ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرەدە ئۇيغۇر ئاياللىرى توغرىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى

8-مارت خەلقئارا ئاياللار كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، خىتاي ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش مەقسىتىدە تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرە شەھەرلىرىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. 

8-مارت ئىستانبۇلنىڭ فاتىھ رايونىغا جايلاشقان نېلىشاھ سۇلتان كۈلتۈر مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇھاكىمە يىغىنىنى شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، ئالدى بىلەن نۇزۇگۇم كۈلتۈر ۋە ئائىلە جەمئىيتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم ئېچىلىش سۆزى قىلدى. ئۇ يىغىننىڭ ئاساسى مەقستىنى بايان قىلىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستاندىكى قىز-ئاياللارنىڭ خىتاينىڭ قاتتىق باستۇرۇشى ئاستىدا قانداق ئېغىر كۈنلەرنى بېشىدىن كەچۈرىۋاتقانلىقىنى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى قىشقىچە تونۇشتۇردى.

ئاقىدىن مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر، تۈلاي گۆكچىمەن، مۈزەييەن تاشچى، ئامىنە تۇنا ئەرتۈرك، شەمشىقەمەر ئارتىش خانىملار سەھنىگە چىقىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى قىز-ئاياللارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋلىغا مۇناسىۋەتلىك تېمىلاردا توختالدى.

9-مارت ئەنقەرەدىكى دۆلەتلىك كۇتۇپخانىدا «ULUĞ» - خەلقئارا ياش ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ۋە يېتەكچىلەر تورى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى فوندى جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا «شەرقىي تۈركىستاندا ئايال بولۇش» تېمىسىدا بىر يىغىن ئۆتكۈزۈلدى. 

 يىغىننى تەشكىللەشكە قاتناشقان «UMAYANA » تۈرك دۇنياسى ئاياللار بىرلەشمىسىدىن پروفېسسور دىلەك ئەرگۈنچ، ئۆزلاش جەمئىيىتىدىن سەلما چەلىك ۋە تۈركىيە سىياسەت ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقات ۋەخپىدىن دۆلەتلىك سىياسەت تەتقىقات ئورنىنىڭ رەئىسى دوكتور سىنان دەمىرتۈرك قاتارلىق سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنى ئەيىبلىدى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق كۈرىشىنى قوللايدىغانلىقىنى، ئۇلار بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

سۆزلىگۈچىلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى فوندىنىڭ رەئىسى دوكتور مەغپىرەت كامال يۇنۇسوغلۇ خانىم شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگېرلىرىغا تاشلانغان ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بەردى. ئارقىدىن، ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس خانىم سىنئالغۇ يىغىنى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى خىتايغا قارشى كۈرىشىنى مىساللار بىلەن چۈشەندۈردى.

2024-يىلى 10-مارت