روسىيەدە سايلام: پۇتىن روسىيە تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ۋەزىپە ئۆتىگەن ھۆكۈمدار بولالامدۇ؟

Russia presidential election: What to know as Putin to win after Navalny  death, war in Ukraine

روسىيەدە خەلق 15-مارتتىن 17-مارتقىچە ئۈچ كۈن ئىچىدە بېلەت تاشلاپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پرېزىدېتىنى سايلاپ چىقىدۇ. سايلامدىكى ئەڭ كۈچلۈك نامزات بولغان ۋىلادىمىر پۇتىن بۇنىلىق بىلەن بەشىنچى قېتىم پرېزىدېتنلىققا سايلانغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2030-يىلىغىچە بولۇپ، 2021-يىلى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن، ئۇ 2030-يىلى يەنە سايلامدا نامزات بولالايدۇ. 

بۇ روسىيە پرېزىدېنت سايلىمى تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئۈچ كۈن بىلەت تاشلاش ھېسابلىنىدۇ. ئۈچ كۈنلۈك بېلەت تاشلاش شەكلى تۇنجى قېتىم 2020-يىلدىكى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئاۋازغا قويغاندا قوللىنىلغان بولۇپ، خىتاي ۋىرۇسى مەزگىلىدە ئاممىۋى ساغلاملىقنى قوغداش مەقسىتىدە يولغا قويۇلغان. مۇستەقىل كۆزەتكۈچىلەر بۇ خىل ئۇسۇلنى بېلەت تاشلاش جەريانىدىكى ئاشكارىلىققا كاپالەتلىك قىلىشنى قىيىنلاشتۇرۇۋەتتى دەپ تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ قېتىمقى سايلامدا يەنە بۇخىل ئۇسۇل قوللىنىدى.

بۇ قېتىمقى سايلامدا، روسىيە 2014-يىلى بېسىۋالغان قىرىمدىن باشقا يەنە، روسىيە ئىشغال قىلغان ئۇكرائىنانىڭ لۇخەنسك، دونېتسىك، زاپوروجيې ۋە خېرسون رايونلىرىدىمۇ بېلەت تاشلاش باشلاندى. ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ رايونلاردىكى ئۇكرائىنالىقلارنى بېلەت تاشلىماسلىققا چاقىردى.

May be an image of map and text that says

پۇتىن ئەڭ ئۇزۇن ۋەزىپە ئۆتىگەن ھۆكۈمدار بولالامدۇ؟

71 ياشلىق ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگىنىگە 20 يىلدىن ئاشتى. ئۇ دەسلەپتە سابىق پرېزىدېنت يېلتسىن تەرىپىدىن ۋاقىتلىق رەئىسلىككە تەيىنلەنگەن ۋە 2000-يىلى 3-ئايدىكى تۇنجى قېتىملىق چوڭ سايلامدا غەلىبە قىلغان.

2008-يىلدىن 2012-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا، ئۇ رولىنى ئۆزگەرتىپ باش مىنىستىر بولغان، ئەمما يەنىلا ھۆكۈمەتنى تولۇق كونترول قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا، روسىيە ئاساسىي قانۇنىدا پرېزىدېنتنىڭ ئۇدا ئىككى نۆۋەت ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقى بەلگىلەنگەن، شۇڭا باش مىنىستىرغا ئۆتۈش ئۇنىڭ قايتا سايلامغا قاتنىشىشىغا يول ئاچقان.

2020-يىلى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، پۇتىن 2036-يىلغىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ دەپ قارالدى. بۇنداق بولغاندا، ئۇ كومپارتىيىنىڭ رەھبىرى جوسېف ستالىن ۋە 18-ئەسىردىكى ئىمپېراتور كاتېرىندىن (Catherine II) ئېشىپ، روسىيەنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ۋەزىپە ئۆتىگەن ھۆكۈمرانىغا ئايلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى 30 نەچچە يىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئىدى.

پۇتىننىڭ رەقىبلىرى

پۇتىندىن باشقا، تىزىمغا ئالدۇرغان باشقا ئۈچ كاندىدات بار: مىللەتچى مۇتەئەسسىپ كاندىدات لېئونىد سلۇتسكىي(Leonid Slutsky)، كوممۇنىست كاندىداتى نىكولاي خارېتونوف(Nikolai Kharitonov) ۋە يېڭى خەلق پارتىيىسىنىڭ نامزاتى ۋىلادىسلاۋ داۋانكوۋ(Vladislav Davankov).

بۇلارنىڭ ئىچىدە، يېڭى خەلق پارتىيىسى يېڭىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، روسىيە دۇماسىنىڭ تۆۋەن پالاتاسىدا ئاز ساندا ۋەكىللىرى بار.

بۇ ئۈچىنىڭ ھەممىسى پۇتىننى ۋە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ھەقىقىي تەھدىت پەيدا قىلمايدۇ.

پۇتىننىڭ ھەقىقىي رىقابەتچىلىرى يا تۈرمىدە، يا يوقىتىلدى ياكى روسىيەدىن قېچىپ كەتتى. پۇتىننىڭ ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى ناۋالنىي (Alexei Navalny) بولسا بۇ يىل 2-ئايدا يۇقىرى بىخەتەرلىك سىستېمىسى بولغان تۈرمىسىدە قازا قىلدى.

 2024-يىلى 16-مارت