ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى ھۆكۈمەتنى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى

A large screen shows Chinese President Xi Jinping near a carpark in Kashgar, in western China's Xinjiang region

توكيو بېيجىڭنىڭ باستۇرۇشىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنى چىقىرىشى كېرەك

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى، 2024-يىلى 19-مارت

بىر تۈركۈم ياپونىيە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە ۋە ئۆكتىچى پارلامېنت ئەزالىرى ھۆكۈمەتنى ماشىنا ئىشلەپچىقارغۇچىلار بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى تەكشۈرۈشكە چاقىرغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ يىلنىڭ بېشىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، دۇنيادىكى چوڭ ماشىنا ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرىنىڭ ئاليۇمىن تەمىنلەش زەنجىرىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئىشلىتىلىش خەۋپىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. پارلامېنت ئەزالىرى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى بۇلغانغان ئاليۇمىنغا قارىتا «تەدبىر ۋە تاللاش» بىلەن تەمىنلەشكە چاقىردى.

2017-يىلدىن باشلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ(شەرقىي تۈركىستان-ت)دا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزدى، خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش، غايىب قىلىۋېتىش، مەدەنىيەت ۋە دىنىي زىيانكەشلىك قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مۇسۇلمان جامائەتلىرىنى رايون ئىچى ۋە سىرتىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سالدى.

شەرقىي تۈركىستان، ئاليۇمىن سانائىتى ۋە مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ باغلىنىشى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى قوللىغان ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەش پروگراممىسى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مۇسۇلمانلىرىنى ئۇيغۇر دىيارى ۋە باشقا رايونلاردىكى خىزمەتكە مەجبۇرلايدۇ. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاينىڭ دۆلەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئىلان قىلىنغان ماقالىلەر، شىركەت دوكلاتى ۋە ھۆكۈمەت بايانلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە رايوندىكى ئاليۇمىن ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئەمگەك كۈچى يۆتكەشكە قاتناشقانلىقىغا ئائىت ئىشەنچلىك پاكىتلارنى تاپتى.

«كىشىلىك ھوقۇق دىپلوماتىيىسىگە قايتا قاراپ چىقىدىغان پارتىيەسىز پارلامېنت جەمئىيىتى» دەپ ئاتالغان پارلامېنت ئەزالىرى گۇرۇپپىسى 2021-يىلى سابىق پارلامېنت ئەزاسى شيورى كاننو (Shiori Kanno) ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى گېن ناكاتانى (Gen Nakatani) تەرىپىدىن قۇرۇلغان. بۇ گۇرۇپپا ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان ئوچۇق ئاۋاز بولۇپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى تاشقى سىياسىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشقا ئۈندەيدۇ.

كونكېرت قىلىپ ئېيتقاندا، كاننو بۇ گۇرۇپپىنى باشلاپ، شىركەتلەردىن تەمىنلەش زەنجىرىدىكى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىشنى بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇقنى جازالاش قانۇنى ۋە كىشىلىك ھوقۇققا تېگىشلىك ئەستايىدىللىق قانۇنىنى يولغا قويۇشقا چاقىردى.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، خوڭكوڭ دائىرىلىرى دېموكراتىيەنى ياقىلايدىغان «ئالما گېزىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى بولغان جىممى لەينى رەزىل دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى ۋە توپىلاڭ قانۇنىغا ئاساسەن سوتلىغاندا، كاننونى ئۇنىڭ «شېرىكى» دەپ ئاتىدى. كاننوغا قارىتىلغان بۇ ئاساسسىز ئەيىبلەشلەر ئۇنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىشكە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇ پارتىيەسىز گۇرۇھىنىڭ قايتا-قايتا چاقىرىقىغا قۇلاق سېلىپ، كىشىلىك ھوقۇققا تېگىشلىك ئەستايىدىللىق قانۇنى شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇقنى جازالاش قانۇنىنى تېزدىن چىقىرىشى كېرەك. ھۆكۈمەت يەنە ئېغىر كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىشقا چېتىشلىق ئەمەلدارلارغا ماسلاشقان ۋە قاراتمىلىقى بولغان جازا يۈرگۈزۈشى كېرەك.

- Teppei Kasai

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ پروگرامما مەسئۇلى