ھىندونېزىيەدە بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئۇچقۇچىلىرى 28 مېنۇت ئۇخلاپ قالغان

ھىندونېزىيەدە بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئۇچقۇچىلىرى 28 مېنۇت ئۇخلاپ قالغان بولۇپ، نۆۋەتتە تەكشۈرۈش داۋاملاشماقتا ئىكەن. 

ئىگىلىنىشىچە، ھىندونېزىيە قاتناش مىنىستىرلىكى باتىك ئاۋىئاتسىيە (Batik Air) شىركىتىگە تەۋە بىر يولۇچىلار ئايروپىلانىغا قارىتا تەكشۈرۈش باشلىغانلىقىنى ئىلان قىلغان بولۇپ، سەۋەبى ئۇچقۇچىلارنىڭ ئۇچۇش جەريانىدا 28 مىنۇت ئۇخلاپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئايروپىلان لىنىيەدىن چىقىپ كەتكەن.

ھىندونېزىيە دۆلەتلىك خەۋەر ئاگېنتلىقى ئانتارانىڭ 9-مارت خەۋەر قىلىشىچە، 25-يانۋا، كېندارى-جاكارتا سەپىرى جەريانىدا باتىك ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ BTK6723 نومۇرلۇق يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ئۇچقۇچىسى بىلەن ياردەمچى ئۇچقۇچىسى بىرلا ۋاقىتتا ئۇخلاپ قالغان بولۇپ، ئايروپىلاننىڭ نەچچە مىنۇت لىنىيەدىن چەتنەپ كەتكەنلىكى ئېنىقلانغان.

دۆلەتلىك قاتناش بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ دەسلەپكى دوكلاتىغا قارىغاندا، ئەينى ۋاقتتا ئايروپىلاندا 153 نەپەر يولۇچى ۋە تۆت نەپەر ئايروپىلان خادىمى بار بولۇپ، ئۇچۇش جەريانىدا ئېغىش سەۋەبىدىن يارىلىنىش ئەھۋالى بولمىغان، ئايروپىلان ھېچ قانداق زىيانغا ئۇچرىمىغان. 

2024-يىلى 11-مارت