سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار، خىتاينىڭ لاگىرلىرىنى ھەققانىيلاشتۇرالامدۇ؟

زىخرۇللا
 
بىر ھەپتىدىن بېرى بىر تۈرك مۇخبىرنىڭ سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى بايانلىرى تورلارنى قاپلىدى. ئۇ سۆزىدە « تۈركىيەنىڭ قولى بىلەن سۈرىيەگە ئورۇنلاشقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاينىڭ لاگىرلىرىنى ھەققانىيلاشتۇرۇپ قويغان»لىقىنى ئىلگىرى سۈردى. مۇخبىرىنىڭ مەقسىتى بەزىلەر دېگەندەك، مەيلى ئاق پارتىيەنى سېسىتىش بولسۇن، ياكى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش بولسۇن، بۇ ئايرىم تىما. مېنىڭ پەقەت توختىلىدىغىنىم، لاگىرلارنىڭ ھەققانىيلىشىش مەسىلىسى.

قانۇنىي نۇقتىدىن سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇدىيىتى، ئۇلارنىڭ شۇئار ۋە ھەركەتلىرى نىمە بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگىرغا سولىشىنى ھەققانىيلاشتۇرالمايدۇ. ئەگەر ھەققانىيلاشتۇرسا، پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىش ئۆتكىلىنىڭ قېيىنلىشىشىنى ھەققانىيلاشتۇرۇشى مۈمكىن، ئەمما، بۇمۇ پۈتۈن بىر مىللەتكە قارىتا پاسپورت چەكلىمىسىنى ھەققانىيلاشتۇرالمايدۇ. چۈنكى دۇنيادا ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ تۈپ فونكىتسىيەسى جەمىيەتتە تونۇقۇنۇش پەيدا بولغاندا توقۇنۇشقا قاتناشقان بىلەن قاتناشمىغاننى ، قاتناشقىنىنىڭ ئىچىدىكى گۇناھكارى بىلەن گۇناھسىزنى پەرقلەندۈرۈشتۇر. دۆلەتنىڭ بۇ پەرقلەندۈرۈش مەسئۇلىيىتى ئىچكى توقۇنۇشلاردىلا ئەمەس، دۆلەتلەرئاارا ئۇرۇشتىمۇ ھەم مەۋجۇت. شۇڭا « گاگا ئەھدىنامىسى»، « جەنۋە ئەھدىنامىسى» قاتارلىق خەلقرارا قانۇنلار بارلىققا كەلگەن.

ئەتراپىمىزغا قارىساق شىمالىي ئىرلاندىيە قوراللىق كۈچلىرى، ئىسپانىيەدىكى باسىك مىللەتچىلىرى ئەسىرلەردىن بۇيان قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ، بەزى ھەركەتلىرى خەلقئاارا تەرىپىدىن تېرورلۇق دەپ ئەيىپلىنىۋاتىدۇ؛ ئەمما ئەنگىلىيە بىلەن ئىسپانىيە ئۇلار مەنسۇپ بولغان خەلقنى لاگىرغا سولىغىنى يوق. تۈركىيەدە پ ك ك نەچچە ئون مىڭ پۇقرانى ئۆلتۈردى، ئەمما تۈركىيە كۈرتلەرنى لاگىرغا سولاپ باقمىدى.

سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، مەيلى تيەنەنمىن، مەيلى كۇنمىڭ مەيلى ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى بولسۇن، ھىچقايسى خىتاينىڭ لاگىرلىرىنى ھەققانىيلاشتۇرالمايدۇ. پەقەت گۇماندارلار تۇتۇلغۇچىە قولللىنىلغان بەلگىلىك بىختەرلىك تەدبىرلىرىنى ھەققانىيلاشتۇرۇشى مۈمكىن، ئەمما، ئۇمۇ قارا-قويۇق تۇتقۇن قىلىشنىمۇ ھەققانىيلاشتۇرالمايدۇ.

ھەقىقەت نۇقتىسىدىن ئۇيغۇرلار، مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، خۇددىي دۇنيادىكى پۈتۈن مىللەتلەرنىڭ تارىخىدا بولغىنىدەك، ئۆزلىرىگە ھەربىي جەھەتتىن ياردەم بەرگەن ياكى بېرىش ئېھتىمالى بولغان (بۇ ياردەم مەيلى ئەسكەرىي ئەسلىھە مەيلى تەلىم -تەربىيە بولسۇن) ھەرقانداق دۆلەت، تەشكىلات ۋە شەخىس بىلەن ھەمكارلىشىش ھەققى بار. ئۇرۇش رايونلىرىدىن ئۆزلىرىگە شېرىك ئىزدەش، پۇرسەت ئىزدەش، تەلىيىنى سىناش مەھكۇم بىر مىللەتنىڭ ئەڭ تەبىئىي ھەققى ۋە تاللىشى.

ئۆزىنى مۇستەقىلچى دېگەن بىر تەشكىلات، ئۆز خەلقىنىڭ مۇستەملىكىچىگە قارشى قوراللىق تەشكىللىنىش ۋە قارشىلىق كۆرسىتىش ھەققىنى ئىنكار قىلماسلىقى كېرەك. ئۆزىنى ئۈزۈل-كېسىل مۇستەقىلچى دەپ جار سېلىۋاتقان بىر شەخىس ئۆز خەلقىنىڭ مۇستەملىكىچىگە قارشى ھەرقانداق شەكىلدىكى قارشىلىقىنى قوللىشى كېرەك. ئىستراتىگىيەچىلىك قىلىپ، " سۈرىيە بىزگە پايدىسىز دېگۈچىلەر، بۇنىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان - بىزگە قۇچاق ئېچىپ تۇرغان يەنە بىر سەپنى كۆرسىتىپ بېرەلىشى كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا بۇ مۇستەقىلچىلىق ئەڭ سىلىق تىل بىلەن ئېيتقاندا ئاڭسىز، ساددا مۇستەقىلچىلىق بولىدۇ.
 
(ماقالىدىكى كۆز قاراشلار ئاپتورغا ۋەكىللىك قىلىدۇ)