇ بويىچە ئىنتىزاملىق ئىش كۆرگەن ئادەم رامىزان ئېيىدىن چوقۇم ياخشى پايدىلانغان ۋە بۇ ئاينىڭ شاراپىتىگە تپلۇق ئېرىشكەن بولىدۇ.
 
14. مۇسۇلمان ئادەم ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ دىنداش بۇرادەرلىرىنى، تۇغقانلىرىنى، خوشنىلىرىنى ۋە تونۇشلىرىنى يوقلاپ، ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇشقا بۇيرۇلغان. خۇسۇسەن رامىزان ئېيىدا توغقانلارنى زىيارەت قىلىش، يېتىملارنىڭ بېشىنى سىلاش، كەمبەغەللەرگە يار يۆلەكتە بولۇش، ئېتىياجلىقلىرىغا ماددى ياردەمدە بولۇش چوڭ ساۋابلىق ئىشلاردۇر. بولۇپمۇ رامىزاننىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە روزا ھېيتىنىڭ يېتىپ كېلىشى ئالدىدىكى كۈنلەردە سەدىقە ۋە خەير ئىھسانلارنى كۆپ قىلىشنىڭ ئەۋزەللىكىدە ساۋابنىڭ ھەسسىلەپ كۆپ بولىدىغانلىقىدا شەك يوق. بىر ھەدىستە:« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام رامىزان ئېيىدا خۇددى مەيىن شامالدىنمۇ بەك سېخى بولۇپ كېتەتتى» دەپ كەلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەلەيھىسسالام سەدىقە ۋە ئىھساننى ھەمىشە شۇنچە كۆپ قىلاتتى، ئەمما رامىزاندا ئالاھىدە قىلاتتى. بىرەر ھاجەتمەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن بىر نەرسە سورىسا ئۇنى قەتئىي قۇرۇق قول قايتۇرمايتتى، ئۈزىدە بولمىسا، قول ئىكلىدە بار ساھابىلار ئېيتىپ ئۇلاردىن ئېلىپ ئۇ كىشىنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلاتتى. ھەتتا بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مىھمانلىق تونىنى سورىغان كىشىگە ئۇچىسىدىكى تونىنى سېلىپ بەرگەنلىكى رىۋايەت قىلىنغان، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «يوق» دېيىشنى زادى بىلمەيتتى، ئۆزىدە بولمىسىمۇ باشقىلاردىن تېپىپ بېرەتتى.
 
15. ئاياللار ئەگەر ئىككى ھەسسە كۆپ ساۋاپ تاپاي دىسە رامىزان ئېيىدا، بالىلىرىنى ئىسلامىي گۈزەل ئەخلاقلار بىلەن تەربىيىلەش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىشى ۋە بالىلىلىرىنىڭ بۇ ئايدىكى تەربىيىسىگە ئۆزى بىۋاستە مەسئۇل بولىشى لازىم. مۇندىن باشقا ئايال كىشى ئېرىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولغاننىڭ ساۋابىنى ئايرىم ئالىدۇ. شۇنىڭدەك جامائاتنى، خوشنىلارنى، تۇغقانلارنى ۋە مۇساپىرلارنى ئىپتار قىلدۈرۇش ئارقىلىق يەنە ئايرىم ساۋاپ ۋە ئەجىرگە ئېگە بولىدۇ. چۈنكى مىھماننىڭ جاپاسى تارتىدىغان كىشى ئايال بولغانلىقتىن ساۋاپنىڭ كۆپىنى شۇ ئالىدۇ.
 
16. بىر ئاي رامىزان ئېيىدا كىچىك بالىلارنى روزا تۇتۇشقا كۆندۈرۈش لازىم. بىر كۈنلۈك روزىغا تاقەت قىلالمايدىغان كىچىك بالىلارنى روزا تۇتقۇزۇپ چۈش ۋاقتىدا ئىپتار قىلدۇرۇش ياكى قاچان قورسىقى ئاچسا ياكى ئۇسسىسا شۇ ۋاقىتتا سېنىڭ ئۈچۈن ئىپتار بولدى دەپ ئۇلارنى ئىپتار قىلدۇرۇپ، ئاندىن يەنە روزىسىنى ئاخشامغىچە داۋام قىلدۇرۇش ياخشى ئۇسۇلدۇر. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بالىلارنى ھەم روزىغاس كۆندۈرگىلى ھەم روزا تۇتۇشنى سۆيدۈرگىلى بولىدۇ. كېيىنكى يىللاردا ئىپتارنى كۈن پاتقاندا قىلىشنى ئۆگىتىۋالساقمۇ كېچىكىپ قالمايمىز. ئەمما كىچىك بالىلار ئاچ ۋە سۇسىز قويۇپ قىيناش ياخشى ئىش بولمىغاندەك، ئۇلارنى ئاسرىدۇق دەپ روزا تۇتقۇزماسلىق ۋە روزىنى ئۆگەتمەسلىك توغرا ئەمەس. شۇڭا ئوتتۇرا يولنى تۇتۇپ، ئۇلارنى روزا تۇتقۇزۇش ۋە قورسىقى ئاچقاندا تائام بېرىشتۇر. بۇ بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلار ئۈچۈندۇر.
 
(ئۇستازنىڭ فېسبۇك ھېسابىدىن كۆچۈرۈپ ئېلىندى)
 
2024-يىلى 9-مارت