موسكۋادىكى بىر كونسېرت زالى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى: ئىككىنچى كۈنىدىكى يېڭى خەۋەرلەر

Russia Concert Venue Attack: At Least 40 Reported Dead in Shooting

روسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى بىر كونسېرت زالى 22-مارت كەچتە ھەربىيچە كىيىنگەن قوراللىق كىشلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە 60 ئادەم ئۆلۈپ، يۈزدىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى. ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ موسكوۋادىكى باش ئەلچىخانىلىرىنىڭ ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۇقرالىرىنى ئاممىۋى پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، 23-مارت سەھەرگىچە ھۇجۇمدا كەم دېگەندە 60 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 145 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ 2004-يىلىدىن بۇيان روسىيەدە يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ قانلىق ھۇجۇم ئىكەن. 2004-يىلدىكى بېسلان مەكتەپ قورشاۋىدا، قوراللىق ھۇجۇمچىلار نەچچە يۈز بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1000 دىن ئارتۇق ئادەمنى گۆرۈگە ئېلىۋالغان.

ئەينى ۋاقتتا، سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى روك گۇرۇپپىسى «Picnic» پايتەخت موسكۋانىڭ غەربىگە جايلاشقان كروكۇس شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدىكى (Crocus City Hall) 6200 كىشىلىك زالدا ئويۇن قويۇشقا تەييارلانغان.

روسىيە سەھىيە مىنىستىرى مىخايىل مۇراشكومۇ يارىلانغانلاردىن 60 نەپىرىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ ھەپتە ئاخىرىدا موسكۋادا بارلىق تەنتەربىيە، مەدەنىيەت ۋە باشقا ئاممىۋى پائالىيەتلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى.

ۋەقەدىن كېيىن بىناغا ئوت كەتكەن بولۇپ، رويتېرس ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن دەلىللەنگەن ۋە ھەمبەھىرلەنگەن سىندا، كروكۇس شەھەرلىك ھۆكۈمەت بىناسىدا ئىس-تۈتەكنىڭ ئۆرلەۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. ۋەقە نەخ مەيدانىغا نۇرغۇنلىغان ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى ئەۋەتىلگەن.

Interfax خەۋەر ئاگېنتلىقى بۇ ھۇجۇمنى كەم دېگەندە ھەربىي كىيىم كىيگەن بەش كىشى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. TASS نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھۇجۇمدا ئاپتومات ئىشلىتىلگەن.

ئاقساراي: ھۇجۇمغا ئۇكرائىنانىڭ قاتناشقانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق پاكىت يوق

ئاقساراي موسكۋادىكى ھۇجۇمغا مۇناسىۋەتلىك بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ سۈرەتلەرنىڭ «قورقۇنچلۇق» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاقساراي ھازىر ھۇجۇمغا «ئۇكرائىنانىڭ قاتناشقانلىقىغا ئائىت ھېچقانداق پاكىت يوق» دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە نۇرغۇن غەرب دۆلەتلىرىنىڭ پۇقرالارنى تەخمىنەن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى موسكۋادا يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان تېرورلۇق ھۇجۇمى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئەلچىخانىلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇش باياناتىدا، ئۇلارنىڭ پۇقرالىرىدىن رۇسىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەر قانداق پائالىيەتلەرگە قاتناشماسلىقنى تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

دائىش ھۇجۇمنى ئۈستىگە ئالدى

بىر مەزگىل «ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتى» نامىدا ئوتتۇرا شەرقتە مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسەتكەن ۋە كېيىنچە خەلقئارادا «دائىش» نامى بىلەن تونۇلغان تەشكىلات، ئۆزىنىڭ ئاماق ئاگېنتلىقىغا تەۋە تېلېگرامما قانىلىدا بۇ ھۇجۇمنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

2024-يىلى 23-مارت