1970- يىللاردىكى ئۇيغۇر «مىنبىڭلار» سۈرىتىگە قاراپ پەيدا بولغان ئويلار

May be an image of 7 people
 
نەبىجان تۇرسۇن
 
تورلاردا 1970-يىللاردىكى تولۇق قوراللانغان، باشلىرىغا دوپپا كىيگەن ئۇيغۇر «مىنبىڭلار»نىڭ كوللېكتىپ ھەربىي مەشقلىرى، قارغا ئېتىشلىرى، جەڭ ماھارەتلىرىگە ئائىت ھەر خىل سۈرەتلەر قايتىدىن كۆپلەپ تارقىلىشقا باشلىغاندا مەن بۇ سۈرەتلەرگە قاراپ، ئاشۇ ئۆزۈم كۆرگەن «مىڭبىڭلار»نى ئەسلىدىم. شۇنداق ئويلىدىمكى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەر دەۋردە سىياسىي ۋە مىللىي ئاڭ جەھەتتىن ئارقىدا قالغانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى مانا مۇشۇ خەلق ئەسكەرلىرى تۈزۈمى ئىدى. سوۋېت-خىتاي دۈشمەنلىك دەۋرىنىڭ مەھسۇلى بولغان 1970-يىللاردا خىتاي پۈتۈن ئۇيغۇرستان بويىچە سوۋېت ئىتتىپاقى قوشۇنلىرى ھۇجۇم قىلىپ كىرسە ئۇنىڭغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن تەخمىنەن ئاز دېگەندە 150 مىڭدىن 200 مىڭغىچە مىنبىڭ -خەلق ئەسكىرى تەييارلىدى. ئەلۋەتتە بۇ سان مەن ئۆزۈم پەرەز قىلغان سان، ئۇنىڭ رەسمىي بىر ھۆججەت ئاساسى يوق، چۈنكى بىر ئۇچتۇرپاندا 9 يېزىنىڭ ھەر بىردىن مىڭبىڭ ليەنى-روتىسى، بەزى يېزىدا ئىككى روتا ياكى يىڭ ( باتالىيون)بولۇپ، شەھەر ئىچىدە خەلق ئەسكىرى قوشۇنى ھەم قۇرۇپ چىققان. ھەتتا يامانسۇ يېزىسىدا قىرغىز ۋە ئۇيغۇردىن ئاتلىق روتا قۇرغان. شۇنداق ئەگەر 9 يېزىدا جەمئىي 12-13، شەھەر ئىچىدە 1-2 بولۇپ، ئۇچتۇرپاندا ئاز دېگەندە 15 روتا خەلق ئەسكىرى بار ئىدى دەپ پەرەز قىلىش مۇمكىن. ئەگەر بىر روتىدا 150-200 گىچە ئادەم ھېسابلىغاندا ئۇچتۇرپاندەك كىچىك ناھىيەدە تەخمىنەن 3 مىڭغىچە، يەنى 2 پولكتىن ئارتۇق مىنبىڭ قوشۇنى بار ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر ئىدى. قىزلارمۇ كۆپ ئىدى. بۇ مىنبىڭلار ھەر كۈنى مەشىق قىلىپ، ھەر خىل پىلىموت، ئاپتومات، مىلتىقلارنى ئېتىشتە مەرگەن بولۇپ پىشقان ئىدى. ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 9 ناھىيە، ئاقسۇ شەھىرىنى قوشقاندا، ئاقسۇدا كەم دېگەندە 20 مىڭغا يېقىن ۋە بەلكى ئۇنىڭدىن كۆپ مىنبىڭ بار ئىدى دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئاقسۇنىڭ كۇچاردەك ناھىيەلىرىدە يېزا كۆپ ۋە ئادەممۇ كۆپ ئىدى. دېمەك، ئادەم ئەھۋالىغا قاراپ مىڭبىڭلارمۇ كۆپ ئاز بولىدۇ. قەشقەردىكى مىنبىڭلار تېخىمۇ كۆپ بولۇپ، چۈنكى قەشقەر نوپۇسى ئەڭ كۆپ ۋىلايەت ئىدى. قىزىلسۇدىمۇ، خوتەندىمۇ، بايىنغولىن، ئىلى قاتارلىق ئۇيغۇرلار كۆپ ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلارنى ھېسابلاڭ، ئۇ چاغدا تولۇق قوراللانغان ۋە ھەربىي مەشىقتىن ئۆتكەن، ھەر خىل قوراللارنى ياخشى ئىشلىتەلەيدىغان 150-200 مىڭ ئۇيغۇر قوراللىق كۈچ بار ئىدى دېيىش مۇمكىن. شىمالدىكى ئىلى، ئالتاي، تارباغاتايلاردا قازاقلاردىنمۇ خېلى كۆپ مىنبىڭ ھازىرلىغان ئەلۋەتتە. 1960-يىللارنىڭ باشلىرىدا سوۋېت-خىتاي رىقابىتى باشلانغاندىن كېيىن مىنبڭ تەييارلاش باشلىنىپ، شى'ئۇ ۋاقىتتى'ئىكى ۋاڭ ئېنماۋ، سەيپىدىن ئەزىزى قاتارلىقلار قاتناشقان يغىندا 1مىليوندىن 2 مىليونغىچە مىنبىڭ تەييارلاش قارار قىلىنغان. منىبىڭلار داۋاملىق تەييارلىنىپ تۇرغان بولۇپ، 1960-يىللارنىڭ ئاخىرى 1970-يىللاردا يۇقىرى پەللبگە چىققانىدى. بىزنىڭ پەرىزىمىزدىكى ئۇيغۇر مىنبىڭ قوشۇنى 200 مىڭغىچە بولغان ۋاقىتلار ئاشۇ 1970يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى ئىدى. يەنى ئۇرۇش تەييارلىقى كۈچەيتىلىپ، ھەممە يەردە ئاكوپ كولاش، ئىستىھكام قۇرۇش ئەۋجىگە چىققان چاغلار ئىدى.
 
ئەمما ئۇيغۇر خەلقىمىزدە، جۈملىدىن يېزا ئاھالىلىرىدە مىللىي ئاڭ، مىللىي روھ، ۋەتەن ئازادلىقى، ۋەتەن مۇستەقىللىقى دەيدىغان ئۇقۇم يوقنىڭ ئورنىدا بولۇپ، بۇنداق ئىدىيە بارلار ئاز ئىدى. يەنە كېلىپ بۇ مىنبىڭلارنى تەييارلىغان كادىرلارنىڭ خېلى كۆپى جايلاردىكى قوراللىق بۆلۈم ھەربىيلىرى بولۇپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 1945-1949-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ ئەسكىرى ياكى كىچىك ئوفىتسېرى بولغانلارمۇ بار ئىدى. مەن ئەنە شۇنداق بىر كونا ھەربىينىڭ مىلتىقىنى سۇندۇرۇۋەتكەن بىر مىنبىڭنى ئەيىبلىگەنلىكى، بارلىق مىنبىڭلارغا رىزۋانگۇلنىڭ قەھرىمانلىقىنى سۆزلىگەنلىكىنى كىچىك تۇرۇپ ئاڭلاپ ھەيران قالغان ۋە دادامدىن سورىغاندا دادام سۆزلەپ بەرگەن، ئەمما ئاشۇ يېزىلىق ئۇيغۇر مىنبىڭلار رىزۋانگۈل دېگەن كىم، مىللىي ئىنقىلاب دېگەن نېمە ئۇنى بىلمەيتتى. كىچىك ۋاقتىمىزدا بەزى قېرى ئادەملەر « تۇڭگان سوقۇشى» ۋە مامۇت سىجاڭ ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى ھەم 1949-يىلى 12-ئايدا ۋە 1950- 1-ئايدا ئاقسۇغا ۋە ئۇچتۇرپانغا كەلگەن ئىلى ئارمىيەسىنىڭ ھەيۋەتلىك كىيىملىرى ھەققىدە سۆزلىگەنلىكىنى ئاڭلاپ سەبىي قەلبىمىزدە كۈچلۈك تەسىر قالغانىدى. لېكىن بۇ ھېكايىلەر خەلق روھىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتەلمىگەن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، 1960-يىللارنىڭ ئاخىرى 1970-يىللاردىكى ئۇيغۇر خەلقى ئاچلىقتا، كەمبەغەلچىلىكتە، سىياسىي كۈرەش، سىنىپىي دۈشمەنلەرگە قارشى كۈرەش، ناتۇرغا ئىشلەش، ئەتىگەنلىك كوللېكتىپ ئەمگەككە چىقىش، داجەيدىن ئۆگىنىش ۋە باشقا تۈرلۈك بېسىملار ئىچىدە زارلىناتتى. ئەمما، ھەقىقەتەن، 1970-يىللاردىكى تولۇق قوراللانغان بۇ مىنبىڭ قوشۇنلىرى قوزغىلاڭ كۆتۈرسە شۇ جايلاردىكى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنى تارمار قىلالىشى ئېنىق ئىدى. ئۇچتۇرپاندا بىر پولك نامىدىكى خىتاي قوشۇنى بار ئىدى. داъئىم ئۇيغۇر مىنبىڭ ۋە خىتاي پولكى بىرلىكتە كۆرەك ئۆتكۈزەتتى. ئۇيغۇر مىنبىڭلارنىڭ سانى خىتايلاردىن كۆپ، قوراللىرىمۇ قېلىشمايتتى. ئۇلارمۇ ھەر كۈنى مەشىق قىلاتتى، ئۇلارغىمۇ كېيىن سېرىق چاپان بەرگەن ھەم بارا-بارا ئۇنى ئەمەلدىن قالدۇرغانىدى.
 
ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئۇيغۇرلار ھېچقاچان مۇنداق قوراللىنىپ ۋە ھەربىي مەشىق قىلىپ باقمىغانلىقى ئېنىق. چۈنكى شەرقىي تۈركىستان ئارمىيەسىنىڭ بار ئەسكىرىمۇ 30-40 مىڭ ئادەم ئىدى ئەمەسمۇ؟ شۇلارمۇ، ھەتتا 10-15 مىڭ ئەسكەر بىلەن 80 مىڭ كىشىلىك خىتاي گومىنداڭ ئارمىيەسىنى تارمار قىلغان ۋە ئىسكەنجىگە ئالغان ئەمەسمۇ؟ 150-200 مىڭ تولۇق قوراللانغان، يەنە كېلىپ پۈتۈن جەنۇب ناھىيەلىرىغىچە يېيىلغان بۇ ئۇيغۇر قوراللىق كۈچ بەئەينى بىر ماشىنا كۇنۇپكىسىغىلا ئوخشىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ باشقۇرغۇچى خالىغانغا سالالايتتى. ئەگەر 1969-1979-يىللىرى ئارىسىدا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۇجۇم قىلغان بولسا، سوۋېت-خىتاي ئۇرۇشى پارتلىغان بولسا بەلكى بۇ قوشۇنلارنى ئۆزگەرتىش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ قوراللىق كۈچىگە ئايلاندۇرۇش مۇمكىن بولار ئىدى. زاتەن سوۋېتمۇ بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەردىن قوشۇن قۇرۇپ شەرقىي تۈركىستان/شىنجاڭغا باستۇرۇپ كىرگەندە ئاۋانگارت سۈپىتىدە پايدىلانماقچى بولغان، بۇلارغا سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قوشۇنلىرى كوماندىرلىرىنى باش قىلغان بولۇپ، زۇنۇن تېيىپوف ۋە مەرغۇپ ئىشاقوفلار بۇنىڭ بېشىدا ئەمەسمۇ؟ ھەتتا 1980-يىلىغىچە موسكۋا ئۇيغۇرلاردىن قازاقىستاندا «مۇسۇلمان باتاليونى» نامىدىكى ئالاھىدە قوشۇننى تەييارلاپ، كېيىن سىياسەتنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى ئافغانىستانغا ئەۋەتكەن ئەمەسمۇ؟. ماۋ زېدوڭنىڭ تاكتىكىسى ئوخشاشلا «ئادەم دېڭىزى ئۇرۇشى» بولۇپ، ئۇ پۈتۈن خىتاي بويىچە ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلغان ھەمدە مىنبىڭ تەسىس قىلغان. ئۇ، ئوخشاشلا ئۇيغۇرلاردىن ئەنە شۇنداق زور ساندا مىنبىڭ قوشۇنى قۇرۇپ چىقىپ، ۋاقتى كەلسە ئۇيغۇرلارنى، يەنە شۇ سوۋېتلەرگە قارشى سېلىش، ئۇلارنى سوۋېت ئارمىيەسىگە قارشى جەڭگە سېلىپ، يەم قىلىپ بېرىش. قىسقىسى «ياتلارغا ياتلار ئارقىلىق قارشى تۇرۇش»، «ئۆز مېيىدا ئۆز گۆشىنى قورۇش» تاكتىكىسى قوللانغانىدى.ئۇيغۇر خەلق ئەسكەرلىرى خىتاينىڭ ئاجايىپ پىلانلىق ئوينىغان بىر مەيدان ئويۇنىدىن ئىبارەت بولۇپ، بىر قانچە يۈز مىڭ ئۇيغۇر قوللىرىدىكى قوراللىرى بىلەن ھەقىقەتەن سوۋېت ھۇجۇم قىلسا ئۇنىڭغا قارشى جەڭ قىلىشى مۇمكىنمىتى؟ مېنىڭچە دەسلەپتە مۇمكىن بولار ئىدى. لېكىن، 1968-1971-يىلى ئارىسىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا شەرقىي تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيەسى ھەرىكەت قىلغان بولۇپ، ئۇلارمۇ ئەنە شۇ مەدەنىيەت ئىنقىلابى ۋە سوۋېت -خىتاي رەقىبلىكىدىن پايدىلانماقچى بولۇپ قوراللىق ھەرىكەتكە تەييارلىق قىلغان.لېكىن 1969-1971-يىلى ئارىسىدا بۇ پارتىيە ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرى ۋەيران قىلىندى. ئۇلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا تايىنىش ئارزۇسىمۇ ئەمەلگە ئاشمىدى. خەلق ئەسكىرى -مىڭبىڭ ئەنە شۇ قېتىملىق باستۇرۇشتىن كېيىن 1972-1977-يىللىرى ئارىسىدا ئەۋجىگە چىققان، ماۋ زېدوڭ ئۆلگەن ۋاقىتلاردا مىڭبىڭلار تازا كۆپەيگەن ۋاقىت ئىدى. ئەمما، ماۋ ئۆلگەندىن كېيىن ھوقۇق خۇ'ئانىڭ قولىغا ئارقىدىن دېڭ شاۋپىڭنىڭ قولىغا ئۆتۈش بىلەن 1981-يىلىغا كەلگەندە، سوۋېت-خىتاي ئۇرۇش قىلىش ۋەزىيىتى ئاخىرلاشتى، «شىنجاڭغا ھەممە ئاپەت سوۋېت شۇجۇڭجۇيىچىلىرىدىن كېلىدۇ» دەيدىغان شوئار توختاپ، ئورنىغا «ھەممە ئاپەت مىللىي بۆلگۈنچىلەردىن كېلىدۇ»غا ئۆزگەردى. 1978-يىلىغا كەلگەندە مىنبىڭلار ئاساسەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. ئۇيغۇرلارغا قورال بېرىدىغان ئىش تۆگىدى. ماۋ نىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىنلا سەيپىدىن ئەزىزنىڭ «شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ بىرىنچى سىياسىي كومىسسارى، بىرىنچى مۇئاۋىن قوماندان، پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرىنچى سېكرېتارى، ھۆكۈمەت، يەنى ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ مۇدىرىدىن ئىبارەت ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورنى بىكار قىلىنىپ، بېيجىڭغا ئېلىپ كېتىلدى. سەيپىدىن بۇ ۋاقىتتا پۈتۈن شىنجاڭ- شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەربىي-سىياسىي ھوقۇقىنى ئۆزى تۇتقانىدى. يېقىنقى تارىختىمۇ خىتاي ھۆكۈمرانلىقى شارائىتىدا ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر مۇنداق زور ھوقۇققا ئېرىشىپ باقمىغانىدى. دېمەك، ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا ئەڭ كۆپ ۋە ئەڭ مۇنتىزىم ھەربىي تەلىم تەربىيە كۆرۈپ قوراللانغان بىر مەزگىلىنى خۇددى چۈشتەك ئۆتكۈزۈۋەتتى ۋە بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارغا ئۆكىنىش تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ. خۇلاسە نېمە؟ ھەي ئىسىت نادانلىق! ھەي مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي روھنىڭ ئومۇميۈزلۈك بولماسلىقى، سىياسىي ئاڭ ۋە ساپاسىزلىق! بۈگۈنكى خىتاي سىياسىيونلىرى ئاشۇ 1970-يىللاردىكى 150-200 مىڭغىچە تولۇق قوراللىنىپ ھەربىي مەشىقتىن ئۆتكەن ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرەتلىرىنى كۆرگىنىدە، ئېھتىمال ياقىسىنى تۇتۇپ قېلىشى، چۆچۈپ كېتىشى ۋە يەنە بىر تەرەپتىن كۈلۈشى مۇمكىن. ياقىسىنى تۇتۇشى خىتاي كوممۇنىستلىرى، جۈملىدىن ماۋنىڭ چوڭ بىر تەۋەككۈلچىلىك قىلغانلىقى بولسا، كۈلۈشى ئۇيغۇرلاردىكى ئەنە شۇ مىللىي روھى ئاجىزلىق ۋە سىياسىي ساپاسىزلىق بولسا كېرەك. چۈنكى بۈگۈنكى خىتاي ھېچقاچان ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مۇنداق 200 مىڭ ئۇيغۇرغا قورال بېرىپ، مەشىققە سالمايدۇ! بۇ تەۋەككۈلچىلىكنى ئۇلار تارىختا بىرلا قېتىم قىلدى.