ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرى ھۆكۈمەتكە ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلار ھەققىدە چاقىرىق قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 40 نەچچە ئەزاسى 8-مارت كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بىلىنكېن ۋە ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى باش ئەلچىسى لىندا توماس گرېنفيىلد خانىمغا كوللېكتىپ مەكتۇپ يوللاپ، خىتاي تۈرمىلىرىدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلار مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم جىددىي ئەسكەرتتى. ئۇلار مەكتۇپتا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غايىب بولغان ۋە خىتاي تۈرمىسىدە ئىكەنلىكى مەتبۇئاتلاردا ئوتتۇرىغا چىققان تۆت نەپەر ئۇيغۇر مەھبۇسنىڭ ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تىلغا ئالغان. 

مەكتۇپتا ئىسمى تىلغا ئېلىنغان كىشىلەر ئارىسىدا 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان دوختۇر گۈلشەن ئابباس، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە تونۇلغان ژۇرنالىست قۇربان مامۇت، ئەدەبىي تەرجىمان ئەخمەتجان جۈمە، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى كامىلە ۋايىت قاتارلىقلار بار. مەكتۇپتا گۈلشەن ئابباسنىڭ 20 نەچچە ئۇرۇق-تۇغقىنىنىڭ ئامېرىكا پۇقراسى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ قولغا ئېلىنىشى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ سىڭلىسى روشەن ئابباسنىڭ ئۇيغۇر داۋاسى يولىدىكى پائالىيەتلىرىدىن ئۆچ ئېلىش ئۇرۇنۇشى ئىكەنلىكى ئېيتىلغان.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى مايكىل مەككائۇل (Michael McCaul) ۋە باشقا ئەزالاردىن مايك ۋالتىز (Mike Waltz)، رو خاننا (Ro Khanna) قاتارلىقلارنىڭ باشلامچىلىقىدا تەييارلانغان بۇ مەكتۇپقا 42 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئىمزاسى قويۇلغان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى قانۇن لايىھەلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە ماقۇللىنىشى رول ئوينىغان ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن راجا كرىشنامورسى، ياڭ كىم، جېيمىس مەكگوۋېرن، كرىستوفېر سىمىس، جېننىفېر ۋېكىستون قاتارلىقلارنىڭ ئىسمى كۆزگە چېلىقىدۇ.

2024-يىلى 9-مارت