شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ قازاقىستان بىلەن بولغان سودىسىنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى ئىگىلىگەن

Kazakhstan to open its trade mission in Urumqi

شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ تاشقىي سودىسى، جۈملىدى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان سودا پائالىيەتلەرىدە بارغانسىرى مۇھىم رول ئوينىماقتا ئىكەن. قازاقىستان تاراتقۇلىرىنىڭ ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىيازنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، قازاقىستان بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ سودا سوممىسى 20 مىليارد 300 مىليون دوللارغا يەتكەن، بۇ خىتاي بىلەن بولغان ئومۇمىي سودا سوممىسىنىڭ% 64 نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، 2023-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا % 40 تىن كۆپرەك ئاشقان.

قازاقىستان ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 19-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ۋە پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي ئالدىنقى كۈنى قازاقىستان سودا مىنىستىرى ئارمان سەتقالىيېۋ (Arman Shakkaliyev) بىلەن ئۈرۈمچىدە مەخسۇس سۆھبەتلەشكەن. سۆھبەتتە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ۋە ئۈرۈمچىدە قازاقىستاننىڭ سودا ئۆمىكىنى ئېچىش مۇزاكىرە تېمىسى بولغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ما شىڭرۇي ئالاھىدە قىلىپ خىتاي-قازاقىستان مۇناسىۋىتىنى ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن مەڭگۈلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى، بۇنىڭدا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇھىم سودا شېرىكى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. شۇنىڭدەك «پارتىيەمىز يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى تولۇق ۋە كەڭ كۆلەملىك ئىجرا قىلىۋاتقاندا، بۇ رايون ‹بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى›نىڭ يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئۈچۈن كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ» دېگەن. بۇنىڭ بىلەن، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ساھەنى چۆرىدىگەن ھەمكارلىق ۋە دوستلۇقنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان سودا پائالىيەتلىرى ئۆزبېكىستاندىمۇ تېزدىن جانلىنىۋاتقان بولۇپ، «ئۆزبېكىستان-خىتاي (شىنجاڭ) سودا يەرمەنكىسى» 30-مارتتىن 1-ئاپرېلغىچە تاشكەنت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ يەرمەنكە توغرىسىدا بەرگەن خەۋىرىدە، «شىنجاڭدىكى ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن شىركەتلەر ئۈچۈن بۇ بىر قېتىملىق زور سودا پۇرسىتى» دېيىلگەن.

«شىنخۇا ئاگېنتلىقى» نىڭ 19-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تاشقى سودا مىقدارى 2024-يىلىنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا 51 پىرسەنتتىن كۆپرەك ئاشقان. 63 مىليارد سومدىن كۆپرەك (تەخمىنەن توققۇز مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) تاشقى سودا مىقدارىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش جۇمھۇرىيەت بىلەن بولغان سودا پائالىيەتلىرىنى مەنبە قىلغان.

2024-يىلى 19-مارت